2019- يىلى ئۈچۈن ئانا تىل كالىندارى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار، سۆيۈملۈك بالىلار ۋە پىداكار ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى

2018 -يىلىنى ئۇزىتىپ، يېڭى بىر يىلنى كۈتىۋالدۇق. ئۆتكەن بىر يىلدا دەرسخانىمىزنى قوللىغان، يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ئېلىپبەنى ۋە باشقا ماتىرىياللىرىمىزنى قوللانغان بارلىق ئائىلىلەرگە ۋە ئانا تىل مەكتەپلىرىگە رەھمەت ئېيتىمىز! ھەر بىرەيلەننىڭ قوللىشى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرى بىلەن بۇندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل مائارىپى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە نەتىجىلىك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بۇ يېڭى يىلدا مۇھاجىرەتتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلە ئانا تىل مائارىپىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشىنى، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشىنى، شۇ ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل مائارىپىدا ھەممەيلەننىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن يېڭى يۈكسىلىشلەر ۋە نەتىجىلەرنىڭ روياپقا چىقىشىنى تىلەيمىز.

بۇ يېڭى يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيىرلىك بىر يىل بولۇشى ئۈمىدى بىلەن سىلەرگە ئانا تىلىمىزدا بىر كالىندار تەييارلىدۇق. ھەممەيلەننىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!

2019 -يىللىق ئانا تىل كالىندارىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

2,807 total views, 1 views today

4 thoughts on “2019- يىلى ئۈچۈن ئانا تىل كالىندارى

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. كالىندار بەك ياخشى لاھىلىنىپتۇ، ئەجىر سىڭدۈرگەنلەردىن ئاللاھ رازى بولسۇن. پەقەت بىرىنچى بەتتىكى 2019 -يىل 2109- يىل بولۇپ بېسىلىپ قاپتۇ، ياخشى ئىش مۇكەممەل بوپ كەتسۇن دەپ ئۇچۇر قالدۇرۇشنى توغرا كۆردۈم.

  2. ئۇزمىزنىڭ تىلدا بۇنداق سۇپەتلىك كالىندارنى كۇرۇپ بەك ھاياجانلاندىم. ئاللاھ قۇلڭىزگە دەرت بەرمىسۇن ! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز