ئۇيغۇر كىملىكى, كىملىك تەربىيىسى ماتېرىياللىرى

ئوقۇشلۇق: سىلىق سۆز

سىلىق سۆز - ئوقۇشلۇق

567 total views, no views today

ئىسلامى بىلىملەر

ئىسلام تارىخىدىكى ئون پەيغەمبەرنى ئۆگىنىڭ

سۆيۈملۈك بالىلار!
ئاللاھ بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بەزى ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەلچىسى قىلدى. ئەلچى دېگەن قانداق ئادەمدۇ؟ نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ ھە؟
بىز بىلمەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئاللاھ بىلىدۇ. بىز ئاللاھنى شۇڭا «ھەممىنى بىلگۈچى» دەيمىز. دۇنيانىڭ سىرىنى، بىز بىلمەيدىغان ئىشلارنى ئويلىساق، يەنە بىز نەدىن كەلدۇق؟ دۇنيا قانداق يارالدى؟ بىز بۇ ھاياتىمىزدا قانداق ياشىشىمىز كېرەك؟ قانداق قىلىپ ياخشى ئادەم بولىمىز؟… قاتارلىق نۇرغۇن سوئاللارغا ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ جاۋاب بېرىدۇ. سىلەر بەلكىم تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك – تۈمەن جانلىقلارنى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ئۆزۈڭلاردىن «نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدىغاندۇ؟» دەپ سورىغان بولۇشىڭلار مۇمكىن. ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى سان – ساناقسىز «نېمە ئۈچۈن؟» لەرنىڭ جاۋابلىرىنى ئاللاھتىن بىلىپ كېلىپ، ئاندىن بىزگە ئۆگىتىدۇ. ئاللاھ ئەلچى قىلىپ تاللىغان بۇ ئادەملەرنى بىز «پەيغەمبەرلەر» دەيمىز. پەيغەمبەرلەر ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھنىڭ بىزگە بىلدۈرمەكچى بولغان قىممەتلىك بىلىملىرىنى بىزگە ئۆگىتىدۇ. ئۇلار مۇئەللىمگە ئوخشامدۇ نېمە ھە؟!
«پەيغەمبەرلەرنى ئۆگىنىمەن» دېگەن بۇ سەھىپىدە دۇنيا يارالغاندىن باشلاپ ياشاپ ئۆتكەن ئون پەيغەمبەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

ئادەم پەيغەمبەر

ئەيسا ئەلەيھىسالام

934 total views, 1 views today

كىملىك تەربىيىسى ماتېرىياللىرى

ۋەتەن ھەققىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىزدە بالىلارنىڭمۇ ئۈلۈشى بار.

1,164 total views, no views today

ئىسلامى بىلىملەر

قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

بالىلار ئۈچۈن قۇربان ھېيتلىق ساۋات ئوقۇشلۇقى ۋە مەشىقلەر.

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

612 total views, 1 views today

ئىسلامى بىلىملەر, كىملىك تەربىيىسى ماتېرىياللىرى

«رامىزان كەلدى» ئوقۇش ۋە مەشىق يۈرۈشلۈكى

 

«رامىزان كەلدى» ئوقۇش ۋە مەشىق يۈرۈشلىكى - بالىلارنىڭ رامىزان ئېيىدىكى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلدى. بۇ ماتېرىيالدا رامىزاننىڭ 30 كۈنىگە 30 يۈرۈش ماتېرىيال تەييارلانغان بولۇپ، ھەر بىر كۈنلۈك يۈرۈش تۆت بەت. 1 - بېتى بىر بالىنىڭ رامىزان خاتىرىلىرى ۋە دۇئاسى، 2 - 3 - بەتلىرى مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ئۈچۈن رامىزان ھەققىدە ۋە ئىسلام دىنىمىزدىكى ئەڭ ئاساسىي ۋە زۆرۈر ساۋاتلار، 4 - بېتى يەسلى يېشىدىكى بالىلىرىمىز ئۈچۈن بولۇپ، بۇ ماتېرىيال ئارقىلىق ئۆگەتمەكچى بولغانلىرىمىزنى ناھايىتى ئاددى، رەڭدار ۋە يېنىك بىر شەكىلدە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشتۇق. ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوللىنىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىنى ۋە تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەنپەئەتلىك بولسۇن!  ماتېرىياللارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن چۈشۈرگەيسىلەر.

1 - 7 - كۈنىگىچە

8 - 14 - تۈركىيە

8 - 14 - نورۋېگىيە

15 16 17 18 20  21 22 23 24 25 26 19
27

رامىزان خاتىرەم - ئوغۇللارغا

رامىزان خاتىرەم - قىزلارغا

2,076 total views, no views today

ئىسلامى بىلىملەر, كىملىك تەربىيىسى ماتېرىياللىرى

ئىسلامى بىلىملەر: ياراتقۇچى ئاللاھ

پۈتكۈل كائىناتنىڭ ۋە مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسى، بىزگە گۈزەل نىمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى بۈيۈك ئاللاھنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغان تۇنجى رەسىملىك -وقۇشلۇقىمىز بالىلارغا تەغدىم! كىتابنىڭ بەتلىرىنى لايىھەلەپ، مۇشۇنداق بىر كىتابنى بالىلارنى سۇنۇش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەن « تىل راۋان گۇرۇپپىسى» غا ئالاھىدە رەھمەت!  ئۆزى ئاددى، تىلى يېنىك، تولىمۇ قىممەتلىك بىلىم بىلەن تولغان بۇ كىتاب يەنە بىر گۈزەل ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى. ئىنشائاللاھ، داۋاملىق كۈچىمىزنى بىر يەرگە توپلاپ بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارنى تەييارلاش ئۈچۈن تىرىشىمىز!

كىتابنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

1,127 total views, no views today

ئىسلامى بىلىملەر

ئىسلامى بىلىملەر: پەزىلەتلىك بالا

مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز بىزنى قانداق كىشىلەردىن بولۇشقا بۇيرىدى؟ پەرزەنتلىرىمىزگە دىنىمىز بۇيرۇغان ئىمان-ئېتىقادلىق، بىلىملىك، ئەدەپ-ئەخلاقلىق ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولۇش تەربىيىسى بېرىشتە ياردىمى بولار دېگەن ئۈمىدتە ئوقۇش ۋە بوياش بىرلەشكەن بۇ ماتىرىيال تەييارلاندى. مەنپەئەتلىك بولسۇن.

« پەزىلەتلىك بالا » ئوقۇش ۋە بوياش ماتىرىيالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

865 total views, 1 views today

كىملىك تەربىيىسى ماتېرىياللىرى

بالىلار بىلەن سۆھبەت: ئۇيغۇرچە (ئانا تىل) بىز ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

تۈنۈگۈنكى ئانا تىل دەرسىمىزدە، ئوسلو ئۇيغۇر مەكتىپىدە مەن بالىلاردىن «ئۇيغۇرچە (ئانا تىل) نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟» دەپ سوراپ باقتىم. بالىلار بىر دۇنيا، بىز سىرىنى ئېچىپ بولالمىغان بىر دۇنيا، دەپ ئويلايمەن. بۇ سوئالغا ئاجايىپ جاۋابلار چىقتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ماڭا تەسىر قىلغانلىرىنى سىلەرگە دەپ بەرسەم، بىرسى «ئۇيغۇرچە دېگەن مۇھىم»، دېۋىدى، «نېمىشقا مۇھىم؟» دېسەم، «مەن ئۇقمايمەن، نېمىشقىلىقىنى، لېكىن، ئۇيغۇرچىنى بىلمىسەك بولمايدۇ» دېدى. مەن: «سېنىڭ جاۋابىڭ توغرا، بالام. بەزى نەرسىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى دېيىشىمىزنىڭ بەلكىم ئانچە زۆرۈرىيىتى يوقتۇ» دېدىم. يەنە بىر قىزىمىز: «ئۇيغۇرچە بىلمىسەك، ئاپىمىزنىڭ، دادىمىزنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيمىز. مەن ئاپام بىلەن دادامغا نورۋېگچە گەپ قىلسام، بالام، گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىم دەيدۇ» دېدى. ئۇ قىزىمنىڭ ئاتا-ئانىسى نورۋېگچىنى ياخشى سۆزلەيتتى. ئۆيدە شۇنداق دەپ تۇرىۋالىدىكەن-دە، دەپ ئويلىدىم. يەنە بىر بالام : «مەن ئۇيغۇرچىنى بىلمىسەم، ۋەتەنگە تېلېفون قىلسام، مومام گېپىمنى ئۇقمايدۇ» دېدى. «توغرا، ئاپىرىندېدىم. يەنە بىرسى: «بىز ئۇيغۇرچىنى بىلمىسەك، كېيىن چوڭ بولغاندا، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇيات بولىدۇ» دېدى. «توپ-توغرا، قىزىمدېدىم. يەنە بىر قىزىم : «نورۋېگلار بىزدىن: ‹سەن ئۇيغۇرمۇ؟ دەپ سورىسا، بىز ھەئە، دېسەك، ئۇنداقتا سەن ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشنى بىلەمسەن؟ دېسە، بىز: ‹ئازراق بىلىمەن ياكى بىلمەيمەن دېسەك، ئۇلار: ‹ئۇنداقتا، قانداق ئۇيغۇر سەن؟ دەپ قالسا…» دەپ توختاپ قالدى. «شۇنىڭ بىلەن قانداق بولىدۇ؟» دېسەم، «شۇ، بولمايدۇ» دەيدۇ. «توغرا، قىزىم، بولمايدۇ» دېدىم. يەنە بىر بالام : «نورۋېگلار دېگەن نورۋېگچىسىغا بەك ئۇستا» دېۋىدى، «بىزمۇ ئۇيغۇرچىغا ئۇستا بولمىساق بولمايدۇ-ھە؟» دېسەم، «ھەئە» دەپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇردى.

ئۇيغۇرلۇقىنى تونۇمىغان، ئانا تىلىنى سۆيمەيدىغان بالا يوقتۇر. ھەر بىر بالا ئانا سۈتى بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدىغا، يۈرەكلىرىگە سىڭىپ كەتكەن ئۇيغۇرلۇق ھىسلىرى ۋە مۇھەببىتى بىلەن ياشايدۇ. بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتىمىز شۇكى بۇ تۇيغۇلارنى، بۇ ئۇيغۇرلۇق مۇھەببىتىنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن، زېھنىمىزنى قويۇپ پەرۋىش قىلىش ۋە كۆكلىتىشتۇر. 

1,052 total views, no views today