پېداگوگىكىلىق ئويۇنلار

تىل ئويۇنى: يەنە قانداق تۈرلەرنى بىلىسىز؟

تىل ئويۇنى: يەنە قانداق تۈرلەر بار؟
قاتنىشىدىغان ئادەم سانى: ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ.
ئويۇن قائىدىسى: ئالدى بىلەن ئويۇنغا قاتناشقۇچى چوڭلاردىن بىرەيلەن مەلۇم بىر تۈرگە تەۋە سۆزدىن ئىككىنى دەيدۇ. مەسلەن: «كۆكتات» لاردىن «پىياز، سەۋزە» ياكى «كىيىم - كېچەكلەر»دىن «چاپان، مايكا» نى دېدى دەيلۇق. ئاندىن 2 - بىرەيلەن يېڭى بىر تۈردىكى سۆزدىن ئىككىنى دەيدۇ. مەسلەن: «پويىز، ماشىنا» ۋە ياكى «دۈشەنبە، سەيشەنبە» ۋە ياكى «كالا، تۆگە» دېگەندەك. ئويۇن تاكى بىرەيلەن دېيەلمەي توختاپ قالغاندا قەدەر ئايلىنىپ داۋام قىلىدۇ. ئېنىقكى ئويۇن داۋام قىلغانسىرى يېڭى تۈرلەرنى تېپىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. مەسلەن: «ھايۋاناتلار» دېگەن بىر تۈرنى ئۆي ھايۋانلىرى، سۇدا ياشايدىغان جانلىقلار، قوش ماكانلىقلار، ئافرىقىدا ياشايدىغانلار قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەرگە ئايرىيالىساق ھەر قېتىم نۆۋىتىمىز كەلگەندە سۆز تېپىش پۇرسىتىمىزنى ئاشۇرالايمىز. پەقەت يېڭى تۈر تاپالمىغاندا ياردەم سوراشقا بولىدۇ. بۇ چاغدا باشقىلار يېڭى بىر تۈرنىڭ ئىسمىنى تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇ تۈرگە تەۋە سۆزنى يەنىلا ياردەم سورىغۇچى ئۆزى دەيدۇ. بىر ئايلانما تۈگىگەندىن كېيىن تاپىدىغان سۆزنى ئىككىدىن ئۈچكە ياكى تۆت، بەشكە ئاشۇرۇپ ئوينىساق بولىدۇ. بۇنىڭدا ئويۇنغا قاتناشقان بالىلارنىڭ يېشى ۋە تىل ھازىرلىقىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك. ئويۇنغا قاتناشقان چوڭلار كىچىكلەرگە ماسلىشىپ بېرىشقا ماھىر بولۇشى لازىم (بەك زۆرۈر بولسا ئەلۋەتتە پىچىرلاپ تۇرۇپ ئازراق ياردەم قىلساق بولىدۇ) ۋە ياكى ئاپا، دادا ئىككى گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، بالىلارنى تەڭ ساندا بۆلۈشۈپ ئېلىپ، ئىككى تەرەپ بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئوينىغاندا گۇرۇپپا باشلىقى ياكى ئەزالىرى يېڭى تۈر تېپىشتا بىر - بىرىگە ياردەم قىلسا بولىدۇ.

891 total views, no views today

پېداگوگىكىلىق ئويۇنلار

ئويۇنلار: قايسىنى خالايسىز؟

قايسىنى خالايسىز؟ قانچە قېتىم؟ دەپ سورايمىز. بۇنى كىچىكىمىزدە ھەممىمىز ئويناپ باققانغۇ دەيمەن. ئىچىگە سۆزلەرنى يېزىپ ئوقۇساق، ھەرپلەرنى يېزىپ ئوقۇساق، ياكى رەسىملەرنى چاپلاپ، ئىسمىنى دەپ ئوينىساق بولىدۇ. «قانچە قېتىم؟» دەپ سورىغاندا 40 قېتىم، 50 قېتىم دەپ قويساق، تېخى ئۇيغۇرچە ساناشنى مەشىق قىلىۋالىمىز.

