كۈرەش (يەتتە ياش) ئاقلامچى مەن ئۆزۈم بىر ئاقلامچى، ھۈنەرگە ئۇستا. يېڭى سالغان بۇ ئۆينى، ئاقلىدىم كاتتا. تام – تورۇسنى ئاقلىسام، چوتكام ئوينايدۇ. ئاقلىمىغان ئاخىرى، بۇرنۇم قالماپتۇ.
![]()
Loading...
كۈرەش (يەتتە ياش) ئاقلامچى مەن ئۆزۈم بىر ئاقلامچى، ھۈنەرگە ئۇستا. يېڭى سالغان بۇ ئۆينى، ئاقلىدىم كاتتا. تام – تورۇسنى ئاقلىسام، چوتكام ئوينايدۇ. ئاقلىمىغان ئاخىرى، بۇرنۇم قالماپتۇ.
![]()
كۈرەش (يەتتە ياش) ھەپتە ناخشىسى دۈگىلەپ، دۈگىلەپ كەلدى دۈشەنبە. سەكرەپ كەلدى سەيشەنبە. چامداپ كەلدى چارشەنبە، پايلاپ كەلدى پەيشەنبە، ئۇلۇغ جۈمە، شېكەر شەنبە، ئەڭ كەينىدە يەكشەنبە.
![]()
كۈرەش (يەتتە ياش) 12 ئاي ناخشىسى سۆزى: گۈلنار ئىمام مۇزىكىسى: گۈلنار ئىمام مۇزىكىسىنى چالغۇچى: ئابدۇرېھىم ئوسمان كۆكتۇغ فىلىم ئىشلىگۈچى: مەردان ئۇيغۇر يىلنىڭ بېشى يانۋار، ئاندىن كېلەر فېۋرال. مارتتا نورۇز بايرىمى، ئاپرېل ھەم باھار. مايدا گۈللەر ئېچىلار، چېچەكلەيدۇ ئالمىلار. ئىيۇندىكى ئىسسىق قۇياش، ئالتۇن نۇر چاچار. ياز ئىيۇلغا ئۇلىشار، ئاۋغۇستتا خوشلىشار. سېنتەبىردە ئالتۇن كۈز، ئالمىلار پىشار. ئۆكتەبىردە …
Continue reading 12 ئاي ناخشىسى
![]()
كۈرەش (يەتتە ياش) يۇلتۇزلارغا سۆز ئابلىكىم ھەسەن جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار، كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە. ئۇلار تۈننىڭ زىننىتى، بوۋىلارنىڭ سۆزىچە. ئېيتىڭلارچۇ يۇلتۇزلار، مەن دوستلۇققا يارامدىم؟ ھەممىڭلارنىڭ قېشىغا، مېھمان بولۇپ بارامدىم؟ ساناپ باقسام ئۇلارنىڭ سانلىرىنىڭ چېكى يوق. ئاداش بولاي دېسەم مەن، كۆز قىسىدۇ، سۆزى يوق.
![]()
كۈرەش (يەتتە ياش) چىك – چىك – چىك چىك – چىك – چىك، ئويغان بالىجان. تەييارلىدى چاي، ساڭا ئانىجان. چىك – چىك – چىك، مەكتەپكە يول ئال. تىرىشىپ ئۆگەن، ئۇستاز سۆزى بال.
![]()
كۈرەش (سەككىز ياش) يامغۇر ياغدىن سىم – سىم سۆزى: ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى مۇزىكىسى: گۈلنار ئىمام يامغۇر ياغدى سىم – سىم، يوپۇرماققا تىم – تىم. چاڭ – توزانلار دېدى: ھىم! ئاندىن يەنە بولدى جىم. يامغۇر ياغدى سىم – سىم، يوپۇرماققا تىم – تىم. قۇشلار راسا يۇيۇندى. ناخشا ئېيقان كىم – كىم؟ يامغۇر ياغدى سىم – سىم، …
Continue reading يامغۇر ياغدى سىم – سىم
![]()
كۈرەش (سەككىز ياش) ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ ئاق تاش، كۆك تاش، دەريا بويى سۈزۈك تاش. سېنىڭ بىلەن مەن ئاداش، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ بولساق ئاكا – ئۇكىدەك، بولۇر ئويۇن ئويۇندەك. ئۇرۇشمايلى چۈجىدەك، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ ئاق تاش، كۆك تاش، دەريا بويى سۈزۈك تاش. ماڭا كېرەك كۆپ ئاداش، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ ئادىشىڭنىڭ بىرى مەن، ئوينايدىغان بالىمەن. كۆپ ئويۇننى …
Continue reading ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟
![]()
كۈرەش (ئالتە ياش) خوراز نېمە دەيدۇ؟ سۆزى: ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر مۇزىكىسى: ئىسكەندەر سەيپۇللا قو قو قوق، قو قو قوق، خوراز چىللايدۇ. ئېيتىڭلاچۇ بالىلار، خوراز نېمە دەيدۇ؟ «تاڭ ئېتىپتۇ، ئورنۇڭدىن چاپسان تۇر دەيدۇ. ئۇخلاپ ياتساڭ كەچكىچە، ئۇياتتۇر» دەيدۇ.
![]()
كۈرەش (يەتتتە ياش) كېپىنەك سۆزى: مۇزىكىسى: ئىسكەندەر سەيپۇللا كېپىنەك، كېپىنەك، كەلگىن جان دوستۇم. بۇ گۈزەل باغچامدا، پەرۋاز قىلغىن شاد. سۇ قۇيۇپ گۈللەرنى، ئاينىتاي دائىم. سەن قونغىن، گۈللەرگە، بولسۇن باغ ئاۋات.
![]()
![]()