32 ھەرپ, 32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى, ئومۇمىي تەكرار, ساۋات چىقىرىش, سۆزلۈك كارتىلىرى

رەڭدار بوغۇملۇق سۆزلەر

رەڭدار بوغۇملۇق سۆزلەر ھەرپلەرنى تونۇپ بولغان بالىلىرىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇش مەشىقى ۋە سۆزلۈك كارتىلىرى بىلەن ئوينىلىدىغان ئويۇنلىرى ئۈچۈن تەييارلاندى.

ئا ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئە ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ت ھەرىپىنىڭ سۆزلىرى

ن ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئو ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئۇ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ب ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

پ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئۆ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ئۈ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

د، ر، ز، ژ ھەپلىرىنىڭ سۆزلىرى

ئې، ئى ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ي ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ۋ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

ل ھەرپىنىڭ سۆزلىرى

م نىڭ سۆزلىرى

712 total views, no views today

32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى

ئاداش ھەرپلەر

ئاداش ھەرپلەر ھەققىدە

مۇھاجىرەتتە چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ زور كۆپچىلىكى مەكتەپ مائارىپىدا لاتىن يېزىقىنى ئۆگەنگەچكە لاتىنچە ھەرپلەرنىڭ چوڭ ۋە كىچىكتىن ئىبارەت پەرقلەندۈرۈش قولاي بولغان ئىككىلا شەكلى بولۇشى ۋە بۇ ھەرپلەرنىڭ يەككە، يانمۇيان تۇرۇپ سۆز ياسىشىغا قارشى ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ شەكىللىرىنىڭ كۆپ ۋە ھەر خىل بولۇشى ۋە بۇ شەكىللەرنىڭ بەزىدە يانمۇيان تۇرۇپ، بەزىدە قول تۇتىشىپ سۆزلەرنى ياسايدىغانلىقىنى ئۆگىنىش بالىلاردىن كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. ساۋات چىقىرىش دەرسلىرىنى ئۆتۈش جەريانىدا بالىلارغا قوشۇپ يېزىشنى ئۆگەتكەندە ھەر ۋاقىت « بەزى ھەرپلەرنىڭ قولى بار. ئۇلار باشقا ھەرپ ئاداشلار بىلەن قول تۇتىشىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى ھەرپلەرنىڭ قولى يوق. ئۇلار باتۇرلار. ئۆزى يالغۇز، ھېچكىمنىڭ قولىنى تۇتمايمۇ تۇرىۋېرىدۇ» دەپ چۈشەندۈرۈشنى كۆپ تەۋسىيە قىلىپ كەلدۇق. ناھايىتى كۆپ ئاتا -ئانىلاردىن ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تاپشۇرىۋالغان « قولى بارمۇ؟ دەپ سوراپلا ئاندىن توغرا يېزىپ كېتىدۇ »، « قولى بار، قولى يوق دېگەن ئوماق، سېھىرلىك گەپنىڭ قوشۇپ يېزىشنى ئۆگىتىشكە بەك پايدىسى بولدى» دېگەن ئىنكاسلاردىن بىلدۇقكى، بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ بالىلارنىڭ كۆپ خىل ھەرپ شەكىللىرىنىڭ توغرىسىنى تاللاپ قوشۇپ يازالايدىغان بولۇشىدا كۆرۈنەرلىك ياردىمى بولغان. شۇ سەۋەپتىن بالىلارنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۆگىنىشى ئۈچۈن بۇ بىر يۈرۈش قولى بار ھەرپلەرنى تۈزۈپ تارقاتتۇق.

بۇ كارتىلارنى قانداق ئىشلىتىش ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەققىدە تور بېتىمىزگە سىنلىق مىساللارنى قالدۇرىمىز. پايدىلىنىشىڭلارنى ۋە سىلەرگە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاداش ھەرپلەرنىڭ pdf نۇسخىسى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

1,369 total views, no views today

32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى

ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇش مەشقى: رەڭدار ھەرپلىك سۆزلەر

