«رامىزان كەلدى» ئوقۇش ۋە مەشىق يۈرۈشلۈكى

 

«رامىزان كەلدى» ئوقۇش ۋە مەشىق يۈرۈشلىكى - بالىلارنىڭ رامىزان ئېيىدىكى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلدى. بۇ ماتېرىيالدا رامىزاننىڭ 30 كۈنىگە 30 يۈرۈش ماتېرىيال تەييارلانغان بولۇپ، ھەر بىر كۈنلۈك يۈرۈش تۆت بەت. 1 - بېتى بىر بالىنىڭ رامىزان خاتىرىلىرى ۋە دۇئاسى، 2 - 3 - بەتلىرى مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ئۈچۈن رامىزان ھەققىدە ۋە ئىسلام دىنىمىزدىكى ئەڭ ئاساسىي ۋە زۆرۈر ساۋاتلار، 4 - بېتى يەسلى يېشىدىكى بالىلىرىمىز ئۈچۈن بولۇپ، بۇ ماتېرىيال ئارقىلىق ئۆگەتمەكچى بولغانلىرىمىزنى ناھايىتى ئاددى، رەڭدار ۋە يېنىك بىر شەكىلدە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشتۇق. ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوللىنىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىنى ۋە تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەنپەئەتلىك بولسۇن!  ماتېرىياللارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن چۈشۈرگەيسىلەر.

1 - 7 - كۈنىگىچە

8 - 14 - تۈركىيە

8 - 14 - نورۋېگىيە

15 16 17 18 20  21 22 23 24 25 26 19
27

رامىزان خاتىرەم - ئوغۇللارغا

رامىزان خاتىرەم - قىزلارغا

 3,759 total views,  1 views today

3 thoughts on “«رامىزان كەلدى» ئوقۇش ۋە مەشىق يۈرۈشلۈكى

  1. سىلەردىن ئاللاھ رازى بولسۇن ،مۇساپىر يۇرتلاردا ھەممىمىزنىڭ يۈرەكلىرى قاناۋاتقان مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە مىللىتىمىزنىڭ بالىلىرىنىڭ غېمىنى يەپ مۇشۇنداق گۈزەل ماتېرياللارنى تەييارلاپ ھىچ قانداق ھەق تەلەپ قىلماي بىز بىلەن ھەمبەھىرلىشىۋاتىسىلەر سىلەردىن پەخىرلىنىمەن

  2. سىلەردىن ئاللاھ رازى بولسۇن ،مۇساپىر يۇرتلاردا ھەممىمىزنىڭ يۈرەكلىرى قاناۋاتقان مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە مىللىتىمىزنىڭ بالىلىرىنىڭ غېمىنى يەپ مۇشۇنداق گۈزەل ماتېرياللارنى تەييارلاپ ھىچ قانداق ھەق تەلەپ قىلماي بىز بىلەن ھەمبەھىرلىشىۋاتىسىلەر سىلەردىن پەخىرلىنىمەن

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.