ئاقلامچى

كۈرەش (يەتتە ياش) ئاقلامچى مەن ئۆزۈم بىر ئاقلامچى، ھۈنەرگە ئۇستا. يېڭى سالغان بۇ ئۆينى، ئاقلىدىم كاتتا. تام - تورۇسنى ئاقلىسام، چوتكام ئوينايدۇ. ئاقلىمىغان ئاخىرى، بۇرنۇم قالماپتۇ.  476 total views

 476 total views

ھەپتە ناخشىسى

كۈرەش (يەتتە ياش) ھەپتە ناخشىسى دۈگىلەپ، دۈگىلەپ كەلدى دۈشەنبە. سەكرەپ كەلدى سەيشەنبە. چامداپ كەلدى چارشەنبە، پايلاپ كەلدى پەيشەنبە، ئۇلۇغ جۈمە، شېكەر شەنبە، ئەڭ كەينىدە يەكشەنبە.  452 total views

 452 total views

12 ئاي ناخشىسى

كۈرەش (يەتتە ياش) 12 ئاي ناخشىسى سۆزى: گۈلنار ئىمام مۇزىكىسى: گۈلنار ئىمام مۇزىكىسىنى چالغۇچى: ئابدۇرېھىم ئوسمان كۆكتۇغ فىلىم ئىشلىگۈچى: مەردان ئۇيغۇر يىلنىڭ بېشى يانۋار، ئاندىن كېلەر فېۋرال. مارتتا نورۇز بايرىمى، ئاپرېل ھەم باھار. مايدا گۈللەر ئېچىلار، چېچەكلەيدۇ ئالمىلار. ئىيۇندىكى ئىسسىق قۇياش، ئالتۇن نۇر چاچار. ياز ئىيۇلغا ئۇلىشار، ئاۋغۇستتا خوشلىشار. سېنتەبىردە ئالتۇن كۈز، ئالمىلار پىشار. ئۆكتەبىردە …
Continue reading 12 ئاي ناخشىسى

 840 total views

يۇلتۇزلارغا سۆز

كۈرەش (يەتتە ياش) يۇلتۇزلارغا سۆز ئابلىكىم ھەسەن جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار، كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە. ئۇلار تۈننىڭ زىننىتى، بوۋىلارنىڭ سۆزىچە. ئېيتىڭلارچۇ يۇلتۇزلار، مەن دوستلۇققا يارامدىم؟ ھەممىڭلارنىڭ قېشىغا، مېھمان بولۇپ بارامدىم؟ ساناپ باقسام ئۇلارنىڭ سانلىرىنىڭ چېكى يوق. ئاداش بولاي دېسەم مەن، كۆز قىسىدۇ، سۆزى يوق.  396 total views

 396 total views

چىك – چىك – چىك

كۈرەش (يەتتە ياش) چىك - چىك - چىك چىك - چىك - چىك، ئويغان بالىجان. تەييارلىدى چاي، ساڭا ئانىجان. چىك - چىك - چىك، مەكتەپكە يول ئال. تىرىشىپ ئۆگەن، ئۇستاز سۆزى بال.  391 total views

 391 total views

يامغۇر ياغدى سىم – سىم

كۈرەش (سەككىز ياش) يامغۇر ياغدىن سىم - سىم سۆزى: ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى مۇزىكىسى: گۈلنار ئىمام يامغۇر ياغدى سىم - سىم، يوپۇرماققا تىم - تىم. چاڭ - توزانلار دېدى: ھىم! ئاندىن يەنە بولدى جىم. يامغۇر ياغدى سىم - سىم، يوپۇرماققا تىم - تىم. قۇشلار راسا يۇيۇندى. ناخشا ئېيقان كىم - كىم؟ يامغۇر ياغدى سىم - سىم، …
Continue reading يامغۇر ياغدى سىم – سىم

 338 total views

ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

كۈرەش (سەككىز ياش) ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ ئاق تاش، كۆك تاش، دەريا بويى سۈزۈك تاش. سېنىڭ بىلەن مەن ئاداش، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ بولساق ئاكا - ئۇكىدەك، بولۇر ئويۇن ئويۇندەك. ئۇرۇشمايلى چۈجىدەك، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ ئاق تاش، كۆك تاش، دەريا بويى سۈزۈك تاش. ماڭا كېرەك كۆپ ئاداش، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ ئادىشىڭنىڭ بىرى مەن، ئوينايدىغان بالىمەن. كۆپ ئويۇننى …
Continue reading ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

 299 total views

خوراز نېمە دەيدۇ؟

كۈرەش (ئالتە ياش) خوراز نېمە دەيدۇ؟ سۆزى: ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر مۇزىكىسى: ئىسكەندەر سەيپۇللا قو قو قوق، قو قو قوق، خوراز چىللايدۇ. ئېيتىڭلاچۇ بالىلار، خوراز نېمە دەيدۇ؟ «تاڭ ئېتىپتۇ، ئورنۇڭدىن چاپسان تۇر دەيدۇ. ئۇخلاپ ياتساڭ كەچكىچە، ئۇياتتۇر» دەيدۇ.  281 total views

 281 total views

كېپىنەك

كۈرەش (يەتتتە ياش) كېپىنەك سۆزى: مۇزىكىسى: ئىسكەندەر سەيپۇللا كېپىنەك، كېپىنەك، كەلگىن جان دوستۇم. بۇ گۈزەل باغچامدا، پەرۋاز قىلغىن شاد. سۇ قۇيۇپ گۈللەرنى، ئاينىتاي دائىم. سەن قونغىن، گۈللەرگە، بولسۇن باغ ئاۋات.  3,770 total views

 3,770 total views