بوۋاق بالىلار تىلنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟

بوۋاق بالىلار تىلنى قانداق ئۈگىنىدۇ؟

نۆل ئايلىقتىن ئۈچ ئايلىققىچە

( بۇ مەزمۇن مەن ئۆزۈم مۇشۇ ھەقتە ئوقۇغان كىتابلارنى، تور دۇنياسىدا كۆرۈپ پايدىلانغان ماتېرىياللارنى مەنبە قىلىدۇ ۋە ئۆزۈمنىڭ ئىككى بالامدىن ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىمنىمۇ قوشىمەن.)

ھامىلە تەربىيىسى دىگەن ئۇقۇم بىز ئۈچۈن ئانچە ناتونۇش ئەمەس. يەنى بىر بالىنىڭ، بىر جاننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى بۇ دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن، يەنى ھامىلە ۋاقتىدىلا يېتىلىشكە ۋە تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. يەنى بالا قورساقتىكى ۋاقىتتىمۇ ئاڭلاش، ھېس قىلىش، ئەستە تۇتۇش ئېقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئاپىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سالامەتلىكى، روھىي كەيپىياتى بالىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالا بىلەن ئانىنىڭ باغلىنىشى بالا تۇغۇلمىغان ئاشۇ چاغلاردىن باشلاپلا باشلىنىدۇ. تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بالا ئاپىسى بىلەن تونۇشىدۇ، ھىس-تۇيغۇ ئالماشتۇرىدۇ دېگەندەك.  مۇشۇلارنى ئاساس قىلغىنىمىزدا ئانىلار ھامىلدار چاغلىرىدا بالا بىلەن كۆڭۈللۈك پاراڭلاشسا، كىتاب ئوقۇپ بەرسە، ناخشا، قوشاقلارنى ئېيتىپ بەرسە ھەرگىز بالدۇرلۇق قىلمايدۇ. بۇ ئانا-بالىنىڭ تونۇشىشى ۋە بالىغا ئىللىق بىر مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرۇش بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ناھايىتى ۋاقتىدا باشلانغان،يەنى ئەڭ دەسلەپكى تىل ئۆگىنىش پائالىيىتىدۇر.

بىر بوۋاق دۇنياغا كەلگەندە ئۇنىڭدا ئاللىقاچان نۇرغۇنلىغان تۇغما سەزگۈلەر ۋە ئېقتىدارلار بولىدىكەن. مەسلەن: ئۇلار تۇغۇلۇپلا ئاپىسىنى ياكى سۈت بوتۇلكىسىدىن سۈت ئىمىشنى بىلىدۇ. ئاپىسى ئۇلارنى باغرىغا باسسا ياكى ئاغزىنىڭ ئەتراپىنى، مەڭزىنى يەڭگىل سىلىسا، ئۇلار دەرھاللا  ئاغزىنى ئېچىپ، بېشىنى بۇراپ سۈت ئىمىدىغان يەرنى ئىزدەيدۇ. بىر بارمىقىڭىزنى ئەللەينىڭ ئالقىنىغا قويسىڭىز، ئۇلار دەرھال چىڭ سىقىمدىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاق قارا رەڭلەرنى كۆرەلەيدۇ. ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا جىق ئاڭلىغانلىقتىن تۇغۇلۇپلا تونۇيدۇ. ئىللىقلىقنى، مۇھەببەتنى ھىس قىلالايدۇ دېگەندەك.

بالىنىڭ تۇغۇلۇشى بىر ئالاھىدە يېڭىلىق بولۇشى بىلەن، ئائىلىۋى ھاياتىمىزدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ دۇنيامۇ بوۋاق ئۈچۈن بەك يېپيىڭى بولۇپ، بوۋاقلارمۇ  ھەر بىر شەيئىگە ۋە ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا بەكمۇ سەزگۈر بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە نۆل ئايلىقتىن ئۈچ ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار ئەگەر ئەتراپىدا يۇقىرى ئاۋازلارنى ۋە جىددىي بىر كەيپىياتنى سەزسە، بۇنى پەقەت ياخشى كۆرمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ مەزگىلدە ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسىسى  يەنىلا ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ئاپىسىنىڭ سۈتى ۋە باغرى، تىنچ ۋە ئىللىق بولغان دەم ئېلىش مۇھىتى ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن ئېرىشىدىغان قىزغىن مۇھەببەت ئىكەن. شۇڭا بۇ ۋاقىتتىكى بوۋاقلارنى ئارامىغا قويۇش، ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئاپىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا ھۇزۇرلانغىلى قويۇش كېرەك، شەيئىلەرنى تونۇشتۇرۇشمۇ ئۇنداق تېز بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك.