582 total views, no views today

پېداگوگىكىلىق ئويۇنلار

تىل ئويۇنى: مەن نېمىنى ئويلىدىم؟ كىم تاپالايدۇ؟

قاتنىشىدىغان ئادەم سانى: ئاز دېگەندە 2

ياش چەكلىمىسى: 3 ياشتىن يۇقىرى

ئويۇن قائىدىسى: بىرەيلەن كۆڭلىگە كونكىرىت بىر نەرسىنى پۈكىدۇ. مەسلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن دادا بولغۇچى كۆڭلىدە بىر چاپاننى ئويلاپ پۈكتى دەيلى. قالغانلار سوئال سوراشنى باشلايدۇ. تاپقۇچىلار چوقۇم ھەئە ياكى ياق دەپ جاۋاب بېرىلىدىغان سوئاللارنى سورىشى لازىم. دادىسىمۇ سوئاللارغا پەقەت ياق، ھەئە لا دەپ جاۋاب بېرىشى كېرەك.

دادىسى: بولدى، مەن بىر نەرسىنى ئويلىدىم. ئەمدى سوئال سورىساڭلار بولىدۇ. قېنى كىم تېپىۋالىدىكىن؟

ئاپىسى: ئۇ بىر يەيدىغان نەرسىمۇ؟

دادىسى: ياق

بالىسى: ئۇ بىر ھايۋاناتمۇ؟

دادىسى: ياق

بالىسى: ئۇ بىر قۇشمۇ ئەمىسە؟

دادىسى: ياق

ئاپىسى: ئۇ بىزنىڭ ئۆيدە بار نەرسىمۇ؟

دادىسى: ھەئە

بالىسى: ئۇ بىر سافامۇ؟

دادىسى: ياق

ئاپىسى: ئۇ ياتاق ئۆيدە بارمۇ؟

دادىسى: ھەئە

بالىسى: ئۇ كارىۋاتمۇ؟

دادىسى: ياق

ئاپىسى: ئۇ بىر كىيىممۇ؟

دادىسى: ھەئە

بالىسى: ئۇ بىر ئىشتانمۇ؟

دادىسى: ياق

.......

......

.......

مۇشۇنداق توختىماي سوئال سوراپ ئاخىرى ئۇنىڭ چاپان ئېكەنلىكىنى تېپىۋالىدۇ.

بۇ ئويۇندا تاپقۇچىلار ئالدى بىلەن « ئۇ بىر مېۋىمۇ؟ كىيىممۇ؟ قۇشمۇ؟ ھايۋاناتمۇ؟ شەھەرمۇ؟ بەدەندىكى بىر ئەزامۇ؟ بىر تاماقمۇ؟ ياكى بىر كۆكتاتمۇ؟ بىر قاتناش قورالىمۇ؟ » دېگەندەك سوئاللار ئارقىلىق بۇ نەرسىنىڭ قايسى كاتاگورىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تېپىۋالسا، ئاندىن چوڭ-كىچىكلىكى، رەڭگى، تەمى، شەكلى، نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى...قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئائىت سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق  ئىزدەش دائىرىسىنى بارغانسىرى كىچىكلىتىپ، ئۇ سۆزنى چوقۇم تېپىۋالىدۇ. بەزىدە تاپالماي قالسا سوئال-جاۋاب بەك ئۇزۇن داۋاملىشىشىمۇ مۇمكىن. بۇ جەرياندا بالىلار تۇرمۇشتىكى نەرسىلەرنىڭ ئوخشىمىغان كاتاگورىيەلىرىنى ۋە بۇ كاتاگورىيەلەردىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ۋە بۇ نەرسىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن سۈپەتلەرنى ئويلايدۇ ۋە دەپ مەشىق قىلىدۇ.

