تىل ئويۇنى: كىم كۆپ سۆز بىلىدۇ؟

قاتنىشىدىغان ئادەم سانى : 2+

ياش چەكلىمىسى: 4+

بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى مۇنداق: ئويۇننى باشلىغۇچى ئالدى بىلەن بىر كاتاگورىيىنى بېكىتىدۇ. مەسلەن: ھايۋاناتلار، كۆكتاتلار، دۆلەتلەر، ئۇيغۇرلاردا مەشھۇرلار، ۋەتىنىمىزدىكى شەھەرلەر... دېگەندەك. ئاندىن 1،2،3.. باشلاندى دېيىشى بىلەن قالغانلار بىر مىنۇت ئىچىدە 10 سۆز تاپىدۇ. كىم ئەڭ تېز تېپىۋالسا كېيىنكى ئايلانما ئۈچۈن كاتاگورىيە بېكىتىدۇ ۋە ئويۇننى باشلايدۇ. ئويۇن مۇشۇنداق ئايلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئويۇنغا قاتناشقۇچى بالىلارنىڭ يېشى ۋە سۆزلۈك مېقدارىغا ئاساسەن ۋە يەنە بېكىتكەن كاتاگورىيەنىڭ قېيىن-ئاسانلىقىغا قاراپ سۆز تېپىش ۋاقتىنى قىسقارتساق ياكى ئۇزارتساق، سۆز سانىنىمۇ ئاشۇرۇپ ياكى ئازايتساق بولىدۇ. كاتاگورىيە بېكىتكەندىمۇ بالىنىڭ قىزىقىشىنى نەزەرگە ئېلىشنى ئۇنتۇمايلى. بالىڭىز قايسى كاتاگورىيىدە كۆپرەك سۆز بىلىدۇ؟   

 1,898 total views,  1 views today

Comments

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.