رەڭدار ھەرپلىك سۆزلەر - كاتاگورىيەلەر بويىچە تۈرلەرگە ئايرىلغان سۆزلۈكلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەردە سۆزنى قۇرغۇچى ھەرپلەر ئايرىم - ئايرىم رەڭلەردە يېزىلغان. بۇ ئارقىلىق ھەرپلەرنى يېڭى تونۇغان بالىلارنىڭ سۆز ئىچىدىكى ھەرپلەرنى ئايرىپ تونۇش ۋە قوشۇپ ئوقۇش ئېقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش مەقسەت قىلىندى. رەڭدار سۆزلەرنى كارتا شەكىلدە كېسىپ تەييارلاپ، رەسىملەر ياكى رېئال نەرسىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئويۇنى قىلىپ قوللانساق ئۈنۈمى ئەڭ ياخىشى بولىدۇ. سىلەرگە ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن رەسىملىك ۋە سىنلىق تەۋسىيەلەر قالدۇرۇلدى. مەنپەئەتلىك بولسۇن.

 

مېھمانخانا ئۆينىڭ سۆزلۈكلىرى

ھايۋاناتلار

بەدەندىكى ئەزالار

كىيىم - كېچەكلەر
مېۋىلەر

2,273 total views, no views today

32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى, ساۋات چىقىرىش

ئوق ھەرپلەر

‏ ئوق ھەرپلەر

1، 2، 3، 4... تەرتىپ بويىچە يازىمىز. چېكىتتە باشلاپ، ئوقنىڭ ئۇچىغا كەلگەندە توختايمىز... 

مۇھاجىرەتتە چوڭ بولغان پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يەسلى ۋە مەكتەپ مائارىپىدا لاتىنچە يېزىقلارنى ئۆگەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىچىك قوللىرىغا ئانا تىلنى يېزىشنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا مەكتەپتىكى خەت يېزىشنىڭ ئەكسىچە ئوڭدىن سولغا قارىتىپ خەت يېزىش بىر ئاز قېيىن توختايدۇ. «ئوق ھەرپلەر» پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنى يېزىلىش تەرتىپى بويىچە توغرا، چىرايلىق يېزىشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى. بۇ بىر يۈرۈش يېزىش مەشىقىدە 32 ھەرپ ۋە ئۇلارنىڭ شەكىللىرىنىڭ يېزىلىش تەرتىپى ھەرپلەرنىڭ كاۋاك شەكلىدە نۇمۇر ۋە ئىستىرىلكا ئارقىلىق ئېنىق كۆرسىتىلدى. 

«ئوق ھەرپلەر» نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

«ئوق ھەرپلەر» ئاساسلىقى ئىزلاپ يېزىش مەشىقىدۇر. يەنى كاۋاك ھەرپلەرنى قويۇلغان نۇمۇرلارنىڭ رەت تەرتىپى ۋە ئىستىرىلكىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىزلاپ يېزىپ مەشىق قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بالىلار ئىزلاپ يېزىپلا قالماستىن، يەنە بۇ كاۋاك ھەرپلەرنى يېزىلىش تەرتىپى بويىچە بويىسا ياكى ئۆيلەردە ئاسانلا تېپىلىدىغان ئۇششاق تاش، قۇرۇق يەل-يىمىش، ئۇششاق مارجان، خېمىر دېگەندەك ماتىرىياللار بىلەن ھەرپلەرنى تىزىپ چىقسا، ياساپ ئوينىسا بولىدۇ. بۇ مەشىق ماتىرىيالىدىن سۈپەتلىك پايدىلىنالىشىڭلار ئۈچۈن پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا ھەم بالىلار ئاق دوسكا قەلىمى بىلەن ھەرپلەرنى قايتا-قايتا يېزىپ كۆپ مەشىق قىلالايدۇ. 

«ئوق ھەرپلەر» نىڭ پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ھەرپلەرنى ئۆگىنىشىگە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كىچىك قوللارنىڭ ئانا تىلىنى ئوڭدىن سولغا چىرايلىق، توغرا يازىدىغان بولۇپ كېتىشىنى تىلەيمىز. 

