رەسىملەر بىلەن جۈملىلەرنى ماسلاشتۇرۇش

ئاددىي، قىسقا، چۈشىنىشلىك جۈملىلەر بىلەن رەسىملەر بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ مەشىق يېڭىلا ساۋاتى چىقىپ، جۈملىلەرنى ئوقۇشقا باشلىغان بالىلىرىمىز ئۈچۈن تەييارلاندى. ئاۋۋال كارتىلارنى كېسىپ تەييار قىلىۋالىمىز. ئاندىن جۈملىلەرنى ئوقۇپ، رەسىملەر بىلەن ماسلاشتۇرىمىز. بىر قېتىمدا قانچە كارتىنى ئوقۇپ ماسلاشتۇرۇشنى بالىنىڭ ئوقۇپ، چۈشىنىش سەۋىيەسىگە قارىتا بەلگىلىسەك بولىدۇ. مەسىلەن، ئەڭ دەسلەپتە ئۈچ تال جۈملە كارتىسى ۋە ماس رەسىم كارتىسىنى قوشۇپ ئالتە …
Continue reading رەسىملەر بىلەن جۈملىلەرنى ماسلاشتۇرۇش

 215 total views

32 ھەرپنى تەكرارلايلى

ئېلىپبەنى يېڭىلا تۈگەتكەن ھەممە ئوماقلارنىڭ دېگۈدەك تىل - ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن 32 ھەرپنى بىر تەكرارلاشقا ئېھتىياجى بولىدۇ. بالىلار تەكرارلاش ئارقىلىق ئىلگىرى ئۆگەنگەنلىرىنى پىششىقلايدۇ. يەنى ھەرپلەرنى تېخىمۇ ئېنىق، پەرقلەندۈرۈپ تونۇيدۇ. ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارىمۇ ياخشىلىنىدۇ. مۇھىمى ھەممە ھەرپلەرنى تونۇپ بولغان ھالەتتە ئاددىي مەشىقلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، تىل -ئەدەبىيات دەرسلىرىدە ئۇچرايدىغان، ئۇلارغا تىل ئۆگىتىشتە مۇھىم بولغان مەشىقلەرنىڭ …
Continue reading 32 ھەرپنى تەكرارلايلى

 723 total views

تىل ئويۇنى: رەڭ پادىشاھى

بۇ ئويۇن ئارقىلىق بالىلار ھەرىكەتچان ھالەتتە رەڭلەرنىڭ ئاتىلىشىنى ياخشى مەشىق قىلالايدۇ ۋە مۇھىمى دوستلىرى بىلەن بىللە ئويناپ، خۇش بولىدۇ. جىق بالىلار قاتناشسا قىزىيدۇ. شۇڭا ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ياكى ھەر تۈرلۈك بالىلار يىغىلىشلىرىدا ئويناشقا بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئويۇن قائىدىسى ئۈچۈن ئاستىدىكى ھۆججەتنى ئېچىڭ.  415 total views

 415 total views

كۈرەش نەگە كەتتى؟

كۈرەش ھەر خىل قاتناش ۋاستىلىرىگە ئولتۇرۇپ، قەيەرلەرگە، نېمە ئىشلارنى قىلغىلى كەتكەندۇ؟  420 total views

 420 total views

بىر بەتلىك تىل كۈچەيتىش مەشىقلىرى

بىر بەتلىك تىل كۈچەيتىش مەشىقلىرى توققۇز ياشتىن يۇقىرى بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلدى. بۇ مەشىقلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا ياردەمچى بولۇش مەقسەت قىلىندى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان، لېكىن مۇھىم بولغان سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىپ پىششىقلىشى ئۈچۈن2. ئۇيغۇرچە سۆزلىگەندە مەكتەپ تىلىدىن تەرجىمە قىلىپ سۆزلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان خاتالىقلارنى چۈشىنىشى ۋە تۈزىتىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن3. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاددىي …
Continue reading بىر بەتلىك تىل كۈچەيتىش مەشىقلىرى

 638 total views

ئاقلامچى

كۈرەش (يەتتە ياش) ئاقلامچى مەن ئۆزۈم بىر ئاقلامچى، ھۈنەرگە ئۇستا. يېڭى سالغان بۇ ئۆينى، ئاقلىدىم كاتتا. تام - تورۇسنى ئاقلىسام، چوتكام ئوينايدۇ. ئاقلىمىغان ئاخىرى، بۇرنۇم قالماپتۇ.  477 total views

 477 total views

ھەپتە ناخشىسى

كۈرەش (يەتتە ياش) ھەپتە ناخشىسى دۈگىلەپ، دۈگىلەپ كەلدى دۈشەنبە. سەكرەپ كەلدى سەيشەنبە. چامداپ كەلدى چارشەنبە، پايلاپ كەلدى پەيشەنبە، ئۇلۇغ جۈمە، شېكەر شەنبە، ئەڭ كەينىدە يەكشەنبە.  453 total views

 453 total views

12 ئاي ناخشىسى

كۈرەش (يەتتە ياش) 12 ئاي ناخشىسى سۆزى: گۈلنار ئىمام مۇزىكىسى: گۈلنار ئىمام مۇزىكىسىنى چالغۇچى: ئابدۇرېھىم ئوسمان كۆكتۇغ فىلىم ئىشلىگۈچى: مەردان ئۇيغۇر يىلنىڭ بېشى يانۋار، ئاندىن كېلەر فېۋرال. مارتتا نورۇز بايرىمى، ئاپرېل ھەم باھار. مايدا گۈللەر ئېچىلار، چېچەكلەيدۇ ئالمىلار. ئىيۇندىكى ئىسسىق قۇياش، ئالتۇن نۇر چاچار. ياز ئىيۇلغا ئۇلىشار، ئاۋغۇستتا خوشلىشار. سېنتەبىردە ئالتۇن كۈز، ئالمىلار پىشار. ئۆكتەبىردە …
Continue reading 12 ئاي ناخشىسى

 841 total views

يۇلتۇزلارغا سۆز

كۈرەش (يەتتە ياش) يۇلتۇزلارغا سۆز ئابلىكىم ھەسەن جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار، كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە. ئۇلار تۈننىڭ زىننىتى، بوۋىلارنىڭ سۆزىچە. ئېيتىڭلارچۇ يۇلتۇزلار، مەن دوستلۇققا يارامدىم؟ ھەممىڭلارنىڭ قېشىغا، مېھمان بولۇپ بارامدىم؟ ساناپ باقسام ئۇلارنىڭ سانلىرىنىڭ چېكى يوق. ئاداش بولاي دېسەم مەن، كۆز قىسىدۇ، سۆزى يوق.  397 total views

 397 total views

چىك – چىك – چىك

كۈرەش (يەتتە ياش) چىك - چىك - چىك چىك - چىك - چىك، ئويغان بالىجان. تەييارلىدى چاي، ساڭا ئانىجان. چىك - چىك - چىك، مەكتەپكە يول ئال. تىرىشىپ ئۆگەن، ئۇستاز سۆزى بال.  392 total views

 392 total views