چوقۇم ئويناپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

615 total views, no views today

0-6 ياشقىچە ئانا تىل, پېداگوگىكىلىق ئويۇنلار

تىل ئويۇنى: كىم ئەڭ تېز ماڭىدۇ؟

ئاپىلار، دادىلار ۋە بالىلار تەڭ ئوينايلى...كارتىلاردىن ئۇزۇن يول ياساپ، ئاتلاپ-ئاتلاپ ماڭايلى! ئاخىرقى پەللىگە قېنى كىم ئەڭ تېز يېتىپ بارىدىكىن؟ كۆڭۈللۈك ئوينىغاچ كارتىلاردىكى سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىۋالىمىز. تەپسىلاتى ئۈچۈن سىننى كۆرگەيسىز.

بۇ ئويۇندا تىلغا ئېلىنغاندەك كارتىلارغا ۋە رەسىملەرگە ئېھتىياجىڭىز بولسا  بۇ ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ.

670 total views, no views today

32 ھەرپ, پېداگوگىكىلىق ئويۇنلار, دەسلەپكى تەييارلىق

تاۋۇش قۇراقلىرى

تاۋۇش قۇراقلىرى بىر ماسلاشتۇرۇش ئويۇنى بولۇپ رەسىملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاۋۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئوينايمىز. تاۋۇش قۇراقلىرىنى يەنە تاۋۇشلارنى ۋە ئانا ھەرپلەرنى تونۇتىدىغان كارتا  قىلىپمۇ ئىشلىتەلەيمىز. بۇ ئويۇننىڭ ماتىرىيالى بولغان PDF ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

815 total views, 1 views today

پېداگوگىكىلىق ئويۇنلار

تىل ئويۇنى: ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە سۆز تېپىش

كىم تېز تاپالايدۇ؟

 

بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى مۇنداق:

ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ كىشى بىللە ئولتۇرۇپ ئېلىبپە تەرتىپى بويىچە سۆز تاپىمىز. مەسلەن: ئالما، ئەنجۈر، بەش، پالتا، تاۋۇز، جەرەن، چەينەك، خوراز، دوپپا، روزا، زىراپە، ژورنال..... مۇشۇنداق قىلىپ ئا ھەرپىدىن باشلانغان سۆزدىن باشلاپ ئەڭ ئاخىرىدىكى ي ھەرپىدىن باشلانغان سۆزدە توختايمىز. ئەڭ تېز تېپىپ بولغۇچى ئۇتىۋالغان بولىدۇ. ئەگەر ئېلىپبە تەرتىپىنى بىلمىسەك سۆزلەرنى تېپىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 ھەرپنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تۆۋەندىكىدەك يېزىپ تەييارلىۋالساقمۇ بولىدۇ. بىر ھەرپنىڭ سۆزىنى تاپقاندا شۇ ھەرپكە توغرا بەلگىسى قويساق بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ڭ ھەرپى ئۈچۈن ياڭاق، ئەڭ، چوڭ دېگەندەك ڭ ھەرپى بار سۆزلەرنى تاپساق بولىدۇ.

 

بۇ ئويۇننى ساۋادى چىقىپ بولغان بالىلار ئاغزاكى ئوينىماي، يېزىپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. يەنى تۆۋەندىكى جەدۋەلگە تاپقان سۆزلەرنى يازىمىز. سۆزلەرنى كىم ئەڭ تېز تېپىپ، جەدۋەلگە يېزىپ بولسا ئۇتقان بولىدۇ.

 

 

 

 

 

كىم تېز تاپالايدۇ؟

 

  ئا 1
  ئە 2
  ب 3
  پ 4
  ت 5
  ج 6
  چ 7
  خ 8
  د 9
  ر 10
  ز 11
  ژ 12
  س 13
  ش 14
  غ 15
  ف 16
  ق 17
  ك 18
  گ 19
  ڭ 20
  ل 21
  م 22
  ن 23
  ھ 24
  ئو 25
  ئۇ 26
  ئۆ 27
  ئۈ 28
  ۋ 29
  ئې 30
  ئى 31
  ي 32

 

 

 

