ئاداش ھەرپلەر

ئاداش ھەرپلەر ھەققىدە

مۇھاجىرەتتە چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ زور كۆپچىلىكى مەكتەپ مائارىپىدا لاتىن يېزىقىنى ئۆگەنگەچكە لاتىنچە ھەرپلەرنىڭ چوڭ ۋە كىچىكتىن ئىبارەت پەرقلەندۈرۈش قولاي بولغان ئىككىلا شەكلى بولۇشى ۋە بۇ ھەرپلەرنىڭ يەككە، يانمۇيان تۇرۇپ سۆز ياسىشىغا قارشى ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ شەكىللىرىنىڭ كۆپ ۋە ھەر خىل بولۇشى ۋە بۇ شەكىللەرنىڭ بەزىدە يانمۇيان تۇرۇپ، بەزىدە قول تۇتىشىپ سۆزلەرنى ياسايدىغانلىقىنى ئۆگىنىش بالىلاردىن كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. ساۋات چىقىرىش دەرسلىرىنى ئۆتۈش جەريانىدا بالىلارغا قوشۇپ يېزىشنى ئۆگەتكەندە ھەر ۋاقىت « بەزى ھەرپلەرنىڭ قولى بار. ئۇلار باشقا ھەرپ ئاداشلار بىلەن قول تۇتىشىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى ھەرپلەرنىڭ قولى يوق. ئۇلار باتۇرلار. ئۆزى يالغۇز، ھېچكىمنىڭ قولىنى تۇتمايمۇ تۇرىۋېرىدۇ» دەپ چۈشەندۈرۈشنى كۆپ تەۋسىيە قىلىپ كەلدۇق. ناھايىتى كۆپ ئاتا -ئانىلاردىن ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تاپشۇرىۋالغان « قولى بارمۇ؟ دەپ سوراپلا ئاندىن توغرا يېزىپ كېتىدۇ »، « قولى بار، قولى يوق دېگەن ئوماق، سېھىرلىك گەپنىڭ قوشۇپ يېزىشنى ئۆگىتىشكە بەك پايدىسى بولدى» دېگەن ئىنكاسلاردىن بىلدۇقكى، بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ بالىلارنىڭ كۆپ خىل ھەرپ شەكىللىرىنىڭ توغرىسىنى تاللاپ قوشۇپ يازالايدىغان بولۇشىدا كۆرۈنەرلىك ياردىمى بولغان. شۇ سەۋەپتىن بالىلارنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۆگىنىشى ئۈچۈن بۇ بىر يۈرۈش قولى بار ھەرپلەرنى تۈزۈپ تارقاتتۇق.

بۇ كارتىلارنى قانداق ئىشلىتىش ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەققىدە تور بېتىمىزگە سىنلىق مىساللارنى قالدۇرىمىز. پايدىلىنىشىڭلارنى ۋە سىلەرگە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاداش ھەرپلەرنىڭ pdf نۇسخىسى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

 2,851 total views,  1 views today

2 thoughts on “ئاداش ھەرپلەر

  1. بۇ بەك پايدىلىق ماتىرىيال بوپتۇ،ھېلىمۇ ئېسىمدە ،مەن قولى بار ھەرپلەرنى باش ھەرپنىڭ تېخى چوڭ بولمىغان بالىلىرى،ئۇلار چوقۇم بىرسىئىڭ قولىنى تۇتۇپ قۇردا تۇرىشى كېرەك،بولمىسا يۈتۈپ كېتىدۇ-دە،مەنىسىز قالىدۇ دەپ قىزىمغا ئۈگەتكەن ئىدىم…..يىللار ئىلگىرى،قىزىم ھازىر 11گە كىردى،ئانا تىلدا ئوقۇيدۇ ۋە يازىدۇ،سۆزلىشى ياخشىيۇ ئەمما چەت تىلنىڭ شىۋىسى بار،ئاڭلاپ ھىس قىلىۋالىسىز،ئەلۋەتتە ق،ھ،خ ،ئە،ر،ل ھەرىپلىرى ئاجايىپ تەبىئى ۋە تولۇق ئەمما سۆزلىگەندە سەل -پەل ئۇلانمىلارنى،تۈرداش قوشۇمچىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ،ئەمما تىرىشساقلا چوقۇم ياخشى نەتىجە چىقىدۇ. رەھمەت،گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قايتا ئەسلەپ چىقىپ ،ئەجرىڭلەردىن تېخىمۇ سۆيۈندۈم.رەھمەت ۋە تەشەككۈرلەر سىزگە!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.