چىك – چىك – چىك

كۈرەش (يەتتە ياش) چىك - چىك - چىك چىك - چىك - چىك، ئويغان بالىجان. تەييارلىدى چاي، ساڭا ئانىجان. چىك - چىك - چىك، مەكتەپكە يول ئال. تىرىشىپ ئۆگەن، ئۇستاز سۆزى بال.  460 total views

 460 total views

كۈرەش (سەككىز ياش) يامغۇر ياغدىن سىم - سىم سۆزى: ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى مۇزىكىسى: گۈلنار ئىمام يامغۇر ياغدى سىم - سىم، يوپۇرماققا تىم - تىم. چاڭ - توزانلار دېدى: ھىم! ئاندىن يەنە بولدى جىم. يامغۇر ياغدى سىم - سىم، يوپۇرماققا تىم - تىم. قۇشلار راسا يۇيۇندى. ناخشا ئېيقان كىم - كىم؟ يامغۇر ياغدى سىم - سىم، …
Continue reading يامغۇر ياغدى سىم – سىم

 397 total views

كۈرەش (سەككىز ياش) ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ ئاق تاش، كۆك تاش، دەريا بويى سۈزۈك تاش. سېنىڭ بىلەن مەن ئاداش، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ بولساق ئاكا - ئۇكىدەك، بولۇر ئويۇن ئويۇندەك. ئۇرۇشمايلى چۈجىدەك، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ ئاق تاش، كۆك تاش، دەريا بويى سۈزۈك تاش. ماڭا كېرەك كۆپ ئاداش، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ ئادىشىڭنىڭ بىرى مەن، ئوينايدىغان بالىمەن. كۆپ ئويۇننى …
Continue reading ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

 357 total views

كۈرەش (ئالتە ياش) خوراز نېمە دەيدۇ؟ سۆزى: ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر مۇزىكىسى: ئىسكەندەر سەيپۇللا قو قو قوق، قو قو قوق، خوراز چىللايدۇ. ئېيتىڭلاچۇ بالىلار، خوراز نېمە دەيدۇ؟ «تاڭ ئېتىپتۇ، ئورنۇڭدىن چاپسان تۇر دەيدۇ. ئۇخلاپ ياتساڭ كەچكىچە، ئۇياتتۇر» دەيدۇ.  348 total views

 348 total views

بۇ قىزىقارلىق ئەپسانىلەر بەش ياشتىن ئون ياشقىچە بالىلار ئۈچۈن تەييارلاندى. بالىلارنىڭ تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسەت قىلىندى. مۇھاجىرەتتىكى بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ئېھتىياجى نەزەرگە ئېلىپ، تىلى ئاددىيلاشتۇرۇلدى. مەنبە: ئەلپىدا ئوقۇشلۇقلىرى تۆگىنىڭ قۇيرۇقى نېمىشقا قىسقا؟ ئات نېمە ئۈچۈن ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلايدۇ؟ كالا نېمىشقا سامان يەيدىغان بولۇپ قالغان؟ مۈشۈك نېمىشقا كەچكىچە يۈزىنى …
Continue reading ھايۋاناتلار ھەققىدە ئەپسانىلەر

 463 total views

ئاۋازلىق مەسەللەر ئۈچ ياشتىن ئون ياشقىچە بالىلار ئۈچۈن تەييارلاندى. بالىلارنىڭ تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسەت قىلىندى. مۇھاجىرەتتىكى بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ئېھتىياجى نەزەرگە ئېلىپ، تىلى ئاددىيلاشتۇرۇلدى. مەنبە: ئەلپىدا ئوقۇشلۇقلىرى بۆرە، ئېيىق ۋە تۈلكە شىرنى يەڭگەن پاشا خوراز بىلەن ئۆردەك بۆرە ۋە ساقال چېكەتكە بىلەن چۈمۈلە  443 total views

 443 total views

بوۋاق بالىلار تىلنى قانداق ئۈگىنىدۇ؟ نۆل ئايلىقتىن ئۈچ ئايلىققىچە ( بۇ مەزمۇن مەن ئۆزۈم مۇشۇ ھەقتە ئوقۇغان كىتابلارنى، تور دۇنياسىدا كۆرۈپ پايدىلانغان ماتېرىياللارنى مەنبە قىلىدۇ ۋە ئۆزۈمنىڭ ئىككى بالامدىن ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىمنىمۇ قوشىمەن.) ھامىلە تەربىيىسى دىگەن ئۇقۇم بىز ئۈچۈن ئانچە ناتونۇش ئەمەس. يەنى بىر بالىنىڭ، بىر جاننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى بۇ دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن، يەنى ھامىلە ۋاقتىدىلا يېتىلىشكە …
Continue reading بوۋاق بالىلار تىلنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟

 57,470 total views,  694 views today