ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتا-ئانىلار. دەرسخانىمىزغا خۇش كەلدىڭلار. دەرسلىرىمىزنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۆزۈمنى ۋە دەرسخانىمىزنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى تەييارلىدىم.
مەن پېداگوگ، بالىلار پسىخولوگى، تىلشۇناس ۋە ياكى ئوقۇتقۇچى ئەمەس. بۇرۇن مەنمۇ ئاددىي بىر ئانا ئىدىم، يەنى ئىشقا بېرىپ كېلىپ، بالىلىرىمنىڭ قورسىقىنى توقلاپ، يۇيۇپ-تاراپ، ئۆز تۇرمۇشۇمنىڭ كويىدا ياشايدىغان بىر ئانا ئىدىم. لېكىن ئالاھىدە بىر دەۋردە ياشىغان ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئانىلار مۇشۇنداق ئېغىر يۈكنى زىممىمىزگە ئېلىپ قالدۇق. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئېغىر يۈك ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىنىڭ زىممىسىگە چۈشتى. شۇڭا بۇ ۋەزىپە ئالدىمىزغا كەلگەندە بىز تېڭىرقىدۇق، چۆچۈدۇق، قانداق قىلىشىمىزنى بىلمىدۇق، ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدۇق. ئاخىرىدا ھەممىمىز سەۋىيىمىزنىڭ يېتىشىچە، قولىمىزدىن كېلىشىچە بۇ خىزمەتنى ياخشى ئورۇنلاش ئۈچۈن تىرىشىپ باقتۇق. مەنمۇ چەتئەلدە، يۇرتتىن يىراق يەرلەردە ئانا بولۇش ۋە ئىككى پەرزەنتىمنى تەربىيىلەش سەپىرىمنىڭ دەسلىپىدە بەك تەجرىبىسىز ئىدىم. ئۇ چاغلاردا بېشىمىزغا بۇ قەدەر ئېغىر كۈنلەر كەلمىگەن، ھازىرقىدەك ئويغىنىش بولمىغان ئىدى. لېكىن، شۇ چاغلاردىمۇ بالىلىرىمغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتسەم دەپ تورلاردىن ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى ئىزدىسەممۇ ئارزۇيۇمدىكىدەك ماتىرىيال تاپالماي ئىچىم پۇشاتتى. كېيىن بالىلىرىمىز ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولدۇق. قولغا كەلتۈرگەن ئازراق نەتىجىلىرىمىزدىن باشقىلار ئىلھام ئالدى، شۇنداقلا، باشقىلارنىڭ تەلىپى بىلەن تەجىربىلىرىمىزنى توردا ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئۈندىداردا بىر توپ قۇردۇق. ئەمما، ئۇ توپتا باشقىلار كۆپ پىكىر قاتناشتۇرمىغاچقا، مەن دەرس سۆزلەيدىغان دەرسخانىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇ توپنى يېتەكلەش داۋامىدا ئانىلارنىڭ تەجرىبە ئورتاقلىشىشقا ئېھتىياجىنىڭ چوڭلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىككىنچى قاراردا ئۆزۈم رەسمىي ئىزدىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىمنى، توپلىغانلىرىمنى، تەجرىبە-ساۋاقلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم. «تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىسى» مۇشۇنداق باشلاندى.
بۇ دەرسخانىلاردا سۆزلەنگەن مەزمۇنلار ئۆزۈم بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئانىلىق سەپىرىمدە ھېس قىلغان ھاسىلاتلىرىم. مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم ئۆتكۈر بۇ يىل سەككىز ياشقا كىردى، ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ. 11 ئايلىق ۋاقتىدا يەسلى ھاياتىنى باشلىغان. ئىككى ياشقا كىرگەن چېغىدا يەسلىدىكىلەر ماڭا: «ئوغلۇڭنىڭ تىل تەرەققىياتى ئاستا، ئالاھىدە مائارىپقا ئېھتىياجلىق دەپ قارايمىز» دېگەن چېغىدا مەن ماقۇل بولۇپتىكەنمەن. ھازىر ئويلىسام، يەسلىدىكىلەرنىڭ ئېيتقىنى پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنتۇق. بۇنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا چوڭقۇر ھېس قىلدىم. چوڭ ئوغلۇمنىڭ مىجەزى بەك ئېغىر، چوڭ ئادەمنى كىچىكلىتىپ قويغاندەكلا ئىدى. چوڭ ئوغلۇمنى ئۆزۈم بەك تەرتىپلىك باققاچقا، قائىدە-يوسۇنلۇق چوڭ بولغان. كىچىك بالىلاردەك يۈگۈرۈپ شوخلۇق قىلىدىغان ئىشلارنى قىلمايتتى. ئەسلىدە ئەينى چاغدا بالامغا تىل چىقىۋېتىپتىكەن. يەسلىنىڭ پېداگوگىكا يېتەكچىسى شۇنداق دېسە، مەن راستىنلا ئەنسىرەپ، بالامنىڭ تىل تەرەققىياتى ئاستا ئوخشايدۇ، دەپ ئالاھىدە مائارىپقا ئىلتىماس قىلىشقا قوشۇلۇپتىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ چاغدا بالامنىڭ قوش تىلدا تىلى تەڭ چىقىۋاتقانلىقى ئۈچۈن نورۋېگ تىلى باشقا نورۋېگ تەڭتۇشلىرىنىڭكىدەك ئۇنداق تېز چىقماپتىكەن. نورۋىگچىنى تەڭ ياشتىكىلەردەك سۆزلىيەلمىگەنلىكتىن، يېتەكچى شۇنداق دەپتىكەن. لېكىن، ئىككى تىلنى تەڭ ئۆگىنىۋاتقان بالىغا نىسبەتەن تەرەققىياتنىڭ ئاستا بولۇشى پۈتۈنلەي تەبىئىي ئەھۋالكەنتۇق. شۇنداق قىلىپ، ئالاھىدە مائارىپتىنمۇ بەھرىمەن بولغان بولدۇق. بىر ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىسى ھەر كۈنى يەسلىدە ئوغلۇم بىلەن بىر سائەت بىللە ئويناپ يېتەكچىلىك قىلدى. ئۈچ ياشقا كىرگەندە بىز ئۆي كۆچكەن سەۋەبلىك ئوغلۇمنى يەسلىدىن توختىتىپ ئۆزۈم ئۆيدە سەككىز ئاي باقتىم. سەككىز ئاي ئۆتۈپ، يەسلىگە قايتا بەردىم. ئەينى چاغدا نورۋېگچىسىنى يەنىلا تەڭتۈشلىرىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. گەپلىرى ئاز ئىدى. ئەمما، مەن بىلەن ئالاقىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىدى. تۆت ياشقا كىرگەندە نورۋېگچىسى بىراقلا پارتلاپ چىقتى، ئۇيغۇرچىسىمۇ چىقتى. تۆت ياشتىن باشلاپ ئوغلۇم ئىككى تىللىق بولدى. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا نورۋېگچىسى ئاناتىلىدىن سەل ياخشىراق ماڭدى. مۇشۇ جەريانلاردا كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم. بۇنى كېيىنكى دەرسلەردە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.
بىر نەچچە ئاي ئاۋۋال خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يىغىنغا قاتنىشىپ قالدىم. شۇ يىغىندا ئوغلۇمنىڭ ئەينى چاغدىكى يەسلىدىكى يېتەكچىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. «چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئازراق سۆھبەتلەشسەك بولامدۇ؟»دېدىم، قوشۇلدى. چۈشتە تاماق يېگەچ پاراڭلاشتۇق. ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىنى دېدىم، «سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دېگەنلىرىڭىز خاتا ئىكەنتۇق» دەپ. گەپلىرىمنى ئاڭلىدى، ئۆتكۈرنىڭ ھازىرقى ۋاقىتلىرىنى كۆرسەتتىم ۋىدىيودا. بۇ يىللارنى قانداق ئۆتكۈزگىنىمىزنى، ھازىر نەگە كەلگىنىمىزنى دەپ بەردىم. ئەينى ۋاقىتتا بىز ئولتۇراقلاشقان رايۇن چەتئەللىكلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان رايۇن ئىدى. يەسلىدىمۇ نورۋېگ بالىلاردىن چەتئەللىك بالىلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى. مېنىڭ ئۇنى ئاتايىن چۈشلۈك تاماقتا سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىشىم، ئاشۇنداق چەتئەللىكلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان يەسلىنىڭ پېداگوگىكا يېتەكچىسى تۇرۇپ، قوش تىللىق بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش جەريانىغا ئائىت چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكىنى دەۋالغۇم كەلگەنلىكىدىن ئىدى. ئۆزىمۇ بۇنى ھېس قىلدى ھەم ئېتىراپ قىلىپ بوينىغا ئالدى. مېنىڭ تەجرىبىلىرىمنى ئورتاقلاشقىنىمغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. «نەرىڭ ئاغرىسا، شۇ يەرنىڭ دوختۇرى بولىسەن» دېگەندەك، بىزمۇ بالىلىرىمىزنىڭ ئاناتىلىنى قانداق چىقىرارمىز، دېگەن بۇ ئۇزۇن سەپىرىمىزدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا بىلىملەرگە ئىگە بولىدىكەنمىز.
