8 total views
8 total views
Loading...
8 total views
8 total views
ئاددىي، قىسقا، چۈشىنىشلىك جۈملىلەر بىلەن رەسىملەر بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ مەشىق يېڭىلا ساۋاتى چىقىپ، جۈملىلەرنى ئوقۇشقا باشلىغان بالىلىرىمىز ئۈچۈن تەييارلاندى. ئاۋۋال كارتىلارنى كېسىپ تەييار قىلىۋالىمىز. ئاندىن جۈملىلەرنى ئوقۇپ، رەسىملەر بىلەن ماسلاشتۇرىمىز. بىر قېتىمدا قانچە كارتىنى ئوقۇپ ماسلاشتۇرۇشنى بالىنىڭ ئوقۇپ، چۈشىنىش سەۋىيەسىگە قارىتا بەلگىلىسەك بولىدۇ. مەسىلەن، ئەڭ دەسلەپتە ئۈچ تال جۈملە كارتىسى ۋە ماس رەسىم كارتىسىنى قوشۇپ ئالتە …
Continue reading رەسىملەر بىلەن جۈملىلەرنى ماسلاشتۇرۇش
265 total views
ئېلىپبەنى يېڭىلا تۈگەتكەن ھەممە ئوماقلارنىڭ دېگۈدەك تىل - ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن 32 ھەرپنى بىر تەكرارلاشقا ئېھتىياجى بولىدۇ. بالىلار تەكرارلاش ئارقىلىق ئىلگىرى ئۆگەنگەنلىرىنى پىششىقلايدۇ. يەنى ھەرپلەرنى تېخىمۇ ئېنىق، پەرقلەندۈرۈپ تونۇيدۇ. ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارىمۇ ياخشىلىنىدۇ. مۇھىمى ھەممە ھەرپلەرنى تونۇپ بولغان ھالەتتە ئاددىي مەشىقلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، تىل -ئەدەبىيات دەرسلىرىدە ئۇچرايدىغان، ئۇلارغا تىل ئۆگىتىشتە مۇھىم بولغان مەشىقلەرنىڭ …
Continue reading 32 ھەرپنى تەكرارلايلى
813 total views
بۇ ئويۇن ئارقىلىق بالىلار ھەرىكەتچان ھالەتتە رەڭلەرنىڭ ئاتىلىشىنى ياخشى مەشىق قىلالايدۇ ۋە مۇھىمى دوستلىرى بىلەن بىللە ئويناپ، خۇش بولىدۇ. جىق بالىلار قاتناشسا قىزىيدۇ. شۇڭا ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ياكى ھەر تۈرلۈك بالىلار يىغىلىشلىرىدا ئويناشقا بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئويۇن قائىدىسى ئۈچۈن ئاستىدىكى ھۆججەتنى ئېچىڭ. 460 total views
460 total views
كۈرەش ھەر خىل قاتناش ۋاستىلىرىگە ئولتۇرۇپ، قەيەرلەرگە، نېمە ئىشلارنى قىلغىلى كەتكەندۇ؟ 468 total views
468 total views
بىر بەتلىك تىل كۈچەيتىش مەشىقلىرى توققۇز ياشتىن يۇقىرى بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلدى. بۇ مەشىقلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا ياردەمچى بولۇش مەقسەت قىلىندى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان، لېكىن مۇھىم بولغان سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىپ پىششىقلىشى ئۈچۈن2. ئۇيغۇرچە سۆزلىگەندە مەكتەپ تىلىدىن تەرجىمە قىلىپ سۆزلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان خاتالىقلارنى چۈشىنىشى ۋە تۈزىتىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن3. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاددىي …
Continue reading بىر بەتلىك تىل كۈچەيتىش مەشىقلىرى
696 total views
كۈرەش (يەتتە ياش) ئاقلامچى مەن ئۆزۈم بىر ئاقلامچى، ھۈنەرگە ئۇستا. يېڭى سالغان بۇ ئۆينى، ئاقلىدىم كاتتا. تام - تورۇسنى ئاقلىسام، چوتكام ئوينايدۇ. ئاقلىمىغان ئاخىرى، بۇرنۇم قالماپتۇ. 524 total views
524 total views
كۈرەش (يەتتە ياش) ھەپتە ناخشىسى دۈگىلەپ، دۈگىلەپ كەلدى دۈشەنبە. سەكرەپ كەلدى سەيشەنبە. چامداپ كەلدى چارشەنبە، پايلاپ كەلدى پەيشەنبە، ئۇلۇغ جۈمە، شېكەر شەنبە، ئەڭ كەينىدە يەكشەنبە. 498 total views
498 total views
كۈرەش (يەتتە ياش) 12 ئاي ناخشىسى سۆزى: گۈلنار ئىمام مۇزىكىسى: گۈلنار ئىمام مۇزىكىسىنى چالغۇچى: ئابدۇرېھىم ئوسمان كۆكتۇغ فىلىم ئىشلىگۈچى: مەردان ئۇيغۇر يىلنىڭ بېشى يانۋار، ئاندىن كېلەر فېۋرال. مارتتا نورۇز بايرىمى، ئاپرېل ھەم باھار. مايدا گۈللەر ئېچىلار، چېچەكلەيدۇ ئالمىلار. ئىيۇندىكى ئىسسىق قۇياش، ئالتۇن نۇر چاچار. ياز ئىيۇلغا ئۇلىشار، ئاۋغۇستتا خوشلىشار. سېنتەبىردە ئالتۇن كۈز، ئالمىلار پىشار. ئۆكتەبىردە …
Continue reading 12 ئاي ناخشىسى
884 total views
كۈرەش (يەتتە ياش) يۇلتۇزلارغا سۆز ئابلىكىم ھەسەن جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار، كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە. ئۇلار تۈننىڭ زىننىتى، بوۋىلارنىڭ سۆزىچە. ئېيتىڭلارچۇ يۇلتۇزلار، مەن دوستلۇققا يارامدىم؟ ھەممىڭلارنىڭ قېشىغا، مېھمان بولۇپ بارامدىم؟ ساناپ باقسام ئۇلارنىڭ سانلىرىنىڭ چېكى يوق. ئاداش بولاي دېسەم مەن، كۆز قىسىدۇ، سۆزى يوق. 446 total views
446 total views