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلىشىدىلا بولىدىغان سەزگۈلىرى قاتارىدا ئاۋازلارغا بولغان سەزگۈسى تۇغۇلىشىدىنلا بار بولغان ئەڭ روشەن ئېقتىدارلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىكەن.  بارلىق نورمال، ساغلام تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئاڭلىيالايدىكەن. لېكىن ئۇلار يۇقىرى ئاۋازلارنى ئاڭلىسا بەك چۆچۈپ، قورقۇپ كېتىدىكەن. شۇڭا بوۋاقلارنىڭ ئەتراپىدا يۇقىرى ئاۋازلارنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دىيىلگەن. مۇشۇ يەردە بىر نەرسىنى قوشۇپ قويماقچىمەن. مەن بەزى ئانىلارنىڭ بالىلار بەك جىمجىت مۇھىتتا ئۇخلاپ ئۈگەنسە  يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ، دائىم ئۇنداق شارائىتنى يارىتىپ بېرەلمەي كېيىن قىينىلىپ قالىمىز دەپ، بالىنى ۋاراڭ-چۇرۇڭ مېھمانخانا ئۆيدە ئۇخلىتىدىغان ياكى قەستەن مۇزىكا قويۇپ، كۆندۈرىمەن دەپ ئۇرۇنغىنىنى كۆردۈم. بۇ توغرا ئەمەس بولۇپ، ئىلمى نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا بوۋاقلار بولۇپمۇ يېڭىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇخلىشى ئۈچۈن ئامال بار تىنچ مۇھىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك ئىكەن.

بوۋاقلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئاۋازلارغا بولغان ئىنكاسلىرى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار بەزى قىزىقارلىق ئىشلارنىمۇ بايقىغان.  مەسلەن بوۋاقلار توك سۈپۈرگىنىڭ ياكى بىر چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ ئاۋازى دېگەندەك رېتىملىق داۋاملىشىدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرۈپ، ھۇزۇر ئالغان، تىنچلانغان. تەتقىقاتچىلار بۇنى بەلكىم بوۋاق تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئاپىسىنىڭ يۈرەك سوقۇشىدەك رېتىملىق داۋاملىشىدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، شۇ ئاۋازلار ئىچىدە ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئاۋازلارنى شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان.

ئەللەيلەر تۇغۇلۇپلا ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى تونۇۋالالايدۇ دېدۇق. ئۇلار تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەتراپىدىكى ئاپىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، پەرقلەندۈرۈشكە باشلايدىكەن. بۇنىڭ ئىنكاسى مەسىلەن بوۋاق كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتتا تازا تىپچەكلەپ ئوماق قىلىقلارنى قىلىۋاتقاندا ئاپىسىدىن باشقا بىرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا جىم بولۇپ قالىدىكەن ۋە تىڭشايدىكەن.