كىچىك ئوغلۇمغا كەلگەندە يەنە يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدىم. كىچىك ئوغلۇم سەككىز ئايلىق بولغاندىمۇ خېلى ئۇششاق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرمۇ گېلىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ قالاتتى. بەزىدە ئېزىپ بەرگەن تاماقلارمۇ، ھەتتا ئۇماچلارمۇ تۇرۇپ قالاتتى. شۇ چاغلاردا بىر تەكشۈرۈشتە «يۇتقۇنچاق تار» دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. ئەينى چاغدا بالىلار دوختۇرلىرى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇشتى. مەن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېيىنچە قانداق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، دوختۇر ماڭا بالىلار ئۆسۈش ھالىتىدە بولغاچقا، كېيىنچە چوڭىيىپ كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن، بالىنىڭ تىلى چىقىش داۋامىدا تىل تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولۇشى ياكى سۆزلىگەندە تەلەپپۇزنىڭ ئېنىق بولماسلىقىدەك بەزى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ، چوڭ ئىش يوق، ئەنسىرەپ كەتمەڭ، دېگەنىدى. كىچىك ئوغلۇم ھازىر تۆت ياشقا كىردى. ئىككى ياشقا كىرگەندىمۇ گەپلەرنى قىلاتتى. مىجەزى ئاكىسىغا پەقەت ئوخشىمايدۇ، ئوچۇق-يورۇق، مۇناسىۋەتكە ماھىر، ھەممە ئادەم بىلەن چىقىشالايدۇ، كۈلۈپلا تۇرىدۇ. گەپ قىلىشتىن تارتىنمىغاچقا توختىماي گەپ قىلىپ تۇرسىمۇ، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. بۇ بالامنى يەسلىگە بەرسەم تىل تەرەققىياتى ياخشى بولمىسا، قىيىنىپ قالمىسۇن، دەپ خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ ئۈچ يېشىغىچە ئۆيدە ئۆزۈم قارىدىم. ئىككى ياش ۋاقىتلىرىدىمۇ ناخشىلارغا ئامراق ئىدى. «كېپىنەك»، «قوقۇقۇق» دېگەن ناخشىلارنى ئۆگەتسەك، ئاھاڭلىرىنى شۇنداق ئۆلچەملىك ئېلىپ ئېيتاتتى، لېكىن سۆزىنى بىلگىلى بولمايتتى. «دادا» دېيەلەيتتى، «ئاپا»نى باشقىچە بىر نېمە دەيتتى. «توپ» ئەڭ كۆپ دېگۈزىدىغان گېپىمىز ئىدى، ئەمما ئۇنىمۇ دېيەلمەي «پوت» دەيتتى. گەپ قىلغاندا تاۋۇشلارنى ئالماشتۇرىۋېتەتتى. ئىككى ياش ۋاقتىدا مەن ساغلاملىق پونكىتىغا ئاپىرىپ شۇ يەردىكى دوختۇرلارغا كۆرسەتسەم، ئۇلار: «بالا تېخى كىچىك، ئەنسىرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى. ئۈچ ياشقا كىرگەندە يەسلىگە بېرىپ، ئۆزۈم ئالاھىدە پېداگوگىكىلىق ياردەمنى ئىلتىماس قىلدىم، ئالاھىدە مائارىپ يېتەكچىلىرىگە ئەھۋالنى دېدىم، تىل تەتقىقاتچىلىرىغىمۇ يوللىدى، ئۇلارغىمۇ ئەھۋالنى ئېيتتىم. شۇ جەريانلاردا ئۇلار: «بالىنىڭ تىل تەرەققىياتى ياخشى، چۈشىنىش ئىقتىدارىدا مەسىلە يوق، ئەمما تاۋۇشلارنى چىقىرالمايدىكەن» دېدى. تاۋۇشلارنى چىقىرالمىغان شارائىتتا بالىغا قانداق ياردەمدە بولۇش مۇمكىنلىكى ھەققىدە تەكلىپلەرنى بەردى. ئۇلاردىن: « ئانا تىل بەك مۇھىم، ئەمما بالامنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن، بالام ئىككى تىل ئۆگىنىپ ماڭسا، قىينىلىپ قالامدۇ؟ چۈشىنىش ئىقتىدارى نورمال بولغانىكەن، ئانا تىلدا سۆزلەۋەرسەم بولامدۇ؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ پروفېسسور: «ئويلىغىنىڭىز توغرا، بالىڭىزنىڭ تىلىنى بىر تىل قىلساق، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئاسان توختايدۇ. لېكىن، مەن سىزنىڭ ئانا تىلنى توختىتىپ قويۇشىڭىزنى ھەرگىز تەۋسىيە قىلمايمەن. بىز بۇنى ناھايىتى ئېھتىياتچان بىر پوزىتسىيەدە تۇرۇپ يېرىم يىل سىناپ باقىمىز. ئەگەر ئائىلىدە ئانا تىلنى تولۇق %100 ئېلىپ مېڭىشىڭىز بالىنىڭ نورۋېگ تىلىنى ئۆگىنىشىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىسە، داۋاملىق مۇشۇنداق ئېلىپ مېڭىۋېرىمىز، بۇ بالىدا ئىككى تىلدا ياشاش ئىقتىدارى بار، تىل ئۆگىنىش تەس كەلسىمۇ، ھۆددىسىدىن چىقالايدىكەن، دېگەن گەپ. ئازراق ئىمكانىيەت بولسىلا، بىز ئانا تىلنى جەزمەن قوغداپ قېلىشىمىز كېرەك.» دېدى، ماقۇل بولدۇم. ئەينى چاغدا نورۋېگ تىلىنىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويدۇم، چۈنكى، يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، بالىلار تىل بىلمىسە، ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدىغان، ئۆزىنى قارشى ئېلىنمايدىغان ھېس قىلىپ، بارا-بارا توپتىن ئايرىلىپ، دوستى يوق بولۇپ قالىدىغان، ئېغىر بولغاندا پسىخىك توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەسلىدىكى دوستلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئوينىيالايدىغان بىر تىل سەۋىيىسىگە يېتىشى ئۈچۈن كۈچىدۇق. ئۆيدە ئانا تىلدا سۆزلەپ يۈردۈم، ئەمما ئانا تىلنى كۈچەپ ئۆگىتىشنى توغرا كۆرمىدىم. بالامنىڭ بارغانسېرى تەلەپپۇزى روشەنلىشىپ گەپ قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، نورۋېگچىسى كۆپىيىپ كەتتى. ئالتە ئاي بولغاندا نورۋېگچە تولۇق ئالاقە قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. بۇ جەرياندا بەك كۆپ ماتېرىيال كۆردۈم. نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرستىتلىرىدا تىل تەتقىقاتى قىلىدىغان، قوش تىللىق بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزىدىغان پروفېسسورلاردىن مەسلىھەت سوراپ خەتلەرنىمۇ يازدىم. كۆپ سۇئاللارنى سورىدىم، ئەستايىدىللىق بىلەن بېرىلگەن جاۋابلارنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇلارنى بالامنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ، قانداق قىلسام بالامنىڭ ئەھۋالىغا ماس پروگرامما تۈزۈپ، بالامغا ئەڭ ياخشى ياردەم قىلالايمەن دەپ ئويلىدىم. مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن ماتېرىياللار توپلاندى. ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ بالىلىرىمغا ئىشلىتىپلا تاشلاپ قويغۇم كەلمىدى، دەرسخانىلاردا ئورتاقلىشاي، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى، بىزنىڭ شۇنداق ئېھتىياجىمىز بار. مەسىلەن: مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم نورمال تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى بىلەن تۇغۇلغان بالا، ئۇنى چوڭ قىلغان چاغلىرىم تەجرىبىسىز چاغلىرىم ئىدى. كىچىك ئوغلۇمغا كەلگەندە بەكرەك تەجرىبىلىك بولدۇم. لېكىن شۇنداق ئالاھىدە ئېھتىياجىمىز سەۋەبلىك، ھازىر تېخىمۇ ئاشۇرۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. ھازىر نورۋېگچىدىمۇ بەزى تاۋۇشلارنى چىقىرالمايدۇ. بەلكىم يېقىندا ھازىرقى پېداگوگىكىلىق ياردىمىدىن بىر دەرىجە ئۈستۈن بولغان مەخسۇس ئاۋازلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئالاھىدە پىداگوگلارغا بېرىشى مۇمكىن. كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە بولغانلىقتىن، مەن قارىغۇلارچە، «مەن ئۈچۈن ئانا تىل مۇھىم» دەپ ئۇنىڭغا زورلاپ تاڭسام بولمايدۇ، لېكىن، ھازىر ئانا تىلدا چۈشىنىش ئىقتىدارى %100. مەن ئانا تىلنى ئوغلۇمغا ئۆزىنىڭ تەبىئىي تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىدا ئەمەس، تۆت ياشقا كىرىپ ئازراق ئەقىل كىرگىنى ئۈچۈن، «بالام، دادا ئۇيغۇر، ھە؟ ئاپا ئۇيغۇر، ھە؟ سىزمۇ ئۇيغۇر، ھە؟» دەپ يۈرۈپ، ئەقلىنى ئويغىتىپ، قىزىقتۇرۇپ ئازراق ئۆگىتىۋاتىمەن. ھازىر گەپلەرنى ئۇيغۇرچە دەپ بېرىشىنى سورىسام، تىلىنىڭ كېلىشىچە، تەلەپپۇز قىلالىغىنىچە دەپ بېرىدۇ. ئۇ گەپلەرنى بىز ئاڭلىساق چۈشىنىمىز، بەلكىم باشقىلار چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن تىلدا ھەرگىزمۇ «مەن باشقا بالىلاردەك سۆزلىيەلمەيمەن» دېگەن تۇيغۇدا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، دوختۇرنىڭ: «تىلىنى تۈزەتسەڭلار بولمايدۇ»، دېگەن تەۋسىيىسىگە ئاساسەن، ھېچقاچان «بۇنى ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ، مۇنداق دە» دەپ تۈزىتىپ، ئوڭشىمايمىز. خاتا دەپ قويسا، «ھە مۇنداقمۇ؟» دەپ توغرىسىنى ئۆزىمىز دەپ قويىمىز. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم: نورمال بىر تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى بىلەن تۇغۇلغان بالىنىڭ تېشىدا ئىنگلىز تىلى، شىۋىت تىلى، نورۋېگ تىلى، ئەرەب تىلى، تۈرك تىلى دېگەندەك تىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئائىلىدە كۈچىسە ئانا تىلنى ئۆگىنىشى تامامەن مۇمكىن ئىش. بۇنىڭ ئامال-چارىلىرى ھەم بار. شۇڭا مەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىمدا بۇ نەرسىلەرنى شۇنداقلا قويۇپ قويغۇم كەلمىدى. چۈنكى مەن ئەتراپىمدىكى بەزى بالىلارنىڭ ئانا تىلىغا قاراپ چۆچۈيمەن. شۇنداق تۇيغۇدا بولغان چېغىمدا بۇ نەرسىلەرنى ئانىلارغا زورلاپ، تېڭىپ بولسىمۇ ئۆگىتىپ قويغۇم كەلدى. شۇڭا مەن قانداقتۇر پېداگوگ، تىل تەتقىقاتچىسى بولمىساممۇ، ئوقۇتقۇچى، بالىلار پسىخولوگى بولمىساممۇ بۇ خىزمەتنى قىلىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. شۇڭا سىلەرگە بۇ دەرسخانىدا ئورتاقلىشىدىغان مەزمۇنىمىز: ئائىلەرنى ئاساس قىلغان ئانا تىل مائارىپى بولىدۇ. شۇنى ئۆگىنىمىز، سۆزلەيمىز، تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىمىز، بۇنى ھەرگىز گۈلنار مۇئەللىم بىزگە دەرس ئۆتىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق قىلساق چوقۇم ئۆگىنىۋالالايدىكەنمىز، دېمەي، گۈلنار مۇئەللىم تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىۋاتىدۇ، دەپ ئۆزۈڭلارنىڭ بالىلىرىڭلارغا ئانا تىل ئۆگىنىش جەريانىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبىلىرىڭلارغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن ھالدا، ئۆزۈڭلارنىڭ خاسلىقىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ پايدىلىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇرۇن دەرسلىرىمىزنى «ئانا تىل نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟» ياكى «ئانا تىل قانچىلىك مۇھىم؟» دەپ باشلايتتۇق. لېكىن بۈگۈن بىز بۇنى سۆزلىمەيمىز. چۈنكى، ھازىر بىز بۇنى بۇرۇنقى ھەرقانداق ۋاقىتلاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بەك چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. ئانا تىل مۇھىم بولغانىكەن، بۇ ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش يولىدا ھەممىمىز خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمىز. ئەمما بۇ خىزمەتنىڭ قانچىلىك تەخىرسىزلىكىنى، بۇ خىزمەتنى قىلمىساق قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئازراق توختالغۇم كەلدى. مەن سىلەرگە بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى دەپ بېرەي:
نورۋېگىيەگە يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا، نورۋېگ تىلى سىنىپىمىزغا يېڭىدىن بىرەيلەن كىردى. مۇئەللىم ماڭا ئۇ كىرىشتىن بۇرۇن، «بىزنىڭ سىنىپقا سىز بىلەن ئوخشاش مىللەتتىن بىرى كېلىدىكەن» دېگەنىدى. كەلگەندە قارىسام، رۇسىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇركەن. بىز تەبىئىيلا بىللە ئولتۇردۇق، تەنەپپۇسلاردا پاراڭلاشتۇق. ماڭا: «كەچۈرۈڭ، مەن ئۇيغۇر بولغىنىم بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيمەن» دېدى. «ھېچقىسى يوق» دەپ نورۋېگچە پاراڭلاشتۇق. ئۇ ساۋاقدېشىمنىڭ بوۋا-مومىلىرىدىن تارتىپ ساپ ئۇيغۇركەن. رۇسىيەدە تۇغۇلۇپ، چوڭ بوپتۇ، شۇ يەردە ئوقۇپتۇ. كېيىن ئەنگلىيەدە ئېنگلىز تىلى ئەدەبىياتىدا ئوقۇپتۇ. كېيىنچە بىر نورۋېگىيەلىك بىلەن توي قىلىپ، نورۋېگىيەگە كېلىپ قاپتۇ. پاراڭلىشىش داۋامىدا بارغانسېرى سىردىشىپ كەتتۇق. ماڭا دېدىكى: «بۇرۇنلاردا كىشىلەر مېنى سورىسا، ئىسمىم پالانى، مەن رۇسىيەلىك ئۇيغۇر، دەپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ يۈرىۋېرەتتىم. ھېچقانداق ئالاھىدە بىر تۇيغۇلاردا بولمايتتىم. يېشىم سەل چوڭايغاندىن بېرى خىجىل بولىدىغان بولۇپ قالدىم. سىزگە ئېيتسام، بوۋام، مومام ئۇيغۇر ئىدى. كىچىك چېغىمدا ماڭا ئۇيغۇرچە گەپ قىلاتتى(بوۋىسى، مومىسى رۇسىيەدە ياشاپ ئۆتكەن ئاكادىمىك كىشىلەركەن). بوۋام، موماملار ئۆيىمىزگە كەلسە، ئۇيغۇرچە پاراڭلىشاتتۇق، ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرچىنى چۈشىنەتتىم. شۇنداق ئېسىمدە، مەكتەپكە كىرمىگەن چاغلىرىم ئىدى. لېكىن، نېمىشقىدۇر، دادام بىلەن ئاپام بوۋام، موماملارنى كۆرگەندە ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن بىلەن ئىككىسى ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشمايتتى، رۇسچە گەپلىشەتتى. ماڭىمۇ رۇسچە گەپ قىلاتتى. كېيىن رۇسچە مەكتەپكە كىردىم، بوۋام، موماملارمۇ تۈگەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەدرىجى بوۋام، مومام ماڭا ئۆگەتكەن ئۇيغۇرچىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. كېيىن ئاتا-ئانام ئۇيغۇرچە ئۆرپ-ئادەتلەر بىلەن ياشىمىغاچقا، مەن مۇشۇنداق ئېتىم ئۇيغۇر، ئۆزۈم ئۇيغۇر ئەمەس ئادەم بولۇپ قالدىم. بۇ ئەمەلىيەتتە كىشىگە بەك ئېغىر كېلىدىكەن. ھېچكىم ماڭا بىر نېمە دېمەيدۇ، ئەمما، مەن بۇ ھەقتە كۆپ ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ئىنسان مۇشۇنداقمۇ بولۇپ قالامدۇ؟ ئېتىڭىز ئۇيغۇر، لېكىن سىز ئۇيغۇر ئەمەس، باشقا بىر مىللەتكە تەۋە بولۇپ كەتكەن. مەن كىملىكىمنى يوقاتتىم.» دەپ يىغلاپ بەردى.
