ئىسلامى بىلىملەر: ياراتقۇچى ئاللاھ

پۈتكۈل كائىناتنىڭ ۋە مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسى، بىزگە گۈزەل نىمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى بۈيۈك ئاللاھنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغان تۇنجى رەسىملىك -وقۇشلۇقىمىز بالىلارغا تەغدىم! كىتابنىڭ بەتلىرىنى لايىھەلەپ، مۇشۇنداق بىر كىتابنى بالىلارنى سۇنۇش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەن « تىل راۋان گۇرۇپپىسى» غا ئالاھىدە رەھمەت!  ئۆزى ئاددى، تىلى يېنىك، تولىمۇ قىممەتلىك بىلىم بىلەن تولغان بۇ كىتاب يەنە بىر گۈزەل ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى. ئىنشائاللاھ، داۋاملىق كۈچىمىزنى بىر يەرگە توپلاپ بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارنى تەييارلاش ئۈچۈن تىرىشىمىز!

كىتابنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

 2,105 total views,  1 views today

2 thoughts on “ئىسلامى بىلىملەر: ياراتقۇچى ئاللاھ

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خىزمىتىڭلارنى ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن ھەمدە تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ۋە بەرىكەتلىك قىلىپ بەرسۇن. مىننەتسىز ۋە يامان غەرەزسىز قىلىنغان ياخشى ئىشلار ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدۇ ئىنشائاللاھ.
    ئىككى ياشلىق قىزىمغا بۇ كىتابنى بىر ئۆگىتىپلا پۈتۈنلەي ئەستە ساقلىۋالدى، ئاللاھ رازى بولسۇن. مۇمكىن بولسا ھەرپلەرنى تونۇش فىلىمىنى تولۇق، سانلارنى قوشۇش ئېلىش، كۆپەيتىش بۈلۈشنى ئۆگىتىش دېگەندەك فىلىملەرنى ئىشلەپ قويغان بولساڭلا ھەمدە ئۇنى ماس ھالدىكى كىتابنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۆتۈپ بەرگەن بولساڭلا

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ماتېرىياللارنىڭ سىلەرگە مەنپەئەتلىك بولغىنىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇق. سىنلىق تەييارلاۋاتقان دەرسلەر ئاتا – ئانىلار -ئۈچۈندۇر. زېھىن ۋە ۋاقتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە بالىلار ئۈچۈنمۇ سىنلىق دەرسلەرنى تەييارلاشقا تىرىشىمىز. رەھمەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.