يېڭى تۇغۇلغان ئەللەيلەر ئاۋازلارغا شۇ قەدەر سەزگۈرگەنكى ئۇلار شۇ چاغلاردىن باشلاپلا ئۆزى ئاڭلاۋاتقان ئاشۇ تىلدىكى رېتىملارنى، مىلودىيەنى، ئاشۇ ئاۋازلاردىكى يۇقىرى-تۆۋەن ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق ئالاھىدىكلەرنى ئۆگىنىشكە باشلايدىكەن. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا بەك يۇقىرى ئاۋاز بولمىسىلا، ھەر خىل ئاۋازلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇڭا بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسى قانغان، قورسىقى توق، زاكىسى قۇرۇق، كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتلىرىدا ئائىلىدىكى باشقىلار ھەممىسى ئۆز پاراڭلىرىنى قىلىشىپ، ئۆز ئىشلىرىنى قىلىشىپ يۈرگەن مېھمانخانا ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويساق، ئۇلار شۇ پاراڭلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن ھەم بۇ بوۋاق ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك تىل ئۈگىنىش مۇھىتى بولالايدىكەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۇلارغا گەپ قىلىپ بېرىشىمىزنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇلارغا تاتلىق بىر ئاۋازدا يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ، باشلىرىمىزنى مىدىرلىتىپ ياكى قوللىرىمىزنى ياكى بىر قونچاقلىرىنى بېشىمىزنىڭ ئەتراپىدا مىدىرلىتىش ئارقىلىق دىققىتىنى يۈزىمىزگە جەلىپ قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئەركىلەتكەن ئاۋازدا گەپ قىلىپ بېرىشىمىزنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇلار قورساقتىكى ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ھەر خىل ئاۋازلارنى ئاڭلاپ كۆنگەچكە، ئۇلارنى تىپتىنچ قويۇپ قويساق ئۇلار كۆنەلمەيدىكەن، ياخشى كۆرمەيدىكەن. يەنى يېڭى تۇغۇلغان چاغلىرىدا ئۇلارنىڭ بىز بىلەن تىل ئارقىلىق ئالاقە ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجى كۈچلۈك بولىدىكەن. ئۇلار گەرچە دەۋاتقانلىرىمىزنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك شۇ ئاۋازلارنى خاتىرىسىگە ئېلىشقا ۋە ئۇنىڭدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئىگەللەشكە باشلايدىكەن. ئاندىن بىزنىڭ تاتلىق ، سىلىق، مۇھەببەتلىك تۇيغۇلارغا باي بۇ ئاۋازىمىزدىن ئۇلار ئىللىقلىق ھىس قىلىپ بىزنىڭ ئېغىزىمىزدىن چىقىۋاتقان بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلاشقا بارغانسىرى ئامراق بولۇپ قالىدىكەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاۋازلارغا بولغان سەزگۈرلىكى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئاۋازىغا قارىتا بولغان ئىنكاسى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىكەن. ئۇلار گەرچە بۇ مەزگىلدە ئاق-قارا رەڭلەردىن باشقا رەڭلەرنى كۆرەلمىسىمۇ، لېكىن كۆپ يېڭى نەرسىلەرنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇڭا ئۇلارنى مۇمكىن بولسا تالاغا كۆپرەك ئەچىقىش، ئامال بار قۇچاققا ئېلىپ، ئەتراپنى كۆرسىتىش ۋە ئەتراپنى تەسۋىرلەپ بايان قىلىپ سۆزلەپ بېرىش ھەرگىز بالدۇرلۇق قىلمايدىكەن.

نۆل ئايلىقتىن ئۈچ ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ تىل ئۆگىنىشى ھەققىدە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئەڭ تەكىتلەيدىغىنى : بوۋاقلارغا گەپ قىلىپ بېرىش ناھايىتى مۇھىم. ئۇلار كۆرۈۋاتقان نەرسىلەرنى بىز دەپ بېرىمىز. خۇددى گېپىمىزنى چۈشىنىدىغان بىر تەرزدە سىلىق، تۆۋەن، يېنىك ئاۋازدا دەپ بېرىمىز. ئۇلار بۇنىڭدىن باشقىچە ھۇزۇر ئالىدۇ ۋە بۇ ئۇلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تىل ئۆگىنىش پائالىيىتى.