ئوق ھەرپلەرنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

914 total views, no views today

32 ھەرپ, 32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى, ساۋات چىقىرىش

گۈل ئانىدىن «تاشئالما» ئېلىپبەسىگە مەشىقلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى

تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىمىز نەشىر قىلغان ئېلىپبە كىتابى ھازىر دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ساۋات چىقىرىش ماتىرىيالى قىلىپ قوللانماقتا. بۇلارنىڭ بىرى نورۋېگىيەنىڭ بەرگىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدۇر. مەزكۇر مەكتەپنىڭ مەسئۇلى ۋە تەجىربىلىك ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى گۈلشەن مۇئەللىم پەرزەنىتلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش مەنبەلىرىنىڭ ۋە مەشىق، قوللانمىلىرىنىڭ مول بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلىپبە كىتابىمىزنى ئاساس قىلىپ بىر يۈرۈش مەشىق توپلىمىنى تۈزۈپ تەييارلىماقتا. بۇ بىر يۈرۈشتە گۈلشەن مۇئەللىمنىڭ ئۆز سىنىپىنىڭ ھەر قېتىملىق دەرس پىلانىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پىلانلار سىلەرنىڭ ئائىلە ۋە مەكتەپتىكى ئانا تىل ئۆگىنىشڭلارنىڭ پىلانلىق، سېستىملىق بولۇشىغا  ياردەمچى بولالايدۇ. مەشىقلەرنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن چۈشۈرگەيسىلەر. سىلەرگە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.

ئا

ئە

ت

ن

 «ئا،ئە،ن،ت» ھەرپلىرىگە تەكرار

ب

پ

تەكرار 2

ئو

ئۆ

ئۈ

د

ر

ز ،ژ

3- تەكرار

ئى

ئې

2,176 total views, no views today

32 ھەرپ, 32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى, ساۋات چىقىرىش

‹‹تاشئالما›› ئېلىپبەسىنىڭ پاراللىل مەشىق توپلىمى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا - ئانىلار ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى

تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىسى نەشىر قىلىپ تارقاتقان ئېلىپبەنىڭ مەشىق قوللانمىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلارنى بېسىپ چۈشۈرگەيسىلەر. مەشىقلەر ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئېلىپبە كىتابىمىزدىكى ھەرپلەرنىڭ ئۆگىتىلىش تەرتىپى بويىچە قويۇلدى. بۇ مەشىقلەر ئېلىپبە كىتابىمىزنىڭ پاراللىل مەشىق كىتابى بولۇپ، بۇ مەشىقلەردىن پايدىلىنىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش ۋە يېزىش ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە جانلاندۇرۇش ئۈچۈن كىتابنى ئاساسىي ماتىرىيال سۈپىتىدە قوللىنىشڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. مەنپەئەتلىك بولسۇن.

ئا ھەرپىگە مەشىقلەر

ئە ھەرپىگە مەشىقلەر

ت ھەرپىگە مەشىقلەر

ن ھەرپىگە مەشىقلەر

ئو ھەرپىگە مەشىقلەر

ئۇ ھەرپىگە مەشىقلەر

ب ھەرپىگە مەشىقلەر

پ ھەرپىگە مەشىقلەر

ئۆ ھەرپىگە مەشىقلەر

ئۈ ھەرپىگە مەشىقىلەر

د ھەرپىگە مەشىقلەر

ر ھەرپىگە مەشىقلەر

ز ھەرپىگە مەشىقلەر

ژ ھەرپىگە مەشىقلەر

ئى ھەرپىگە مەشىقلەر

ئې ھەرپىگە مەشىقلەر

ي ھەرپىگە مەشىقلەر

ۋ ھەرپىگە مەشىقلەر

ل ھەرپىگە مەشىقلىرى

م ھەرپىگە مەشىقلەر

س ھەرپىگە مەشىقلەر

ش ھەرپىگە مەشىقلەر

ك ھەرپىگە مەشىقلەر

گ ھەرپىگە مەشىقلەر

ڭ ھەرپىگە مەشىقلەر

ج ھەرپىگە مەشىقلەر

چ ھەرپىگە مەشىقلەر

خ ھەرپىگە مەشىقلەر

ف ھەرپىگە مەشىقلەر

ق ھەرپىگە مەشىقلەر

غ ھەرپىگە مەشىقلەر

ھ ھەرپىگە مەشىقلەر
 

 

 

 

 

7,028 total views, 2 views today

32 ھەرپ, 32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى, دەسلەپكى تەييارلىق, ساۋات چىقىرىش

«تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى

«تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى تاۋۇش پىلاكاتلىرى بىلەن بىر يۈرۈش ماتىرىيال بولۇپ، پىلاكاتلار ئارقىلىق تاۋۇشلارنى ھىس قىلىش، بىر سۆزنىڭ باش تاۋۇشى، ئاخىرقى تاۋۇشىنى تېپىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناش جەريانىدا بالىلار كۆرۈپ، تونۇۋالغان تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان ھەرخىل بەلگىلەر يەنى ئانا ھەرپلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش ۋە بالىلارنىڭ ئانا ھەرپلەرنى يېزىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى. بۇ كارتىلارنى بىر بەتتە ئالتە تاۋۇش پېتى ئىشلەتسەڭلارمۇ ۋە ياكى كارتا شەكلىدە كېسىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ. لېكىن پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزىۋالساڭلار ئاق دوسكا قەلىمى بىلەن ھەرپلەرنى قايتا قايتا يېزىپ، ئۆچۈرۈپ ئوينىيالايسىلەر. بۇ كارتىلارنى يەنە ھەرپ كارتىلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپمۇ ئوينىيالايسىلەر.

بۇ تاۋۇش كارتىلىرىنىڭ PDF نۇسخىسىنى  بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

936 total views, no views today

32 ھەرپ, 32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى, دەسلەپكى تەييارلىق, ساۋات چىقىرىش

تاۋۇش پىلاكاتلىرى

بۇ تاۋۇش پىلاكاتلىرى ساۋات چىقىرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ئۈچۈن سۈپەتلىك قىلىپ قايتىدىن تەييارلاندى. بۇ پىلاكاتلارنى بالىلارغا ئالما دېسەك ئا چىقىدىكەن ھە دەپ ئەڭ دەسلەپكى تاۋۇش دېگەننى ھېس قىلدۇرىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆيگە، دەرسخانا تاملىرىغا ئېسىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىدۇق. بۇ خىل پىلاكاتلار ساۋات چىقىرىشنىڭ ئەڭ زۆرۈر ماتىرىياللىرىدىن بىرى بولغاچقا ئاتا-ئانىلارنىڭ چوقۇم بېسىپ چىقىرىپ بالىلارغا تەييار قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تاۋۇش پىلاكاتلىرىنىڭ PDF نوسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

 

 

831 total views, 1 views today

32 ھەرپ, 32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى, دەسلەپكى تەييارلىق, ساۋات چىقىرىش

ھەرپ كارتىلىرى-كاۋاك نۇسخىسى

ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ شەكىللىرىنىڭ ئىچى كاۋاك نۇسخىسى بىر A4 ئۆلچەمدىكى قەغەزگە تۆت تالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىنى جەدۋەل سىزىقلىرى بويىچە كېسىپ ئېلىپ. ئايرىم-ئايرىم تەييارلىۋالساقمۇ ۋە ياكى بىر چوڭ بەت شەكلىدە ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. بۇ كارتىلارنى ساۋات چىقىرىش دەرسلىكىدە بوياپ ئۆگىنىش، ئىزلاپ يېزىش ۋە كاۋچۈك لاي بىلەن ئىزلاپ ياساش قاتارلىق ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتەلەيمىز. پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزىۋالغاندا، ئۈستىدىن ئاق دوسكا قەلىمى بىلەن بېسىپ يازساق ياكى بويىساق بولىدۇ. ئاندىن سۈرتىۋەتسەكلا بولىدۇ.

PDF ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

624 total views, no views today

32 ھەرپ, 32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتىرىياللىرى, دەسلەپكى تەييارلىق, ساۋات چىقىرىش

ھەرپ كارتىلىرى

ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ شەكىللىرى بىر A4 ئۆلچەمدىكى قەغەزگە تۆت تالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىنى جەدۋەل سىزىقلىرى بويىچە كېسىپ ئېلىپ. ئايرىم-ئايرىم تەييارلىۋالىمىز. بۇ كارتىلارنى ساۋات چىقىرىش دەرسلىكىدە ھەرپلەر ۋە شەكىللەرنى تونۇتۇش، تاۋۇشلارنى ئويناش ۋە قوشۇپ يېزىشنى ئۆگىنىشتە قوللانساق بولىدۇ. چىداملىق ۋە ئىشلىتىشكە قولاي بولۇشى ئۈچۈن پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

. PDF شەكلىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

846 total views, 2 views today