1,702 total views, no views today

پېداگوگىكىلىق ئويۇنلار

تىل ئويۇنى: كىم كۆپ سۆز بىلىدۇ؟

قاتنىشىدىغان ئادەم سانى : 2+

ياش چەكلىمىسى: 4+

بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى مۇنداق: ئويۇننى باشلىغۇچى ئالدى بىلەن بىر كاتاگورىيىنى بېكىتىدۇ. مەسلەن: ھايۋاناتلار، كۆكتاتلار، دۆلەتلەر، ئۇيغۇرلاردا مەشھۇرلار، ۋەتىنىمىزدىكى شەھەرلەر... دېگەندەك. ئاندىن 1،2،3.. باشلاندى دېيىشى بىلەن قالغانلار بىر مىنۇت ئىچىدە 10 سۆز تاپىدۇ. كىم ئەڭ تېز تېپىۋالسا كېيىنكى ئايلانما ئۈچۈن كاتاگورىيە بېكىتىدۇ ۋە ئويۇننى باشلايدۇ. ئويۇن مۇشۇنداق ئايلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئويۇنغا قاتناشقۇچى بالىلارنىڭ يېشى ۋە سۆزلۈك مېقدارىغا ئاساسەن ۋە يەنە بېكىتكەن كاتاگورىيەنىڭ قېيىن-ئاسانلىقىغا قاراپ سۆز تېپىش ۋاقتىنى قىسقارتساق ياكى ئۇزارتساق، سۆز سانىنىمۇ ئاشۇرۇپ ياكى ئازايتساق بولىدۇ. كاتاگورىيە بېكىتكەندىمۇ بالىنىڭ قىزىقىشىنى نەزەرگە ئېلىشنى ئۇنتۇمايلى. بالىڭىز قايسى كاتاگورىيىدە كۆپرەك سۆز بىلىدۇ؟   

1,100 total views, 1 views today

ئاۋازلىق كىتابلار, پېداگوگىكىلىق ئويۇنلار, كىتابلار ۋە ئوقۇشلۇقلار

كىتاب: تۈكلۈك قۇرت

يەنە شۇ كىتاب... بالىلار ئوقۇپ، ئوقۇپ زېرىكمەيدىغان، ئوينىسا ئوينىسا ئوينىغۇسى كېلىدىغان تۈكلۈك قۇرت...

باھار كېلىپ، كۈن ئىسسىۋاتىدۇ. ئەتراپىڭلاردا تۇيۇقسىزلا رەڭدار قاناتلىق كېپىنەكلەر ئۇچۇپ يۈرەمدۇ؟ تۈكلۈك قۇرت كىتابىمىزنى ئوقۇيدىغان، ئوينايدىغان پەسىل يەنە كەلدى. ھويلىمىزنى، باغچىلارنى ياخشى كۈزىتەيلى. كېپىنەك بولىمەن دەپ تازا سېمىرىپ كەتكەن تۈكلۈك قۇرتلارنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن

تۆۋەندىكى پىلاكاتلارنى بېسىپ چىقىرىپ، رەسىملەرنى قېيىپ ئېلىپ، تۈكلۈك قۇرتنى تازا ئوينىۋېلىڭلار.

كېپىنەك تېمى ياساپ باقايلى
بۇ كېپىنەكلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلى تۈكلۈك قۇرتتى. ئەمدى كېپىنەك بولۇپ كەتتى بۇنداق كېپىنەكنى سىزغاندا، ئاۋۋال كېپىنەكنى كېسىۋېلىپ، بىر قانىتىنى ماي بوياقنى جىق سۈركەپ سىزىۋېلىپ، ئاندىن ئوتتۇرىدىن قاتلىساڭلار يەنە بىر قانىتىغىمۇ شۇنداق گۈللەر چىقىدۇ. بۇ دېگەنچۇ سېممىتىرىك. بىلىۋېلىڭلار ھە كېپىنەكلەرنىڭ ئىككى قانىتى ۋە قانىتىدىكى گۈللىرى سېممىتىرىك..

862 total views, no views today