ئەمدى تەۋسىيە قىلىدىغىنىم: بالىنىڭ مۇشۇنداق كىچىك ۋاقتى ئانىنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئۆزىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر مەزگىلى. شۇڭا ئانا بولغۇچى ئۆي ئىشلىرىغا بەك بېرىلمەڭ. ئامال بار بالا ئۇخلىغاندا دەم ئېلىپ، بالا ئويغاندا بالىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ، زاكىسىنى قۇرۇقداپلا بولدى قىلماي، ئۇندىن باشقا بالا بىلەن بىللە بولۇپ، پاراڭلىشىپ، ھېسسيات ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. بالا ئويغاق چاغدا چوقۇم قىلمىسىڭىز بولمايدىغان ئىشلارنى مۇمكىن بولسا بالىنى ئۆزىڭىزگە يېقىن يەرگە ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئەگەر بالا بەك يىغلاپ كەتمىسىلا، ئۇنىڭغا  گەپ قىلىپ بەرگەچ قىلىڭ . زاكا ئالماشتۇرغان، يۇيۇندۇرغان، كىيمىنى ئالماشتۇرغان،  ئۇخلىتىشقا تەييارلاۋاتقاندا، بىللە ئوينىغاچ دەم ئالغان  ۋاقىتلاردا، يەنى بالا بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتتا گەپ قىلىپ تۇرۇڭ.  يەنى قىلىۋاتقان ئىشلارنى بايان قىلىپ تۇرۇپ قىلىڭ. دەۋاتقان گېپىڭىزدىكى كونكرېت نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى شۇ نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇرغۇلۇق دەپ بېرىڭ. مەسىلەن: ئەمدى زاكا ئالماشتۇرۇيلى دەپ زاكىنى كۆرسىتىڭ، زاكا دېگەن سۆزنى ئۇرغۇلۇق، ئاستا دەپ بېرىڭ. بالىغا زاكىنى تۇتقۇزۇپ قويۇڭ، تۇتالمىسىمۇ بىردەم زاكا بىلەن تېگىشىپ ھىس قىلىپ بېقىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىڭ دېگەندەك. بۇ جەرياندا قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بايان قىلىپ تۇرۇڭ. ئۇلار بۇ چاغدا دەۋاتقانلىرىمىزنى چۈشەنمىگەن بىلەن ئاڭلايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ.  ھەرگىز بۇ ئەللەي بالام  گەپ قىلساممۇ چۈشىنەمتى دىمەڭ. بالىنىڭ تىل ئۈگىنىش پائالىيىتى بالا ئاڭلاپ، چۈشىنىپ ۋە ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولىدىغان ۋاقىتلىرىدىن بۇرۇن، ئۇ ۋاقىتلىرىدىن بەكمۇ بۇرۇن، يەنى ئاشۇ قورساقتىكى ۋاقىتلىرىدىن، يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتلىرىدا باشلىنىپ بولىدۇ. بىز شۇنچە گەپلەرنى قىلىپ بەرسەكمۇ، بالىدىن ھىچقانداق ئىنكاسنى سەزمىسەكمۇ گەپ قىلىپ بېرىمىز. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالام قارىماققا ھېچنېمىنى سەزمىگەندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېس قىلىۋاتىدۇ، بىلىۋاتىدۇ، يەنى ئۇ ھازىردىن باشلاپ تىل ئۈگىنىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇنداق گەپ قىلىپ بەرمىسەم ئۇ ئۆگىنەلمەيدۇ دەپ تونۇشى كېرەك.

يېڭى تۇغۇلغان ئەللەيلەر ئاپىسىنىڭ ۋە ئەتراپىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ يۈزىنى كۆرۈشنى ۋە تەتقىق قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ بايقىشىچە مۇشۇ ئايلىرىدا تۇرىۋاتقان ئەللەيلەرنىڭ مېڭىسىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى پەقەتلا يۈزلەرنى كۆرىدىكەن ۋە تەتقىق قىلىدىكەن. ئەللەيلەر مېڭىسىنىڭ مۇشۇ قىسىمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە باشتا يۈزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى، يەنى كۆز، بۇرۇن ئاندىن ئېغىز جايلاشقان ئاشۇ دائىرىنى كۆرىدىكەن ۋە تونۇيدىكەن. ئاندىن ھەپتىلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار بۇ ئۆزلىرى كۆرۈۋاتقان يۈزلەردىكى ھەر بىر يۈزگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئىگەللەشكە باشلايدىكەن. ئاندىن بۇ ئېقتىدارى بارغانسىرى تەرەققىي قىلىپ، بۇ يۈزلەردىكى ھەر خىل كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلىپ بىلەلەيدىغان بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بوۋاقلارنىڭ بۇ ئېقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى ئۇلارنىڭ تىل ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ جانلىق بولۇش بولماسلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدىكەن. چۈنكى بوۋاقلار يۈزلەرنى كۆرۈپ، تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇلارغا شۇنداق يۈزلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋە كۈزىتىش شارائىتى يارىتىپ بېرىلسە، بوۋاقلار ئەڭ بالدۇر ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئەڭ مىدىراپ تۇرىدىغان بىر ئەزا، يەنى ئېغىز ئۇلارنىڭ بەك دىققىتىنى تارتىدىكەن. ئۇلار يۈزلەرنى كۆرۈپ ئوينىغاچ، ئېغىزنىڭ گەپ قىلىۋاتقان چاغدىكى ھەر خىل شەكىل ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرىدىكەن، ئاندىن  يەنى ئۇلارنىڭ بۇ يۈزنى كۈزىتىپ ئويناش پائالىيىتى بىلەن تىلنى ئاڭلىشى بىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ شۇ تىلدىكى ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەرنى ھېس قىلىشى تېخىمۇ جانلىق بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بوۋاقلارغا ئۆزىنىڭ يۈزىنى كۆرىدىغان شارائىتنى يارىتىپ بەرسىمۇ، بۇنى ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا بالىنىڭ كارىۋىتىنىڭ، ياكى يېتىپ ئوينايدىغان يېرىنىڭ يېقىن ئارىلىقىدىكى  بىر تامغا بىر يوغان ئەينەك (مۇمكىن بولسا بوۋاقلار ئۈچۈن ياسالغان چېقىلمايدىغان پىلاستىك ئەينەك) ئورنىتىپ بەرسىڭىز بالا ئۆزىنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ، كۈزىتىپ، تەتقىق قىلىدىكەن.  ئۇندىن باشقا بوۋاق بىلەن يۈزىمىزنى بىر-بىرىمىزگە قارىتىپ تۇرۇپ پاراڭلىشىش، بوۋاقنى يۈزىنى ئەينەككە قارىتىپ تۇرۇپ كۆتۈرۈپ، بوۋاقمۇ بىزمۇ ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلىپ ئويناش قاتارلىقلارمۇ بوۋاقلار ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولغان ۋە يۇقىرىقى ئېقتىدارىنى جانلىق تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئۆگىنىش پائالىيىتى بولالايدىكەن.

