سۆزلۈك كارتىلىرى, كارتىلار ۋە پىلاكاتلار

دېڭىز ئاستى جانلىقلىرىنى بوياپ ئۆگىنىش

دېڭىز ئاستى جانلىقلىرى - بوياش ماتېرىيالى

525 total views, 5 views today

تەبىئەت دۇنياسى ھەققىدە ئوقۇشلۇقلار, ساۋات چىقىرىش

دەرەخلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئۆگىنەيلى

دۇب دەرىخى

383 total views, no views today

ئومومىي تەكرار ئۈچۈن مەشىقلەر

ساۋاتى چىققان بالىلار ئۈچۈن يازلىق تەتىل تاپشۇرۇقلىرى

ئانا تىل ھەر كۈنىمىزگە ھەمرا تىل. يازلىق تەتىلدە قانغۇدەك ئويناش بىلەن بىرگە يەنە ھەر كۈنى ئانا تىلىمىزنى تاشلاپ قويماي ئۆگىنەيلى. بۇ مەشىقلەرنى ئىشلەپ يېڭىلا چىققان ساۋاتىمىزنى پىششىقلايلى، يېزىشقا تېخىمۇ ئۇستا بولۇپ كېتەيلى.
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35

1,051 total views, 1 views today

ئومومىي تەكرار ئۈچۈن مەشىقلەر, ئومۇمىي تەكرار

مەنمۇ كىتاب يازالايمەن!

«مەنمۇ كىتاب يازالايمەن!» سەھىپىسىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ بالىڭىزغا ئەڭ دەسلەپكى شەيئىلەرنى تونۇش كىتابلىرىنى ۋە بالا ئۆزى ئوقۇيدىغان ئەڭ دەسلەپكى ئاددى كىتابلىرىنى يېزىپ بېرەلەيسىز. بۇ ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ بالىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كىتابلىرىنى يېزىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرسىڭىز بولىدۇ. يەنى ساۋادى يېڭى چىققان بالىمىز ئۆزى يازسىمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

مېنىڭ مېۋە كىتاۋىم

مېنىڭ كۆكتات كىتابىم

355 total views, 1 views today

32 ھەرپ, 32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى, ئومۇمىي تەكرار, ساۋات چىقىرىش, سۆزلۈك كارتىلىرى

رەڭدار بوغۇملۇق سۆزلەر

رەڭدار بوغۇملۇق سۆزلەر ھەرپلەرنى تونۇپ بولغان بالىلىرىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇش مەشىقى ۋە سۆزلۈك كارتىلىرى بىلەن ئوينىلىدىغان ئويۇنلىرى ئۈچۈن تەييارلاندى.

ئا ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئە ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ت ھەرىپىنىڭ سۆزلىرى

ن ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئو ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئۇ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ب ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

پ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئۆ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئۈ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

د، ر، ز، ژ ھەپلىرىنىڭ سۆزلىرى

ئې، ئى ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ي ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ۋ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ل ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

م نىڭ سۆزلىرى

712 total views, no views today

ساۋات چىقىرىش

كارتىلار: ھايۋاناتلارنىڭ تەن تۈزۈلۈشى

ھايۋاناتلار ئاجايىپ ئۆزگىچە جانلىقلار. بىزنىڭ باش، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز، قول، پۇت... قاتارلىق ئەزالىرىمىز بار. ھايۋاناتلارنىڭمۇ شۇ. تېخى ئۇلاردا بىزدە يوق بەزى ئەزالار بار ھەم ئىسىملىرىمۇ بەك ئۆزگىچە. بېلىقنىڭ ژابراسى، پىلنىڭ خارتومى، شاتۇتىنىڭ تۇمشۇقى بار. بىزنىڭ يوق. بۇ كارتىلارنى ماتېرىيال قىلىپ ھايۋاناتلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى تونۇشىۋېلىڭ.

ھايۋاناتلارنىڭ تەن تۈزۈلۈشى

751 total views, 1 views today

ساۋات چىقىرىش

ئاۋازلىق كىتاب: قارا بېلىجان

دېڭىزنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بىر توپ قىزىل بېلىجانلار ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر تاللا قارا بېلىجان بار ئىكەن. بىر كۈنى بىر يوغان ھەم قورسىقى بەكمۇ ئېچىپ كەتكەن تىكەنباش بېلىق دولقۇنلارنى يېرىپ ئۈزۈپ كەلگىنىچە قىزىل بېلىجانلارنى بىر يالماپلا يۈتىۋېتىپتۇ.... قارا بېلىجان قانداق بولغاندۇ؟

بۇ ھېكايىنىڭ تېكىستىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

كىتابنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ.

661 total views, no views today

ساۋات چىقىرىش, ساۋات چىقىرىش سىن دەرسلىرى

«ئا» ۋە «ئە» ھەرپىنى بالىلارغا قانداق ئۆگىتىمىز؟

بۇ سىندا تاشئالما ئېلىپبەسىدىن پايدىلىنىپ ئا ۋە ئە ھەرپلىرىنى ئۆگىتىش سۆزلەندى.

