
سۈپەتلەر بىلەن ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇشلۇق - ساۋاتى يېڭىلا چىققان بالىلىرىمىز ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇش مەشىقى بولالايدۇ. ئوقۇش مەشىقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن سۆزدىن باشلىنىدۇ. 2 - قۇردا سۆز بىر سۈپەت بىلەن سۆز بىرىكمىسى ياسايدۇ. 3 - قۇردا بۇ سۆز بىرىكمىسى جۈملە ئىچىدە كېلىدۇ. سۆز ئۈچ قېتىم ۋە سۆز بىرىكمىسى ئىككى قېتىم تەكرارلىنىدۇ. بۇ خىل تەكرارلىنىش بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى قولايلاشتۇرىدۇ ۋە كۆپ ئوقۇش ئارقىلىق راۋان ئوقۇيدىغان بولۇشىغا ياردەمچى بولىدۇ. بۇ ئوقۇشلۇق يەنە بالىلىرىمىزنىڭ نەرسىلەرنى تەسۋىرلىگەندە سۈپەتلەرنى قوللىنىشنى ئۆگىنىشىگە، جۈملە تۈزۈشنى ئۆگىنىشىگە ۋە بالىلار بىلەن بىلەن جۈملە ئۇزارتىپ ئوينىشىمىزغىمۇ ئۈلگە ماتېرىيال بولالايدۇ. مەسىلەن: بىرەيلەن بىر سۆز دەيمىز: ئالما... ئاندىن يەنە بىرەيلەن بۇ سۆزگە بىر سۆز قاتىمىز. مەسىلەن: قىزىل ئالما... شۇنداق قىلىپ داۋاملاشتۇرىمىز...
چوڭ، قىزىل ئالما.... چوڭ، قىزىل، تاتلىق، ئالما.... مەن چوڭ، قىزىل، تاتلىق ئالما يېدىم... مەن بىر تال چوڭ، قىزىل، تاتلىق ئالما يېدىم... دېگەندەك بارغانسىرى ئۇزارتالايمىز.
سۈپەتلەر بىلەن ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇش مەشىقى
4,878 total views, 2 views today
بەك ياخشى بوپتۇ،،ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.
ئامىن… رەھمەت سىزگە!
https://newfasttadalafil.com/ – cialis buy online viagra en ligne livraison express Viagra Advertized On Msnbc Ssxtel how much does cialis cost Agneij Carr had become increasingly paranoid and had delusions of sinfulness and guilt. Ouoqpa https://newfasttadalafil.com/ – online cialis pharmacy