بىر بوۋاق تۇغۇلۇپ، ئانىسىنىڭ تېنىدىن ئايرىلغاندىن باشلاپ، ئۇ ھەر خىل ئاۋازلارنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ دېدۇق ھەم بوۋاقلارنىڭ تۇغما سەزگۈلىرىنىڭ ئىچىدە ئاۋازلارغا بولغان ئىنكاسى بەك كۈچلۈك بولىدىكەن دېدۇق. ئاۋازلارغا بولغان ئىنكاسىنى تەتقىق قىلغاندا بايقىلىشىچە بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ناخشا-مۇزىكىلارنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇلار تۇغۇلۇپلا ئاپىسى ھامىلىدار ۋاقتىدا دائىم ئاڭلايدىغان بىر ناخشىنى ياكى دائىم كۆرىدىغان بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ناخشىسىنى تونۇۋالىدىكەن. ئاندىن يېقىملىق ناخشىلارنى ئاڭلىسا ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلايدىكەن. كەيپىياتى ياخشى ئەمەس چاغلىرىدا ئاستا، يېقىملىق ناخشىلارنى قويۇپ بەرسە تەسەللىي ھىس قىلىدىكەن. ئەگەر ئۇلارغا بىر نەچچە ناخشىلارنى دائىم ئېيتىپ بەرسىڭىز، ئۇلار ئۇ ناخشىلاردىن بىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرۈپ تاللىۋالىدىكەن. ئەگەر سىز ئەللىيىڭىزنىڭ مەلۇم بىر ناخشىنى باشقا ناخشىلارغا قارىغاندا جىم بولۇپ، ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدىغانلىقىنى ھىس قىلسىڭىز، ئاشۇ ناخشىسىنى قايتا -قايتا ئېيتىپ بېرىڭ، ھەرگىز زېرىكىش ھىس قىلماڭ. دەل شۇنداق تەكرارلىنىشتىن بوۋاقلار شۇ ناخشىدىكى ھەر خىل ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەرنى ھېس قىلىپ ئۆگىنەلەيدۇ.  بۇ بوۋاقلارنىڭ ئەللەي ناخشىلىرىنى نىمە ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، يېقىملىق، سىلىق ئەللەي ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەرسەك قۇچاقلىرىمىزدا تىنچلىنىپ، تېزلا پۇشۇلداپ، يېقىملىق ئۇخلاپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشى مۇمكىن.

نۆل ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولغان مۇشۇ مەزگىلدە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ قارىشىچە ئەڭ دەسلەپكى قوشاقلار، شېئىرلار، بالىلار ناخشىلىرى بالىنىڭ ھاياتىغا كىرسە بولىدىكەن. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان ئەللەيلەردە تۇراق ۋە قاپىيەگە قارىتا روشەن بىلىش ۋە ھىس قىلىش بولىدىغان بولغاچقا، ( بەلكىم ئاپىسىنىڭ يۈرىكىنىڭ رېتىملىق سوقۇشىنى ئاڭلاپ كۆنگىنى ئۈچۈن ) ئۇلارغا بىز نورمال پاراڭ قىلىپ بەرگەندىن سىرت، ئاشۇ رېتىملىق، ئوخشاش ئۇداردا چۈشىدىغان قوشاقلارنى، شېئىرلارنى تەكرارلاپ بەرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇلار ئانا تىلىدىكى ئاۋازلار، تاۋۇشلار، ئۇرغۇلار، بۇ تىلنىڭ ئاۋاز تۈسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تېخىمۇ روشەن تونۇشىدىكەن.  ئاددى، قىسقا قوشاقلارنى بالىنى يەڭگىل پەپىلەش ئارقىلىق رېتىمىنى ھىس قىلدۇرغان ھالدا ئېيتىپ بەرسىڭىز ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدىكەن.

ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايلىققىچە

بوۋاق ئۈچ - تۆت ئايلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ گۇڭراشقا باشلايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى گەپ قىلىشى ھېساپلىنىدۇ. ئەمدى بۇ چاغلىرىدا بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بوۋاقلارغا خۇددى ئۇلار چۈشىنىدىغاندەك جىق گەپ قىلىپ بېرىمىز. ئۇلار بىلەن يۈزىمىزنى بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ تۇرۇپ پاراڭلىشىمىز. قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى بايان قىلىپ تۇرۇپ قىلىمىز. بولۇپمۇ بىر جۈملە گەپنى قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ ئىچىدىكى كونكرېت شەيئىلەرنى ئىسمىنى ئۇرغۇلۇق، روشەن دەپ بېرىپ تۇرۇپ، كۆرسىتىپ تونۇشتۇرىمىز دېگەندەك. يەنى مۇشۇ جەرياندا بوۋاقلارنىڭ « بىز ئاڭلاۋاتقان ئاۋازلار ئەتراپىمىزدىكى بىز كۆرىۋاتقان نەرسىلەر ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە بولىدۇ. ھەممە نەرسىنى بىز بىر ئىسمى بىلەن ئاتايمىز » دېگەن تىل دېگەننىڭ نېمىلىگىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بۇ چۈشەنچىسى ئاستا-ئاستا شەكىللىنىپ،بارغانسىرى چوڭقۇرلايدۇ.  بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز. بوۋاقلار ئۆزلىرى گۇڭراپ گەپ قىلىدىغان، يەنى تاۋۇش چىقىرىش ئېقتىدارى يېتىلىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاراللىل ھالدا ئاۋازلارنى ئاڭلاپ پەرقلەندۈرۈش ئېقتىدارىمۇ بارغانسىرى تەرەققىي قىلىدۇ. گەرچە ئۆزى دىيەلمىسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىسىنى ئىسمىنى تولا دەپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا شۇ نەرسە كۆز ئالدىغا كېلىدىغان بولىدۇ. يەنى بەزى نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ چۈشىنىدىغان بولىدۇ. شۇڭا  ئۇلارنىڭ تىل ئۈگىنىش ئېقتىدارى ناھايىتى جانلىق تەرەققىي قىلىۋاتقانىكەن، بىزمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا قىزغىنلىق بىلەن، ئىزچىل ھالدا يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ئۇلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە ياردەمچى بولىمىز. 

مۇشۇ مەزگىلدە بوۋاقلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم مەزمۇن- كىتابلار. ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقتى كىتابلارنى رەسمى يوسۇندا ئوقۇپ بېرىشنى باشلىساق بولىدىغان بەك مۇۋاپىق مەزگىل دەپ تەۋسىيە قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ ئوقۇپ بەرسەك بولىدۇ، لېكىن ئۇ چاغلاردا بالىلار تېخى بىر نەرسىلەرنى، يەنى رەڭلىرى بىلەن روشەن كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ چاغلارغا ئاق، قارا رەڭلىك كىتاپلارنى كىرگۈزسىمۇ بالدۇرلۇق قىلمايدۇ. لېكىن بۇ دۇنياغا كېلىش بالا ئۈچۈن  يېڭىلىقلار بەكلا كۆپ بىر ئىش بولغاچقا ھەم دەسلەپكى ئۈچ ئايدا بالىمۇ بەك كىچىك، جىق ئۇخلايدۇ. شۇڭا يېڭى شەيئىلەرنى بالىغا تونۇشتۇرۇشتا ئالدىراپ كېتىشىمىزنىڭ بەك زۆرۈرىيىتىمۇ يوق.  