 

ساۋات چىقىرىش دەرسلىكى 1: ئا ۋە ئە ھەرپىنى ئۆگىتىش #tashalma #elipbe #anatil

تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىسى‎ paylaştı: 3 Şubat 2019 Pazar

 

ئا ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئە ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئا  ھەرپى ئۈچۈن مەشىقلەر

ئە ھەرپى ئۈچۈن مەشىقلەر

1,726 total views, 2 views today

32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى, ساۋات چىقىرىش

ئوق ھەرپلەر

‏ ئوق ھەرپلەر

1، 2، 3، 4... تەرتىپ بويىچە يازىمىز. چېكىتتە باشلاپ، ئوقنىڭ ئۇچىغا كەلگەندە توختايمىز... 

مۇھاجىرەتتە چوڭ بولغان پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يەسلى ۋە مەكتەپ مائارىپىدا لاتىنچە يېزىقلارنى ئۆگەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىچىك قوللىرىغا ئانا تىلنى يېزىشنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا مەكتەپتىكى خەت يېزىشنىڭ ئەكسىچە ئوڭدىن سولغا قارىتىپ خەت يېزىش بىر ئاز قېيىن توختايدۇ. «ئوق ھەرپلەر» پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنى يېزىلىش تەرتىپى بويىچە توغرا، چىرايلىق يېزىشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى. بۇ بىر يۈرۈش يېزىش مەشىقىدە 32 ھەرپ ۋە ئۇلارنىڭ شەكىللىرىنىڭ يېزىلىش تەرتىپى ھەرپلەرنىڭ كاۋاك شەكلىدە نۇمۇر ۋە ئىستىرىلكا ئارقىلىق ئېنىق كۆرسىتىلدى. 

«ئوق ھەرپلەر» نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

«ئوق ھەرپلەر» ئاساسلىقى ئىزلاپ يېزىش مەشىقىدۇر. يەنى كاۋاك ھەرپلەرنى قويۇلغان نۇمۇرلارنىڭ رەت تەرتىپى ۋە ئىستىرىلكىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىزلاپ يېزىپ مەشىق قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بالىلار ئىزلاپ يېزىپلا قالماستىن، يەنە بۇ كاۋاك ھەرپلەرنى يېزىلىش تەرتىپى بويىچە بويىسا ياكى ئۆيلەردە ئاسانلا تېپىلىدىغان ئۇششاق تاش، قۇرۇق يەل-يىمىش، ئۇششاق مارجان، خېمىر دېگەندەك ماتىرىياللار بىلەن ھەرپلەرنى تىزىپ چىقسا، ياساپ ئوينىسا بولىدۇ. بۇ مەشىق ماتىرىيالىدىن سۈپەتلىك پايدىلىنالىشىڭلار ئۈچۈن پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا ھەم بالىلار ئاق دوسكا قەلىمى بىلەن ھەرپلەرنى قايتا-قايتا يېزىپ كۆپ مەشىق قىلالايدۇ. 

«ئوق ھەرپلەر» نىڭ پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ھەرپلەرنى ئۆگىنىشىگە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كىچىك قوللارنىڭ ئانا تىلىنى ئوڭدىن سولغا چىرايلىق، توغرا يازىدىغان بولۇپ كېتىشىنى تىلەيمىز. 

ئوق ھەرپلەرنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

914 total views, no views today

32 ھەرپ, 32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى, ساۋات چىقىرىش

گۈل ئانىدىن «تاشئالما» ئېلىپبەسىگە مەشىقلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى

تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىمىز نەشىر قىلغان ئېلىپبە كىتابى ھازىر دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ساۋات چىقىرىش ماتىرىيالى قىلىپ قوللانماقتا. بۇلارنىڭ بىرى نورۋېگىيەنىڭ بەرگىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدۇر. مەزكۇر مەكتەپنىڭ مەسئۇلى ۋە تەجىربىلىك ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى گۈلشەن مۇئەللىم پەرزەنىتلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش مەنبەلىرىنىڭ ۋە مەشىق، قوللانمىلىرىنىڭ مول بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلىپبە كىتابىمىزنى ئاساس قىلىپ بىر يۈرۈش مەشىق توپلىمىنى تۈزۈپ تەييارلىماقتا. بۇ بىر يۈرۈشتە گۈلشەن مۇئەللىمنىڭ ئۆز سىنىپىنىڭ ھەر قېتىملىق دەرس پىلانىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پىلانلار سىلەرنىڭ ئائىلە ۋە مەكتەپتىكى ئانا تىل ئۆگىنىشڭلارنىڭ پىلانلىق، سېستىملىق بولۇشىغا  ياردەمچى بولالايدۇ. مەشىقلەرنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن چۈشۈرگەيسىلەر. سىلەرگە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.

ئا

ئە

ت

ن

 «ئا،ئە،ن،ت» ھەرپلىرىگە تەكرار

ب

پ

تەكرار 2

ئو

ئۆ

ئۈ

د

ر

ز ،ژ

3- تەكرار

ئى

ئې

2,176 total views, no views today