تىل ئويۇنى: رەڭ پادىشاھى

بۇ ئويۇن ئارقىلىق بالىلار ھەرىكەتچان ھالەتتە رەڭلەرنىڭ ئاتىلىشىنى ياخشى مەشىق قىلالايدۇ ۋە مۇھىمى دوستلىرى بىلەن بىللە ئويناپ، خۇش بولىدۇ. جىق بالىلار قاتناشسا قىزىيدۇ. شۇڭا ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ياكى ھەر تۈرلۈك بالىلار يىغىلىشلىرىدا ئويناشقا بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئويۇن قائىدىسى ئۈچۈن ئاستىدىكى ھۆججەتنى ئېچىڭ.  452 total views

 452 total views

تىل ئويۇنى: يەنە قانداق تۈرلەرنى بىلىسىز؟

تىل ئويۇنى: يەنە قانداق تۈرلەر بار؟ قاتنىشىدىغان ئادەم سانى: ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ. ئويۇن قائىدىسى: ئالدى بىلەن ئويۇنغا قاتناشقۇچى چوڭلاردىن بىرەيلەن مەلۇم بىر تۈرگە تەۋە سۆزدىن ئىككىنى دەيدۇ. مەسلەن: «كۆكتات» لاردىن «پىياز، سەۋزە» ياكى «كىيىم - كېچەكلەر»دىن «چاپان، مايكا» نى دېدى دەيلۇق. ئاندىن 2 - بىرەيلەن يېڭى بىر تۈردىكى سۆزدىن ئىككىنى دەيدۇ. مەسلەن: «پويىز، ماشىنا» …
Continue reading تىل ئويۇنى: يەنە قانداق تۈرلەرنى بىلىسىز؟

 13,395 total views

ئويۇنلار: قايسىنى خالايسىز؟

قايسىنى خالايسىز؟ قانچە قېتىم؟ دەپ سورايمىز. بۇنى كىچىكىمىزدە ھەممىمىز ئويناپ باققانغۇ دەيمەن. ئىچىگە سۆزلەرنى يېزىپ ئوقۇساق، ھەرپلەرنى يېزىپ ئوقۇساق، ياكى رەسىملەرنى چاپلاپ، ئىسمىنى دەپ ئوينىساق بولىدۇ. «قانچە قېتىم؟» دەپ سورىغاندا 40 قېتىم، 50 قېتىم دەپ قويساق، تېخى ئۇيغۇرچە ساناشنى مەشىق قىلىۋالىمىز.  1,513 total views

 1,513 total views

تىل ئويۇنى: مەن نېمىنى ئويلىدىم؟ كىم تاپالايدۇ؟

قاتنىشىدىغان ئادەم سانى: ئاز دېگەندە 2 ياش چەكلىمىسى: 3 ياشتىن يۇقىرى ئويۇن قائىدىسى: بىرەيلەن كۆڭلىگە كونكىرىت بىر نەرسىنى پۈكىدۇ. مەسلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن دادا بولغۇچى كۆڭلىدە بىر چاپاننى ئويلاپ پۈكتى دەيلى. قالغانلار سوئال سوراشنى باشلايدۇ. تاپقۇچىلار چوقۇم ھەئە ياكى ياق دەپ جاۋاب بېرىلىدىغان سوئاللارنى سورىشى لازىم. دادىسىمۇ سوئاللارغا پەقەت ياق، ھەئە لا دەپ جاۋاب بېرىشى …
Continue reading تىل ئويۇنى: مەن نېمىنى ئويلىدىم؟ كىم تاپالايدۇ؟

 1,223 total views

تىل ئويۇنى: كىم ئەڭ تېز ماڭىدۇ؟

ئاپىلار، دادىلار ۋە بالىلار تەڭ ئوينايلى...كارتىلاردىن ئۇزۇن يول ياساپ، ئاتلاپ-ئاتلاپ ماڭايلى! ئاخىرقى پەللىگە قېنى كىم ئەڭ تېز يېتىپ بارىدىكىن؟ كۆڭۈللۈك ئوينىغاچ كارتىلاردىكى سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىۋالىمىز. تەپسىلاتى ئۈچۈن سىننى كۆرگەيسىز. بۇ ئويۇندا تىلغا ئېلىنغاندەك كارتىلارغا ۋە رەسىملەرگە ئېھتىياجىڭىز بولسا  بۇ ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ.  1,233 total views

 1,233 total views

تاۋۇش قۇراقلىرى

تاۋۇش قۇراقلىرى بىر ماسلاشتۇرۇش ئويۇنى بولۇپ رەسىملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاۋۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئوينايمىز. تاۋۇش قۇراقلىرىنى يەنە تاۋۇشلارنى ۋە ئانا ھەرپلەرنى تونۇتىدىغان كارتا  قىلىپمۇ ئىشلىتەلەيمىز. بۇ ئويۇننىڭ ماتىرىيالى بولغان PDF ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.  7,588 total views

 7,588 total views

تىل ئويۇنى: ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە سۆز تېپىش

كىم تېز تاپالايدۇ؟   بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى مۇنداق: ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ كىشى بىللە ئولتۇرۇپ ئېلىبپە تەرتىپى بويىچە سۆز تاپىمىز. مەسلەن: ئالما، ئەنجۈر، بەش، پالتا، تاۋۇز، جەرەن، چەينەك، خوراز، دوپپا، روزا، زىراپە، ژورنال..... مۇشۇنداق قىلىپ ئا ھەرپىدىن باشلانغان سۆزدىن باشلاپ ئەڭ ئاخىرىدىكى ي ھەرپىدىن باشلانغان سۆزدە توختايمىز. ئەڭ تېز تېپىپ بولغۇچى ئۇتىۋالغان بولىدۇ. ئەگەر ئېلىپبە …
Continue reading تىل ئويۇنى: ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە سۆز تېپىش

 3,004 total views

تىل ئويۇنى: كىم كۆپ سۆز بىلىدۇ؟

قاتنىشىدىغان ئادەم سانى : 2+ ياش چەكلىمىسى: 4+ بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى مۇنداق: ئويۇننى باشلىغۇچى ئالدى بىلەن بىر كاتاگورىيىنى بېكىتىدۇ. مەسلەن: ھايۋاناتلار، كۆكتاتلار، دۆلەتلەر، ئۇيغۇرلاردا مەشھۇرلار، ۋەتىنىمىزدىكى شەھەرلەر... دېگەندەك. ئاندىن 1،2،3.. باشلاندى دېيىشى بىلەن قالغانلار بىر مىنۇت ئىچىدە 10 سۆز تاپىدۇ. كىم ئەڭ تېز تېپىۋالسا كېيىنكى ئايلانما ئۈچۈن كاتاگورىيە بېكىتىدۇ ۋە ئويۇننى باشلايدۇ. ئويۇن مۇشۇنداق ئايلىنىدۇ. …
Continue reading تىل ئويۇنى: كىم كۆپ سۆز بىلىدۇ؟

 1,926 total views