بۇ باسقۇچتىكى تىل تەرەققىياتىغا ئەڭ مۇناسىۋەتلىك تېما: كىتابلار كىرىشى كېرەك. بۇنىڭدىن بۇرۇن كىرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن پەقەت ئاق قارا، بۇ يەردىكىسى رەسمى رەڭلىرى بار نورمال كىتابلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ھەقتىكى بىر تەتقىقاتتا بالا ئەگەر سىز كىتاپ ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا مۈگدەپ قالسا، سىز يەنە ئاۋازىڭىزنى سىلىق چىقىرىپ، كىتاب ئوقۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ. بالىنىڭ مېڭىسى يەنە بۇ ئاۋازلاردىن، سۆزلەردىن ئوزۇقلىنىپ، تىل ئۆگىنىش يەنە داۋاملىشىدۇ دېيىلگەن.

ئالتە ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە

بۇ باسقۇچتا نۇرغۇن بالىلار ئەڭ دەسلەپكى سۆزلىرىنى دەيدۇ. سىزنىڭ دەۋاتقان سۆزلىرىڭىزنى قىلىۋاتقان ئىشلارغا باغلاپ چۈشىنىدىغان، نېمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىسىملارنى دېيەلمىسىمۇ، دېيىشكە ھازىرلىنىدۇ، تاۋۇش چىقىرىش ئېقتىدارى پىشىپ يېتىلىشكە باشلايدۇ. يەتتە ئايلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ، جۈملە ئىچىدىكى سۆزلەرنى ئايرىپ پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولىدۇ. سەككىز، توققۇز ئايلاردا بەزى بالىلار ئاپا، دادا دېيىشنى باشلايدۇ. بۇ مەزگلدىكى بالىلار بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش تىلنى ۋاستە قىلىش، بالا خۇددى گەپلىرىمىزنى چۈشىنىۋاتقاندەك بىر يوسۇندا بالا بىلەن بىللە پاراڭلىشىپ تۇرۇپ ئويناش، ئۇندىن باشقا ئۇدار، رېتىمنى ئېنىق قىلىپ تۇرۇپ قوشاقلارنى ئېيتىپ بېرىش، بالىنى چاۋاك چېلىپ تۇرۇپ بىللە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، كۆپ كىتاب ئوقۇپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار تىل ئۆگىنىشىمىزنى جانلاندۇرىدىغان ئاساسىي ئۇسۇللاردۇر. بالا گۇڭراپ، بىزگە گەپ قىلغان چاغدا جىم تۇرۇپ گېپىگە قۇلاق سېلىش، بالا توختىغاندا ئاندىن ئېنىق تىل بىلەن بالىغا گەپ قىلىپ گېپىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق بالىغا «گېپىڭىزنى ئاڭلاۋاتىمەن ۋە چۈشىنىۋاتىمەن» دېگەن تەسىرنى بېرىش بەك مۇھىم. بۇ جەرياندا بالىنىڭ تىل ئارقىلىق ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەن ئالاقە قۇرۇشقا ئىنتىلىشىنى جانلاندۇرالايمىز ۋە بالىغا تىلنىڭ ئالاقىدىكى رولىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا ھېس قىلدۇرالايمىز.

بۇ باسقۇچقا بالىلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىش ئېقتىدارى تېز جانلىنىدىغان بولغاچقا ئاۋازلارنى دوراش ئېقتىدارىمۇ كۈچىيىشكە باشلايدۇ. بىز بالىمىز بىلەن ھەر خىل ئاۋازلارنى ئوينىيالىشىمىز مۇمكىن. ئۆيدىكى ئاۋاز چىقارغىلى بولىدىغان نەرسىلەر چېلىپ، ئۇرۇپ ئويناش، ھەر خىل ھايۋاناتلارنىڭ ئاۋازلىرىنى، ماشىنىنىڭ ئاۋازى دېگەندەك ئەتراپىمىزدا بىز ئاڭلايدىغان ھەر خىل ئاۋازلارنى دوراپ ئويناش قاتارلىق ئەڭ دەسلەپكى تىل ئويۇنلىرىنى ئوينىساق بولىدۇ.