سىلەرگە نېمىشقا بۇ مىسالنى سۆزلەپ بېرىمەن، دېگەندە، مېنىڭ ئۇ تونۇشۇم شۇ چاغدا 43-44 ياشقا كىرىپتىكەن. ئۇ 3-4 ياش ۋاقتىدا ئۇيغۇر بولۇۋاتقان بىر بالا ئىدى. كېيىن مەكتەپكە كىرگەندە بوۋا، مومىسى تۈگەپ كېتىپتۇ. 40 يېشىغا كەلگەندە بۇ ئىنسان ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تامامەن يوقىتىپتۇ. مەن گەرچە ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ: «سىز ئۈمىدىڭىزنى ئۈزسىڭىز بولمايدۇ، سىزنىڭ مۇشۇلارنى ھېس قىلغانلىقىڭىز، مۇشۇنداق تۇيغۇلاردا بولغانلىقىڭىز سىزنىڭ كىملىكىڭىزنىڭ سىزنىڭ روھىي دۇنيايىڭىزدا، تۇيغۇلىرىڭىزدا كۈچلۈك ساقلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.» دەپ تەسەللىي بەردىم. لېكىن ئۇ يا تىلىنى بىلمەيدۇ، يا دىنى يوق، بىر نورۋېگ بىلەن توي قىلغان، بالىسى بار، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ھېچقانداق پەرھىزى يوق… شۇنداقلا بولۇپ كەتكەن بىر ئىنسان. بۇنداق بىر ئىنساننىڭ قەلبىدە بىر ئويغىنىش بولۇپ، ئۆزىنى قاتتىق بىر ئىرادە بىلەن باشقۇرۇپ ئەسلىگە قايتمىسا، كېيىنكى ھاياتتا ئاشۇنداق ياشاپ ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىمالى ناھايىتى زور. دېمەكچى بولغىنىم: بىر ئەۋلاد مۇشۇنداق تاشلاپ قويۇلسا، كىملىكنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە 30-40 يىل كەڭتاشا يېتىپ ئاشىدىكەن. بىز ئۇيغۇرلاردىن تۈركىيەلەردە ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئەۋلادلار تۇغۇلۇپ ياشاۋاتىدۇ. ياۋروپادا بىزلەر بىرىنچى ئەۋلاد. بالىلىرىمىز ئىككىنچى ئەۋلاد. مەن ئەتراپىمدىكى بالىلىرىمىزغا قارىغان ۋاقتىمدا بۇ بالىلارنىڭ 20-30 يىلدىن كېيىنكى ۋاقىتلىرىنى ئويلاپ باقىمەن. بۇ بالىلىرىمىز شۇ چاغقا كەلگەندە، قانچىلىك ئۇيغۇر بولالايدۇ، دېگەننى ئويلىغىنىمدا بەزى چاغلاردا چۆچۈيمەن. بىر بالا 10 يېشىدا مۇشۇنداق بولۇپ كېتىدۇ، 30-40 يېشىدا قانداق بولۇپ قالار، دەپ ئويلاپ چۆچۈپ قالىمەن. مەن بۇلارنى دەرس جەريانىدا يەنە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.
بىر ئۇيغۇر مەكتەپكە بىر ئانا 15 ياشلاردىكى بىر بالىسىنى ئېلىپ كەپتۇ. ئانا بالىسىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىشكە شۇنچىلىك تىرىشىپتۇ. بالىسى قەتئىي ئۇنىماپتۇ. ئاخىرىدا، ئانىسى بەك زورلىغانلىقتىن، كىرگۈسىنىڭ يوقلىقىدىن ئانىسىغا يېنىپتۇ. «كىرمەيمەن دېدىمغۇ! ئۆزۈڭ كىر، مەن كىرمەيمەن» دەپ كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئانىسىنى قويۇپ قويۇپ كېتىپتۇ.
بىر بالىنىڭ ئانا تىل مەكتىپىگە كىرگۈسىنىڭ كەلمەسلىكى، كىرىشكە جۈرئەت قىلالماسلىقى، خالىماسلىقى ماڭا نۇرغۇن بالىلارنىڭ يەنە نەچچە يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر توپىغا كىرەلمەسلىكى، كىرىشكە جۈرئەت قىلالماسلىقى، ئۇ توپقا كىرىپ سىناپ بېقىشتىن، بولدى قىلايچۇ، دەپ كىرمەي سىرتتا قېلىشىنى تاللىشىدەك، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى يېرىم قىلىدىغان كەلگۈسىنى كۆرسەتكەندەك قىلدى. مەن بۇنى كۆپ بالىلارغا قاراپ ھېس قىلىمەن. ھېلىھەم بىزدە ئۈمىد بار. ياخشى يېرى، بېشىمىزغا كەلگەن كۈن ئېغىرلاشقانسېرى، ئاتا-ئانىلاردىمۇ ئويغىنىش بولىۋاتىدۇ. ھازىرقى ھالىتىمىزنى نەچچە يىللار ئالدىدىكى ئەھۋالىمىزغا ھەرگىز سېلىشتۇرالمايمىز. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇرۇنلاردا كىچىكلىكىمىزدە ۋەتەندە تىلىمىز شۇنداقلا چىقىپ قالغاندەك، «بالىلارنى قىينىمايلى، چوڭ بولغاندا ئۆگىنىۋالىدۇ» دەپ، يۈزەكى قاراش بىلەن غەمسىز يۈرگەنىدى. ئالتە يىل ئاۋۋال ئوسلو ئۇيغۇر ئاناتىل مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان ۋاقتىمدا، مەكتەپكە ئاساسلىقى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. چۈنكى ئۇلار تىلىنى يوقىتىپ باققان-دە!؟ ئۇلاردا بىر قورقۇنچ بار، بۇنى ھېس قىلىپ باققان، شۇڭا بالىلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. ۋەتەندىن چىققان ئۇيغۇرلاردىن ساناقلىق ئىدى. ئەمدى ھازىر مانا ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ ئوسلو ئۇيغۇر مەكتىپىنى قايتا قۇرۇپ، ئۈچ سىنىپلىق قىلىپ ئاچتۇق. يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر قولىمىزدا 50 كە يېقىن بالا بار. شەخسەن مېنىڭ قولۇمدا 20 نەچچە بالا بار. بالىلار كۆپ بولۇپ كەتكەچكە يېڭى ئوقۇتقۇچى تېپىپ، ئۈچىنچى بىر سىنىپنى ئاچتۇق. نەچچە يىلدا بالىلارمۇ كۆپەيدى. لېكىن مۇشۇنىڭ ئۆزى ھەم ئۇيغۇرلىرىمىزدا ئويغىنىش بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. لېكىن، ئويغانمىغان ئاتا-ئانىلارمۇ ناھايىتى نۇرغۇن. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئادەتتىكى خەتەرلىك ئەھۋال ئەمەس. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال. شۇنداقلا، 30-40 يىل بىردەمدە ئۆتۈپ كېتىدۇ، بالىلار چوڭ بولىۋېرىدۇ، ئاتا-ئانىلار ھۇشيار تۇرۇپ ھەر بىر كۈننى چىڭ تۇتۇپ، بالىلارنىڭ تىلىغا، دىنىغا، كىملىكىگە، ئۆزلۈكىگە ئىگە بولمىسا، ئۇنى سىرتتىكى چوڭ تىل، چوڭ مەدەنىيەت يەپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم: ھەممىمىز قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم خىزمەت بار، يەلكىمىزدە بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت بار. بىز مەيلى ۋەتەننىڭ ئىچىدىكى ياكى تېشىدىكى ئۇيغۇرلار بولايلى، ۋەتەننىڭ ئىچىدە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە چوڭ خرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز، چەتئەللەردە بولسا بىراۋ بىزنى مەقسەتلىك ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋېتىمىز دېمىسىمۇ، بىز ئۇيغۇرلار ناھايىتى كىچىك بىر گورۇپپا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، تاشقى دۇنيادىكى تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ مىقدارى ۋە تەسىرى بەك چوڭ بولغاچقا، يەنىلا شۇنىڭغا يەم بولۇپ كېتىش، شۇنىڭ ئىچىدە كۆرۈنمەس بىر شەكىلدە يوقاپ كېتىشتەك بىر خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا ھازىرقى مەسىلە، بالىمىزنىڭ تىل ئۆگىنىشى تەس بولۇش ئەمەس، ئالدىمىزدىكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ تىلنى يوقىتىش، باشقا تىللارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىش، دىنىمىزنى يوقاتمىسىمۇ، ئۇنى ئۆز ماھىيىتى بىلەن ئۆگىنەلمەسلىك، شەكىلگە ئۆگىنىپ قېلىش، مەدەنىيىتىمىزنى بىلمەسلىك، تارىخىمىزنى بىلمەسلىك ياكى بۇ ھەقتە ساۋاتلىرى ناھايىتى ئاز، روھىي دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە چوڭقۇر، مۇستەھكەم بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن كىملىكىمىزنى يوقىتىپ قويۇش، ئېتى ئۇيغۇر، لېكىن ھەقىقىي ئۇيغۇر ئەمەس، مېنىڭ يۇقىرىدىكى ساۋاقدىشىمدەك بولۇپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز.
