سۆزلۈك پىلاكاتلىرى: بەدەندىكى ئەزالار

باش، قاش، چاچ…بەدىنىمىزدىكى ئەزالارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئۆگىنەيلى! بۇ پىلاكاتنى بالىلار كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر تامغا ئېسىپ بەرسىڭىز ياكى جەدۋەل سىزىقلىرى بويىچە كېسىپ كارتا شەكلىدە قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. بەدەندىكى ئەزالار

Loading

تىل ئويۇنى: كىم ئەڭ تېز ماڭىدۇ؟

ئاپىلار، دادىلار ۋە بالىلار تەڭ ئوينايلى…كارتىلاردىن ئۇزۇن يول ياساپ، ئاتلاپ-ئاتلاپ ماڭايلى! ئاخىرقى پەللىگە قېنى كىم ئەڭ تېز يېتىپ بارىدىكىن؟ كۆڭۈللۈك ئوينىغاچ كارتىلاردىكى سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىۋالىمىز. تەپسىلاتى ئۈچۈن سىننى كۆرگەيسىز. بۇ ئويۇندا تىلغا ئېلىنغاندەك كارتىلارغا ۋە رەسىملەرگە ئېھتىياجىڭىز بولسا  بۇ ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ.

Loading

بالىمىزنىڭ ساۋاتىنى قانچە يېشىدا چىقارساق مۇۋاپىق؟

كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار دائىم « بالام ئۈچ ياشقا كىردى..تۆت ياشقا كىردى…ساۋاتىنى چىقارسام بولامدۇ؟» ياكى « بالامنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىشنى قانچە يېشىدا باشلىسام مۇۋاپىق؟» دەپ سورايدۇ. مەن ۋەتەن سىرتىدا تۇغۇلۇپ، چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ساۋاتىنى قانچە ياشتا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئانا تىل ھازىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۈن ھۆججىتىدىن ئاڭلىغايسىز.

Loading

ھەرپ كارتىلىرى-كاۋاك نۇسخىسى

ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ شەكىللىرىنىڭ ئىچى كاۋاك نۇسخىسى بىر A4 ئۆلچەمدىكى قەغەزگە تۆت تالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىنى جەدۋەل سىزىقلىرى بويىچە كېسىپ ئېلىپ. ئايرىم-ئايرىم تەييارلىۋالساقمۇ ۋە ياكى بىر چوڭ بەت شەكلىدە ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. بۇ كارتىلارنى ساۋات چىقىرىش دەرسلىكىدە بوياپ ئۆگىنىش، ئىزلاپ يېزىش ۋە كاۋچۈك لاي بىلەن ئىزلاپ ياساش قاتارلىق ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتەلەيمىز. پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ …
Continue reading ھەرپ كارتىلىرى-كاۋاك نۇسخىسى

Loading

ھەرپ كارتىلىرى

ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ شەكىللىرى بىر A4 ئۆلچەمدىكى قەغەزگە تۆت تالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىنى جەدۋەل سىزىقلىرى بويىچە كېسىپ ئېلىپ. ئايرىم-ئايرىم تەييارلىۋالىمىز. بۇ كارتىلارنى ساۋات چىقىرىش دەرسلىكىدە ھەرپلەر ۋە شەكىللەرنى تونۇتۇش، تاۋۇشلارنى ئويناش ۋە قوشۇپ يېزىشنى ئۆگىنىشتە قوللانساق بولىدۇ. چىداملىق ۋە ئىشلىتىشكە قولاي بولۇشى ئۈچۈن پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. . PDF شەكلىنى بۇ …
Continue reading ھەرپ كارتىلىرى

Loading

تاۋۇش قۇراقلىرى

تاۋۇش قۇراقلىرى بىر ماسلاشتۇرۇش ئويۇنى بولۇپ رەسىملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاۋۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئوينايمىز. تاۋۇش قۇراقلىرىنى يەنە تاۋۇشلارنى ۋە ئانا ھەرپلەرنى تونۇتىدىغان كارتا  قىلىپمۇ ئىشلىتەلەيمىز. بۇ ئويۇننىڭ ماتىرىيالى بولغان PDF ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

Loading

دەسلەپكى سۆز

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتا-ئانىلار. دەرسخانىمىزغا خۇش كەلدىڭلار. دەرسلىرىمىزنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۆزۈمنى ۋە دەرسخانىمىزنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى تەييارلىدىم. مەن پېداگوگ، بالىلار پسىخولوگى، تىلشۇناس ۋە ياكى ئوقۇتقۇچى ئەمەس. بۇرۇن مەنمۇ ئاددىي بىر ئانا ئىدىم، يەنى ئىشقا بېرىپ كېلىپ، بالىلىرىمنىڭ قورسىقىنى توقلاپ، يۇيۇپ-تاراپ، ئۆز تۇرمۇشۇمنىڭ كويىدا ياشايدىغان بىر ئانا ئىدىم. لېكىن ئالاھىدە بىر دەۋردە ياشىغان ئانا …
Continue reading دەسلەپكى سۆز

Loading

سۆزلۈك پىلاكاتلىرى: توپلار

يۈگرەپ، يۈگرەپ كېتىپ قالىدىغان توپلار، يەنە ئۇچۇپ كېتىپ قالىدىغان توپلار… ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ ھارمايدىغان ئوماق بالىلار ئۈچۈن توپلارنىڭ ئىسمىنى ئۆگىنىۋالسۇن دەپ بۇ پىلاكات ئىشلەندى. تۈزگۈچى: تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىسىدىن گۈلنار ئىمام بۇ پىلاكاتنىڭ PDF شەكلىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

Loading

مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى ئانا تىل تەربىيىسى- 12 ئايلىقتىن 24 ئايلىققىچە

 بىر ياشلىق بالىلار مېڭىشقا باشلايدۇ. ئۇلار ماڭغانكەن دۇنيانى بېلىش پائالىيىتىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ. بىز ئىلگىرى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ كۆرسەتكەن نەرسىلەرنى ئەمدى ئۇلار ئۆزلىرى مېڭىپ بېرىپ ئېلىپ باققۇسى كېلىدۇ. ھەممە نەرسىنى تۇتۇپ، تارتىپ باققۇسى كېلىدۇ. ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ ئۇچراتقان نەرسىلەرگە ئېسىلىپ، سىلاپ يۈرۈپ، ئەتراپىدىكى دۇنيانى قىزىقىش ئىچىدە تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ. يەنى بالىلار تۇغۇلغاندىن باشلاپ بىز ئۇلارغا ئەتراپىدىكى كۆرگەن شەيئىلەرنىڭ …
Continue reading مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى ئانا تىل تەربىيىسى- 12 ئايلىقتىن 24 ئايلىققىچە

Loading