ئەڭ مۇھىم، چوقۇم ئېسىمىزدە تۇتۇشقا تېگىشلىك نۇقتا، بالىلارغا كۆپ گەپ قىلىپ بېرىش، بالىلار بىلەن كۆپ پاراڭلىشىش. چۈنكى بالا تەكرارلانغان سۆزلەرنى خاتىرىسىگە ئېلىپ ئۆگىنىدۇ. شۇڭا گەپ قىلىپ بېرىش بەكمۇ مۇھىم. ئۇلار ئالدى بىلەن ئاڭلىمىسا، ئۆگىنەلمەيدۇ، سۆزلىيەلمەيدۇ.

مۇشۇ باسقۇچتا بەزى بالىلار يەسلى باشلايدۇ ۋە ئىككى تىللىق ھاياتى باشلىنىدۇ.

بوۋاقلاردا بىر ئېقتىدار بار بولۇپ، ھەر قانداق بىر تىلنى خاتىرىسىگە ئالالايدىغان، ئۇنىڭدىكى ئاۋاز تاۋۇشلارنى توغرا تەلەپپۇز قىلالايدىغان بولۇشقا ھازىرلىنالايدىغان بىر ئېقتىدار بولىدۇ. لېكىن بۇ ئېقتىدار بالىلار 12 ئايلىق بولغۇچە ئەڭ كۈچلۈك بولىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئەگەر بالىنىڭ ئاتا ئانىسى ئىككى تىلدا ياكى بىر تىلنىڭ ئىككى شىىۋسىدە سۆزلىسە بالا بۇلارنى پەرقلەندۇرۇپ خاتىرىلەپ ئۆگىنەلەيدىكەن. ئەگەر ئاتا - ئانا بالىغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇسۇلدا توغرا ياردەمچى بولالىسا. لېكىن بۇ ئېقتىدار بىر ياشتىن باشلاپ ئاجىزلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىر ياشتىن كېيىن بالا ئۇنداق بوۋاق ۋاقتىدىكىدەك روشەن پەرقلەندۈرۈپ، ئىككىلا تىلنى ئوخشاش سەۋىيەدە ئىگەللىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن. بۇ چاغدىن باشلاپ بالىنىڭ ئۆزى كۆپ ئاڭلايدىغان تىلنى ئۆگىنىش ئېقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ كېتىدىكەن. ئاز ئاڭلايدىغىنىنى ئۇنداق جانلىق ئۆگىنەلمەيدىكەن. مانا بۇ بىر يېشىدىلا يەسلى باشلايدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تىلىنىڭ ئانا تىلدا چىقماي، يەسلىنىڭ تىلىدا جانلىق چىقىپ كېتىدىغانلىقىنڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىز بوۋاق ۋاقتىدا ئۇنىڭغا توغرا ئۇسۇلدا ياردەم بېرەلمىسىڭىز، ئۇ ئانا تىلىدا ھازىرلىقسىز ياكى ھازىرلىقى ئاجىز ھالدا باشقا بىر تىلنىڭ مۇھىتىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئاندىن يەسلى تىلىنىڭ مىقدارى بەك جىق، ئانا تىلنىڭ مىقدارى ئاز ۋە ئانا تىلى بىلەن كىچىك ۋاقىتلىرىدا يېتەرلىك ئۇچراشمىغاچقا، ئانا تىلى يوقاپ كەتكەندەك بولۇپ، بالىنىڭ يەسلى تىلى جانلىق چىقىشقا باشلايدۇ.  شۇڭا دېمەكچى بولغىنىم. بالىنىڭ تىل ئۆگىنىشىدە بالىنىڭ بوۋاق ۋاقىتلىرى ئەمەلىيەتتە بەكمۇ مۇھىم. بالىڭىز بوۋاق ۋاقتىدا ئۇنىڭغا يۇقىرىقىدا بايان قىلىنغاندەك ئۇسۇللار بىلەن ياردەمچى بولالىسىڭىز، سىز بالىڭىزغا ئانا تىل ئۆگىنىشنىڭ مۇستەھكەم ئۇلىنى سېلىپ بەرگەن بولىسىز.  

 160 total views,  1 views today

Comments

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.