ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

كۈرەش (سەككىز ياش)


ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

ئاق تاش، كۆك تاش،
دەريا بويى سۈزۈك تاش.
سېنىڭ بىلەن مەن ئاداش،
ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ 

بولساق ئاكا - ئۇكىدەك،
بولۇر ئويۇن ئويۇندەك.
ئۇرۇشمايلى چۈجىدەك،
ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

ئاق تاش، كۆك تاش،
دەريا بويى سۈزۈك تاش.
ماڭا كېرەك كۆپ ئاداش،
ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

ئادىشىڭنىڭ بىرى مەن،
ئوينايدىغان بالىمەن.
كۆپ ئويۇننى بىلىمەن،
ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟  

 317 total views,  1 views today

Comments

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.