«تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى

«تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى تاۋۇش پىلاكاتلىرى بىلەن بىر يۈرۈش ماتىرىيال بولۇپ، پىلاكاتلار ئارقىلىق تاۋۇشلارنى ھىس قىلىش، بىر سۆزنىڭ باش تاۋۇشى، ئاخىرقى تاۋۇشىنى تېپىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناش جەريانىدا بالىلار كۆرۈپ، تونۇۋالغان تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان ھەرخىل بەلگىلەر يەنى ئانا ھەرپلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش ۋە بالىلارنىڭ ئانا ھەرپلەرنى يېزىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى. بۇ كارتىلارنى بىر بەتتە ئالتە تاۋۇش …
Continue reading «تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى

 5,589 total views

تاۋۇش پىلاكاتلىرى

بۇ تاۋۇش پىلاكاتلىرى ساۋات چىقىرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ئۈچۈن سۈپەتلىك قىلىپ قايتىدىن تەييارلاندى. بۇ پىلاكاتلارنى بالىلارغا ئالما دېسەك ئا چىقىدىكەن ھە دەپ ئەڭ دەسلەپكى تاۋۇش دېگەننى ھېس قىلدۇرىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆيگە، دەرسخانا تاملىرىغا ئېسىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىدۇق. بۇ خىل پىلاكاتلار ساۋات چىقىرىشنىڭ ئەڭ زۆرۈر ماتىرىياللىرىدىن بىرى بولغاچقا ئاتا-ئانىلارنىڭ چوقۇم بېسىپ چىقىرىپ بالىلارغا تەييار قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. …
Continue reading تاۋۇش پىلاكاتلىرى

 2,212 total views

بالىمىزنىڭ ساۋاتىنى قانچە يېشىدا چىقارساق مۇۋاپىق؟

كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار دائىم « بالام ئۈچ ياشقا كىردى..تۆت ياشقا كىردى...ساۋاتىنى چىقارسام بولامدۇ؟» ياكى « بالامنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىشنى قانچە يېشىدا باشلىسام مۇۋاپىق؟» دەپ سورايدۇ. مەن ۋەتەن سىرتىدا تۇغۇلۇپ، چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ساۋاتىنى قانچە ياشتا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئانا تىل ھازىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۈن ھۆججىتىدىن ئاڭلىغايسىز.  1,549 total views

 1,549 total views

ھەرپ كارتىلىرى-كاۋاك نۇسخىسى

ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ شەكىللىرىنىڭ ئىچى كاۋاك نۇسخىسى بىر A4 ئۆلچەمدىكى قەغەزگە تۆت تالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىنى جەدۋەل سىزىقلىرى بويىچە كېسىپ ئېلىپ. ئايرىم-ئايرىم تەييارلىۋالساقمۇ ۋە ياكى بىر چوڭ بەت شەكلىدە ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. بۇ كارتىلارنى ساۋات چىقىرىش دەرسلىكىدە بوياپ ئۆگىنىش، ئىزلاپ يېزىش ۋە كاۋچۈك لاي بىلەن ئىزلاپ ياساش قاتارلىق ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتەلەيمىز. پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ …
Continue reading ھەرپ كارتىلىرى-كاۋاك نۇسخىسى

 5,226 total views

ھەرپ كارتىلىرى

ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ شەكىللىرى بىر A4 ئۆلچەمدىكى قەغەزگە تۆت تالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىنى جەدۋەل سىزىقلىرى بويىچە كېسىپ ئېلىپ. ئايرىم-ئايرىم تەييارلىۋالىمىز. بۇ كارتىلارنى ساۋات چىقىرىش دەرسلىكىدە ھەرپلەر ۋە شەكىللەرنى تونۇتۇش، تاۋۇشلارنى ئويناش ۋە قوشۇپ يېزىشنى ئۆگىنىشتە قوللانساق بولىدۇ. چىداملىق ۋە ئىشلىتىشكە قولاي بولۇشى ئۈچۈن پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. . PDF شەكلىنى بۇ …
Continue reading ھەرپ كارتىلىرى

 2,166 total views

تاۋۇش قۇراقلىرى

تاۋۇش قۇراقلىرى بىر ماسلاشتۇرۇش ئويۇنى بولۇپ رەسىملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاۋۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئوينايمىز. تاۋۇش قۇراقلىرىنى يەنە تاۋۇشلارنى ۋە ئانا ھەرپلەرنى تونۇتىدىغان كارتا  قىلىپمۇ ئىشلىتەلەيمىز. بۇ ئويۇننىڭ ماتىرىيالى بولغان PDF ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.  6,989 total views

 6,989 total views