بالىلار كىچىك چېغىدا بىز بۇ خەتەرنى تازا ئوبدان ھېس قىلمايمىز. چۈنكى، كىچىك بالىلار ئاتا-ئانىغا باغلانغان بولىدۇ. كۆپ ۋاقىتلىرى بىز بىلەن ئۆتىدۇ. «مەن بۇنى خالىمايمەن» دەپ بىزنى تاشلاپ چىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، بالىلار چوڭ بولىدۇ، سىرتتىكى تىلنى ئۆگىنىدۇ، ئۆزىنىڭ دوستلىرى بولىدۇ، ھەۋەسلىرى بولىدۇ. شۇ چاغدا بىز بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالسا، ئۇلار تاللايدۇ. مۇستەقىل بولغان چېغىدا «كەچۈرۈڭلار، دادا، ئاپا، مەن بۇنى خالىمىدىم، مەن ماۋۇنى خالايمەن» دەپ بىزنى تەرك ئېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ ئۇلنى چىڭ سالمىساق، شۇنداق كۈنلەرنىڭ كېلىپ قېلىشىدەك قورقۇنچلۇق رېئاللىقتىن قۇتۇلىمەن، دەپمۇ قۇتۇلالمايمىز.
بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق ھاياتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بىز ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسى. ئۇلارغا دەسلەپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئادەملەرمۇ بىز ئاتا-ئانىسى. بىز ئۇلارنىڭ تىلى، تارىخى، ۋەتىنى، ھەممە نېمىسى. لېكىن، يەنە بىر نەرسىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەككى، بىزنىڭ بالىلىرىمىزدا يېتىلىدىغان ئۇيغۇرلۇق بىلەن بىزنىڭ ۋەتەندە يېتىلگەن ئۇيغۇرلۇقىمىزنى سېلىشتۇرالمايمىز. بىزنىڭ بالىلىرىمىز چەتئەلدە ناھايىتى چوڭ تۈركۈمنىڭ ئىچىدىكى كىچىك بىر تۈركۈم بولۇپ ياشايدۇ. بۇ يەردە ئىككى پاراللېل ماڭىدىغان نەرسە بار. ئۆيدىكى ئانا تىل بىلەن سىرتتىكى چەتئەل تىلى (يەسلىدىكى تىل، مەكتەپتىكى تىل). ئۇيغۇرچە قىممەت قاراشلار بىلەن سىرتتىكى جەمئىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلار. مەن بۇنى بالىلارنىڭ «قوش كىملىكى» دەپ ئاتىۋالدىم. (ئەسكەرتىش: قوش كىملىك دەپ ئاتىۋالغىنىم دېمەكچى بولغانلىرىمنى پۈتۈنلەي توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭ كەسپى بىر ئاتىلىشى ۋە ياكى مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىمنى ھەقىقى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بىر ئىبارە بولۇشى مۇمكىن. مەن شۇنداق بىر ئاتالغۇنى تاپالمىدىم ۋە بۇنى مۇشۇنداق ئاتاپ تۇردۇم.) بالىلار كىچىك ياشتىن چوڭ بولغىچە بىزنىڭ ئائىلىنى ئاساس قىلىپ بالىلارغا ئۇيغۇرلۇقنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز، تاشقى دۇنيادىكى بالىلار كۈندە بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان، ئۇلار كۆنگەن قائىدىلەر بىلەن بەك تېپىشىپ قالسا، بالىلار سىرتقى مەدەنىيەتتە ئۆزىنى باشقىلاردىن بەكلا پەرقلىق ۋە بۇ سەۋەبلىك بەك تەنھا ھېس قىلىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردا ھەرۋاقىت سىرتتىكى دوستلىرىغا ئوخشاش بولۇش، يەسلىدىكى دوستلىرىغا ئوخشاش كىيىنىش، دوستلىرىغا ئوخشاش يەپ-ئىچىش دېگەندەك ئىستەكلەر باش كۆتۈرۈپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن چەتنەيدىغان، بىزار بولىدىغان ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلۈپ قالىدۇ. مەسىلەن: چوڭ ئوغلۇم كىچىكىدە سامسىغا بەك ئامراق ئىدى، شۇڭا يەسلىگە ئاپىرىدىغان تاماق قۇتىسىغا سامسا سېلىپ بېرەتتىم. پولونى ياخشى كۆرەتتى، سېلىپ بەرسەم، ئاپىرىپ يەيتتى. تۆت ياشلارغا كىرگەندە، يېڭى يەسلىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، «ئاپا، مەن سامسا ئاپارمايمەن، پولو ئاپارمايمەن، بولكا ئاپىرىمەن» دەيدىغاننى چىقىرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن «بالام، سەن سامسىنى ياخشى كۆرەتتىڭغۇ؟» دېسەم، «بىزنىڭ يەسلىدىكى ئاداشلارنىڭ ھېچقايسىسى سامسا يېمەيدۇ» دېدى. بالىلارنىڭ ھېچقايسىسى سامسا يېمىگەچكە، بالىلارنىڭ ھەممىسى قىزىقىپ، «سەن نېمىشقا بۇنى يەيسەن؟» دەپ سوراۋەرسە، بالام ئۇ توپنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان، ئالاھىدە، يالغۇز ھېس قىلىپ قېلىپ، ئاشۇلاردەك بولغۇسى كەپتۇ، دەپ ئويلىدىم. بۇ كىچىك بالىلاردىكى تەبىئىي ئەھۋال. چوڭ بولغانچە مۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. مەسىلەن: ئوغلۇم ھازىر سامسىنى ئاپارغۇسى كەلسە ئاپىرىدۇ. «بۇ نېمە؟ ئەجەب پۇرايدىغۇ؟» دېسە، «بىزنىڭ سامسا شۇنداق پۇرايدۇ» دېدىم، دەپ كىرىدۇ. ياكى مەكتەپكە بولكا ئاپىرىپ، سامسا، پولولارنى ئۆيدە يەۋېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن سامسا، پولونى ئۆچ كۆرۈپ، ئۆيدە يېمەيدىغان بولۇپ قالمىدى.
بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا مۇشۇنداق بىر جەريانلار بولىدۇ. لېكىن، ئائىلىدىكى ئۇيغۇرلۇق تەربىيىسى ۋە سىرتتىكى يەسلى، مەكتەپنى ئاساس قىلغان مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ ھەر ئىككىسى بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆز ھاسىلاتلىرىنى يارىتىپ ماڭىدۇ. بالىلىرىمنى مىسالغا ئالسام: ئۇلار نوۋرېگىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدى. مەن كىچىكىدىن باشلاپ توختىماي ئۇلارغا تىلىنى ئۆگىتىمەن، مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىمەن، تارىخىنى سۆزلەپ بېرىمەن، دىنىنى ئۆگىتىمەن. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرچە ئۆرپ-ئادەتلەر، ئۇيغۇرچە ياشاش ئۇسۇلى، مەسىلىلەرگە ئۇيغۇرچە قاراش، ئۇيغۇرچە پوزىتسىيە، ئۇيغۇرچە قىممەت قاراشلار بالىلىرىمنىڭ روھىدا يېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ناھايىتى سىستېمىلىق بىر نورۋېگ مەكتەپ مائارىپىدا تەربىيىلىنىدۇ، نورۋېگ جەمئىيىتىدە ياشايدۇ، نورۋېگ دوستلىرى بولىدۇ. شۇ چوڭ ئىجتىمائىي توپتا ياشاش جەريانىدا نورۋېگ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىدۇ، نورۋېگ جەمئىيىتىنى چۈشىنىدۇ، نورۋېگچە پىكىر قىلىدۇ، نورۋېگچىمۇ ياشايدۇ، بىر ئىشلارغا نورۋېگچە پوزىتسىيە تۇتىدۇ، نورۋېگلارنىڭكىدەك قىممەت قاراشلىرى بولىدۇ. بۇ ئىككى نەرسە بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا تەڭ، پاراللېل يېتىلىدۇ، تەڭ، پاراللېل ياشايدۇ. بۇ يەردە بالىلارنىڭ ھاياتى قانداق بولىدۇ، دېگەندە، بىر توپ نورۋېگلارنىڭ ئارىسىغا كىرگەندە بۇ بالىلاردا نورۋېگچە قىممەت قاراش باش كۆتۈرىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كېسىشىپ تۇرغان ئۇيغۇرلۇق بولىدۇ. بىر توپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىگە كىرگەن چاغدا، بۇ بالىلاردىكى ئۇيغۇرلۇق ئالامەتلەر روشەن كۆرۈلىدۇ ھەم رولىنى جارى قىلىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە يەنە ئۇنىڭغا باراۋەر كىرىشىپ تۇرغان بىر نورۋېگلىك بولىدۇ. مەن بۇنى «قوش كىملىك» دەپ ئاتىدىم. مېنىڭچە بولغاندا، بۇ يەردىكى «قوش كىملىك» تە مۇھىم بولغان نەرسە: بالىلارنى بالام نورۋېگ بولۇپ كېتەرمۇ، دەپ قورقۇپ نورۋېگلىكىدە كىچىكىدىن تارتىپ ئەركىن-ئازادە ياشاتمىساق بولمايدۇ. نورۋېگلىككە قويۇپ بېرىش كېرەك بالىلارنى. سىرتتىكى تىلنى ئۆگىنىشى كېرەك، مەدەنىيەتلەردە ياشىتىش كېرەك. مەسىلەن: بالىلارنى يەسلىدە ۋە بىرىنچى، ئىككىنچى يىللىقلاردا دۇنيادىكى دىنلارنى ئۆگىتىش داۋامىدا، 12-ئايدا يەنى روژدىستىۋا بايرىمى ئېيىدا چېركاۋلارغا ئاپىرىدۇ. لېكىن، مەن ھېچقاچان بالامنى چېركاۋغا بارمىسۇن، دەپ ئوقۇتقۇچىسىغا خەت يېزىپ باقمىدىم. بېرىپ كەلگەندىن كېين سورايمەن: «بالام، نېمە قىلدىڭلار بۈگۈن؟» دەپ. «ئۇلار يەسۈسنىڭ قانداق تۇغۇلغانلىقىنى تىياتىر قىلىپ ئوينىدى…» دەپ تەپسىلاتلارنى دەپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى چۈشەندۈرىمەن: «بالام، بۇلار يېسۇس دەيدۇ، بىز ئەيسا پەيغەمبەر دەيمىز…» دەپ، ئۆزىمىزنىڭ دىنى بۇ ھەقتە نېمە دەيدىغانلىقىنى بالامغا ئېزىپ ئىچۈرۈپ كەلدىم. دېمەكچى بولغىنىم: بالىلار سىرتقى دۇنيادا ياشىشى كېرەك، سىرتقى دۇنيا بالىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى يەپ كېتىدۇ، دەپ بالىلىرىمىزنى قورۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا سىزىپ بېرىدىغان بىر چېگراسى بولۇشى كېرەك.
«سىز چوڭ دۇنيادا ياشايسىز، بالام، چۈنكى سىز چوڭ دۇنيانىڭ بىر ئەزاسى. ئۇ يەردە ياشاش ھوقۇقىڭىز بار ھەم مەجبۇرىيىتىڭىز بار. لېكىن، بۇ يەردە سىز ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولمايدىغان چېگرالار بار.» دېگەننى بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. مەسىلەن: «سىز دوستلىرىڭىز بىلەن تۇغۇلغان كۈنگە بارسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، سىز ئۇ يەردىكى ھەممە نەرسىنى يېسىڭىز بولمايدۇ.» بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ مەن تۇغۇلغان كۈنى بولىدىغان بالىنىڭ ئانىسىغا خەت يازىمەن. ئۇلار نېمە تاماق ئەتسە، ئوخشاش تاماقنى ئۆيدە تەييارلاپ بېرىمەن. ئۇلار كەمپۈت يېسە، بالامغا ئۆزىنىڭ ھالال كەمپىتىنىمۇ بېرىمەن. ئۇ يەردە باشقا نەرسىلەرنى يېمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭكىنى يېيىشىنى جېكىلەيمەن. «سىز دوستلىرىڭىز بىلەن 15 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە بارسىڭىز بولىدۇ، لېكىن، باشقىلارنىڭ قايتىش ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 بولسا، سىزنىڭ 7:00 بولسۇن. يەتتىدە ئۆيگە قايتىشنى ئەستىن چىقارماڭ.» مانا بۇ بالىلارغا سىزىپ بېرىدىغان چېگرالار. شۇنداق بولغاندا ئۇلار چوڭ مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ كىملىكى بىلەن ياشايدۇ. ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. مەن بۇنى سىناق قىلدىم. بالىلارغا بۇنى ئۆگىتىمەن، دەپ تىرىشقان ۋاقتىڭىزدا تېشىدىكى چوڭ مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ قوللىشىنى، چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرىدىكەنسىز. ھازىر ئوغلۇم تۇغۇلغان كۈنلەرگە بارسا، بۇرۇنقىدەك بالىلارنىڭ دوستلىرىنىڭ ئانىلىرىغا ئۇزۇن خەت يېزىپ، «كەچۈرۈڭ، مەن سىزدىن بۇنى سورىشىم كېرەك. چۈنكى، مېنىڭ بالام خالىغان نەرسىنى يېسە بولمايدۇ. لېكىن، بارمىسا، ئوغلۇمنىڭ ھەم سىزنىڭ بالىڭىزنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. شۇڭا، چوقۇم بېرىشى كېرەك. بىزنى تەكلىپ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن بىز خۇش بولدۇق. لېكىن، كىچىككىنە قىيىنچىلىقلىرىمىز بار. سىز نېمە تاماق ئېتىسىز؟ مەن شۇ تاماقنى تەييارلاپ بېرەي. ئېغىر كۆرمەي، شۇ تامىقىنى تاماق قۇتىسى بىلەنلا ئالدىغا قويۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.» دەپ يۈرمىسەممۇ، ئاتا-ئانىلار ماڭا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن چېغىدا ماڭا نېمە تاماق قىلىدىغانلىقىنى دەيدىغان بولدى. «بىز بۈگۈن مۇنداق تاماق ئېتىمىز، ئۆتكۈر شۇ تاماقنى ئەكەلسە بولىدۇ، بىز مۇنداق كەمپۈت ئالماقچى، مۇنداق تورت يېمەكچى. قايسىسىنى يېسە بولىدۇ، قايسىسىنى يېسە بولمايدۇ؟» دەپ مەندىن سورايدۇ. مەن بالىلىرىمنىڭ دوستلىرىنىڭ بولۇشى، كۆڭۈللۈك بىر ئىجتىمائىي ھاياتى بولۇشى ئۈچۈن، ئوغۇللىرىمنى ھېچقاچان بۇلاردىن چەكلەپ كەلمىدىم. لېكىن مەن بالىلىرىمغا ھەرۋاقىت دەيمەن(چوڭ ئوغلۇم بىلىدۇ ھازىر): «بىزدە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش، دەيدىغان ئىش يوق. لېكىن، دوستلۇقىڭلارغا ئەھمىيەت بەرگىنىم ئۈچۈن، مەن سېنى بارسۇن، دەپ رۇخسەت قىلدىم» دەپ. ئوغلۇم بۇنى دوستلىرىغىمۇ دەپتۇ: «بىزدە ئەسلى تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئىش يوق، لېكىن، مەن سىلەرنى ئۆيگە مېھمانغا چاقىرسام، سىلەر كېلىپ، تاماق يەپ كەتسەڭلار بولىدۇ.»
بالىلارغا ئىمكانىيەت بېرىش كېرەك. لېكىن، بالىلارغا چېگرالارنىمۇ سىزىپ بېرىش كېرەك. چۈنكى، مېنىڭچە، شۇنداق بولغاندا «قوش كىملىك» تەڭپۇڭ بولىدۇ، جەمئىيەت ئۈچۈن توغرا بولغان بىر ئەۋزەللىككە ئايلىنىدۇ. بۈگۈن دۇنيادىكى قايسىبىر دۆلەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانلار توپىنىڭ كۆپ خىللىشىشى، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە، كۆپ خىل تىلنى سۆزلەيدىغان، ھەرخىل تۈركۈملەردىن كەلگەن ئادەملەرنىڭ بىر جەمئىيەتتە ياشىشى، بىر ئەۋزەللىك، ناھايىتى ياخشى بىر ئىش، دەپ قوبۇل قىلىنماقتا. بىز ئۆزىمىزنىڭكىنى قوغداۋاتقانلىقىمىزنى باشقىلارغا بىلدۈرگەن ۋاقتىمىزدا، باشقىلاردىمۇ بىزنىڭكىگە ھۆرمەت شەكىللىنىدىكەن. بىزنىڭ ئۆز خاسلىقىمىز بىلەن ياشاش ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىدىكەن. «بۇ سېنىڭ تاللىشىڭ، مۇشۇنداق ياشاپ كەلدىڭ، ئەلۋەتتە، سەن بىز بىلەن ناھايىتى كەڭ-كۇشادە ياشايسەن، لېكىن، ئۆز چېگرالىرىڭنىڭ ئىچىدە قالساڭ بولىدۇ» دېگەن چۈشىنىش بولىدىكەن. شۇڭا، دېمەكچى بولغىنىم: مۇشۇنداق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ قىلىدىغان خىزمىتى ناھايىتى مۇھىم. بۇنى كېيىنكى دەرسلەردە، ھەر بىر ياش باسقۇچىغا قاراپ تۇرۇپ قىستۇرۇپ ماڭىمىز.
مەن ئەتراپىمدىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى كۈزىتىپ باقىمەن. بۇرۇنقى خىزمەت ئورنۇمدىمۇ چەتئەللىك ئاياللار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتتا چەتئەللىك ئاياللارنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ياردەم قىلىدىغان مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلەيتتىم. ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاياللار بار ئىدى. بىز ئاياللار ۋە بالىلار تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئانىلار بىزنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولسا، بالىلىرىمۇ بالىلارغا ئاتالغان نۇرغۇن پائالىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولاتتى. شۇ جەرياندا مەن ئۇيغۇر بولمىغان باشقا چەتئەللىك كۆچمەنلەرگە تەۋە بولغان نۇرغۇن ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا قارىتا ئاز-تولا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشكەنىدىم. ھازىرقى خىزمىتىمدىمۇ مەن نورۋېگ تىلى كۇرسىدىن باشقا خەلقئارالىق بالىلار تەرەققىيات پروگراممىسىدا قىسقا مۇددەتلىك بىر تەربىيىلەشكە بارماقچى بولىۋاتىمەن. ئۇنىڭدا ئىدارىنىڭ كىچىك بىر تۈرى بولۇپ، شۇنى ئىشلەۋاتىمەن. مۇشۇ جەرياندىمۇ، ئائىلىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر، بالىلارنى بېقىش ۋە تەربىيىلەش جەھەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ ياردەمگە مۇھتاج ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلاردا ئانىلار بىلەن جىق سۆھبەتلەردە بولىمىز. ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللەردىكى توپلارغا قارىساق، كۆچمەن ئانىلارنى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدىكەن (بۇ يەردە بالىلىرىنى ئۆز كىملىكى بىلەن تەربىيلەشتە نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ئانىلارنى دېمەكچى) :
بىرىنچى تۈرلۈك ئانىلار تاشقى مەدەنىيەتكە بەك ئوچۇق-يورۇق بولىدىكەن. مەسىلەن: بېكىنمىچى ئەمەس، تىللارنى ئۆگىنىپ، خىزمەتلەرنى تېپىپ، بالىلىرىنىمۇ بەك قورۇۋالماي ياشايدىكەن. لېكىن، ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ كۆرۈنمەس بىر شەكىلدە، سىرتتىكى چوڭ مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى يادىدىن چىقىرىپ قويغاندەك ھالەتتە بىغەم ياشايدىكەن. كۈندىلىك ھاياتتىكى زەررە-زەررە ئۆزگىرىشلەر بىلەن نېمىلەردىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئەۋلادلىرىنىڭ نېمىلەردىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى تازا ھۇشيارلىق بىلەن كۆرۈپ يېتەلمەيدىكەن. لېكىن، كۈنلەر ئۆتۈپ، بالىلىرى چوڭ بولۇپ، شۇ مەھرۇم قېلىشنىڭ نەتىجىسى ئالدىغا پوككىدە تاشلانغان ۋاقىتتا قاتتىق چۆچۈپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي تىپىرلاپ كېتىدىكەن.
ئىككىنچى تۈرلۈك ئانىلار ناھايىتى بېكىنمىچى. مەسىلەن: تاشقى مەدەنىيەتنى، تىلنى، ھەممە نەرسىنى ئىنكار قىلىدىكەن. ھەتتا بالىلىرى تاشقى دۇنيانىڭ تىلىغا ئۇستا بولۇپ كەتسىمۇ ئىنتايىن قورقۇپ كېتىدىكەن. بالىسىنىڭ نورۋېگ، ئىنگلىز بولۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ كېتىدىكەن. بالىلىرىنىڭ نورۋېگ دوستلىرى بولۇشىنى خالىمايدىكەن، ئۆزىنىڭ مۇھىتىدىكىلا ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشىنى خالايدىكەن، بالىلىرىنى شۇ دائىرىدە چەكلەيدىكەن. بۇنداق ئانىلار بالىلارنىڭ ئەركىن، كەڭ مۇھىتتا ئوقۇپ، بىلىم ئېلىپ، شۇ جەمئىيەتنى چۈشىنىپ ياشاش ئىمكانىيەتلىرىنى چەكلەپ قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بالىلار كەڭرى جەمئىيەتنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، كىچىك تۇرۇپلا بېكىنمىچى ئىدىيەلەر، بۇ جەمئىيەتتىكى ئۆزى بىلەن ياشاۋاتقان باشقا ئىنسانلار تۈركۈملىرىگە قارىتا بىر خىل گۇمانسىراش، ئىنكار قىلىش، ئىشەنمەسلىك، ئېغىر بولغاندا، ئۆچ كۆرۈش، ئۇلارنى ياخشى كۆرمەسلىك دېگەندەك مەسىلىلەر كۆرۈلىدىكەن. مەسىلەن: بىرەيلەننىڭ بالىسى يەسلىگە بېرىشنى ياخشى كۆرمەيدىكەن. «نېمىشقا بارمايسىز؟» دېسە، «ئۇلار دېگەن سېرىقلار، ئەسكىلەر…» دەيدىكەن. ئۈچ-تۆت ياشلىق بالا قانداق بولۇپ بۇنداق تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۈچ-تۆت ياشلىق بالا ئائىلىسىدىن چىقماي ئاتا-ئانىسى بىلەنلا بولىدۇ. مەن سۆھبەتتە «سىز ئۆيدە يولدىشىڭىز بىلەن پاراڭلاشقاندا، شۇنداق ئىبارىلەرنى ئىشلىتەمسىلەر؟» دېسەم، دەسلەپ ئېتىراپ قىلماي، كېيىن ئېتىراپ قىلدى، بالىسىنىڭ شۇنداق بولۇپ قېلىشىدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتتى.
بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم: بىرىنچى تۈرلۈك ئانىلار ياكى ئىككىنچى تۈرلۈك ئانىلار بولمىسۇن، ئىككىلىسىدە بىر ئارزۇ-ئۈمىد بار ئىكەن. «بالام سىرتتىكىلەردىن بولۇپ كەتمىسە، كىملىكىنى ساقلاپ قالسا» دەيدىكەن. لېكىن، يولى ئوتتۇرا يول بولمىغانلىقتىن، ئىككىلىسى كوڭۈلسىز نەتىجىگە ئاپىرىدىكەن. شۇڭا، مېنىڭچە، بىز بالىلارنى تاشقى دۇنياغا قويۇپ بەرسەك بولىدۇ. بالىلار تاشقى دۇنيانى چۈشەنمىگەن چاغدا، ئۇ دۇنيادىكى ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ قانداق بولۇشىنى، ئۇ ئورنىدا قانداق ياشىسا توغرا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ. شۇڭا شۇلارنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك، بىز بۇ سەپەردە ئۇلارغا يېتەكچى، ياردەمچى بولۇشىمىز كېرەك، ئۇلارغا بىر ياشاش ئىمكانىيىتى بېرىپ، سۇئاللارنى قويۇشىمىز كېرەك. «ئەمدى قانداق قىلىمىز؟» دەيدىغان تاللاشلارغا، دوقمۇشلارغا كەلگەن ۋاقتىمىزدا، خۇرۇچىنى بىز سېلىپ بېرىپ، نەتىجىسىنى بالىلاردىن كۈتۈپ، بالىلارنىڭ ئەقلىي ھۆكۈم چىقىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.
شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ «قوش كىملىكى»نى ھەرگىز بالىلىرىم ئەبجەش بولۇپ كەتتى، دەپ چۈشىنىۋالمىسىكەن، دەپ ئويلايمەن. بالىلار ئەبجەش بولۇپ كەتمەيدۇ. لېكىن، بالىلار ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغانىكەن ھەر ۋاقىت بۇ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ھاسىلاتلىرى بىلەن ياشايدۇ. بۇ يەردە بىزنىڭ ۋەزىپىمىز نېمە بولىدۇ، دېگەندە، بىز بالىلىرىمىزنىڭ «قوش كىملىكى» نىڭ بىرىنى، يەنى ئۇيغۇرلىقىنى يېتىلدۈرىمىز. يېتىلدۈرگەندىمۇ مۇستەھكەم بىر ئۇل بىلەن، چىڭ بىر باغقا چىگىپ تۇرۇپ يېتىلدۈرىمىز. شۇنداق بولغىنىدا، بىز بالىلارنىڭ چېگرالىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگىنىمىزدە، ئۇيغۇرلۇق كىملىكى يەنە بىر كىملىكى تەرىپىدىن يەۋېتىلمەيدىغان ھالەتتە مۇستەھكەم بولىدۇ. بۇ تامامەن مۇمكىن. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە مەن ئاۋستىرالىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، ئاۋسترالىيەدىكى ئاناتىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ، ۋەتەندىن چىققان ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن تەربىيىلىنىپ، ھازىر قارىسىڭىز، بۇ قىز ۋەتەندىن چىققانمۇ-نېمە، دېگۈزۈپ ھەيران قالدۇرىدىغان، ھازىر ئاۋسترالىيەدىكى ئاناتىل مەكتىپىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئانا تىل مۇئەللىملىرىدىن بۇنى كۆرگەندەك بولدۇم. ۋەتەنگە ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان، ياۋروپادا، چەتئەللەردە چوڭ بولغان بىر ئەۋلاد ۋەتەندىن چىقىپ مۇشۇ يەردە ئاتا-ئانا بولغانلارنىڭ بالىلىرىنى ياراملىق ئۇيغۇر قىلىش ئۈچۈن تەربىيىلەپ بېرىۋاتىدۇ. دېمەك، خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەنسە، بۇ تامامەن مۇمكىن ئىشلار.
مېنىڭ ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇم ئۆتكەن يىلى يېڭى يىلدا ماڭا سىنىپتا بىر كارتا ياساپ ئەكىرىپتۇ. ئۇ چاغ بۇلارنىڭ روژدېستىۋ پائالىيىتى ھەپتىسى ئىدى. چۈنكى 12-ئايدا پۈتۈن ئوقۇتۇشنىڭ مەزمۇنى روژدېستىۋاغا باغلىنىشلىق بولىدۇ. مەسىلەن: ھەرخىل سوۋغاتلارنى ياسايدۇ، مەكتەپلەردە شۇنىڭ ناخشىلىرى، شۇنىڭ ھېكايىلىرى، شۇنىڭ پائالىيەتلىرىلا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالام ئۆزىچە خۇدۈكسىرەپ، بىر كۈنى مەندىن: «ئاپا، مەن چىقسام بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ كۈنى قول ھۈنەرۋەنچىلىك دەرسىدە سىنىپتا ھەممىسى بىللە ئولتۇرۇپ، يېقىنلىرىغاروژدېستىۋالىق سوۋغات ياسايدىكەنتۇق. مەن: «سەن نېمىشقا چىقمايسەن؟» دېسەم، «ئۇنداق دېگەن بىلەن مەن مۇسۇلمان تۇرسام!» دېگەنىدى، «توغرا دەيسەن، جېنىم بالام، شۇنى قەلبىڭدە چىڭ تۇتۇپ، ›مەن دېگەن مۇسۇلمان› دەپ ئويلاپ تۇرۇپ چىقىۋەرگىن. ئۇ دېگەن بىر قول ھۈنەرۋەنچىلىك دەرسى، ئۇ يەرگە چىقىپ بىر نەرسىلەرنى كېسىپ، چاپلايسەن، ياسايسەن، ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر كۈن ئۆگىنىش قىلىپ كىرىسەن، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىسەن. چىقىپ، سوۋغات ياساپ، مۇئەللىمىڭگە بەر» دېدىم. چىقىپ ماڭا بىر سوۋغات ياساپ كىرىپتۇ. بۇ سوۋغىتى بىر كارتا ئىكەن. بىر تەرىپىگە مۇئەللىمى كېسىپ تەييارلاپ بەرگەن روژدېستۋو دەرىخىنىڭ سۈرىتىنى بوياپ چاپلاپتۇ. يەنە بىر تەرىپىگە خەت يېزىپتۇ. بۇ كارتىسى ھېلىھەم ئالدىمدا تۇرىدۇ، مەن بۇنى ھازىرغىچە شۇنداق قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە ساقلاپ كەلدىم. كارتىغا نورۋېگچە مۇنداق يېزىپتۇ: « روژدېستۋو بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، لېكىن، مەن روژدېستۋو بايرىمىنى ئىنتىزارلىق بىلەن ساقلىمايمەن. مەن ھېيتنىڭ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن ساقلايمەن. ھۆرمەت بىلەن: ئۆتكۈر». ئۇ كارتىنى ماڭا بېرىپ ئۆزىنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ ئوينىدى. سافادا ئولتۇرۇپ كۆرۈپ، كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. شۇ چاغدا، نەچچە يىل بالامغا بىز ئۇيغۇر، بىز مۇسۇلمان، دېگەننى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاز-ئازدىن قىلغان ئەجىرلەرنىڭ مېۋىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. مېنىڭچە، يەتتە ياشلىق بىر بالا شۇنى ھېس قىلالىغان بولسا، ناھايىتى ياخشى، دەپ ئويلىدىم. مۇئەللىمىمۇ شۇ كۈنى ماڭا بىر ئۇچۇر يېزىپتۇ: «ئۆتكۈرنىڭ سىزگە ياسىغان كارتىسىنى كۆردىڭىزمۇ؟ بالىڭىز كىملىكىنى بەك ياخشى تونۇغان بىر ئەۋلاد بوپتۇ. مەن بۈگۈن كارتىسىنى كۆرۈپ، شۇنچىلىك تەسىرلەندىم».
دېمەكچى بولغىنىم، بىز تىرىشساقلا بۇ ئىشلار تامامەن ئىمكانىيىتى بار ئىشلار. لېكىن، بۇ سەپەر بەك ئۇزۇن سەپەر. بىز كۈندە ئۇيغۇرچە ئۆگەنسەك، بالام مەندىن «ئاپا، بىز ئۇيغۇرچىنى كۈندە ئۆگىنەمدۇق؟» دەپ سورايدۇ. مەن: «بالام، بىز ئۇيغۇرچىنى تاكى مەن ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆگىنىمىز» دەيمەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «ۋاي-ۋۇي، ئۇ چاغدا سىز بەك قېرىپ كېتەرسىز، مەن بەك چوڭ بولۇپ كېتەرمەن؟» دەيدۇ. «بالام، بىز ئۇقمايمىز قاچان كېتىپ قالىدىغىنىمىزنى. سىز 18 ياشقا كىرگۈچە، مۇشۇ ئۆيدە ئۆگىنىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىڭىزنى ئۇنىۋېرستىتلاردا ئۆتكۈزسىڭىز، شۇ چاغدىمۇ، سىزگە داۋاملىق ‹ئاۋۇ كىتابنى ئوقۇڭ، ماۋۇنى ئوقۇپ بېقىڭ› دەپ، سىز كەلسىڭىز، سىز بىلەن ھەرخىل تېمىلاردا ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىپ تۇرىمەن» دەيمەن. مەن بالام چوڭ بولۇپ خېلى ياشلارغا يەتكۈچە، «بولدى، مەن قىلىدىغان خىزمىتىمنى قىلىپ بولدۇم» دەپ خاتىرجەم قولۇمنى قويۇۋېتەلمەسلىكىم مۇمكىن. چۈنكى، بىز تەجرىبىسىز، بىز يېڭى، بىزنىڭ تېخى كۆپ ساۋاقلىرىمىز يوق، بىزگە تېخى بىرى بۇنى مۇنداق قىلساڭلار بولىدۇ، دەپ ئالدىمىزغا قويۇپ بەرگەن تەييار كونسىپىك يوق. بۇنى پۈتۈنلەي ئۆز ئەھۋالىمىزغا قاراپ، مېنىڭچە، مۇنداق قىلساق بولىدىكەن، مېنىڭ كۆرسىتەلەيدىغان ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقىم مۇشۇ، دەپ ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە قىلىمىز.
بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارغا دىنىنى ئۆگىتىمىز، تىلىنى ئۆگىتىمىز، مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىمىز، ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆگىتىمىز، تارىخىنى سۆزلەپ بېرىمىز. مەن دىن، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تارىخ ھەققىدە سۆزلەپ بولالمايمەن، ئۇلارغا مېنىڭ سەۋىيەممۇ يەتمەيدۇ. پەقەت سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە، ھەر خىل مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ئۈگىتىمەن. بۇ دەرسخانىدا يۇقارقىلار ئىچىدىكى تىل ئۆگىتىش ئىچىدىكى «ئائىلىلەرنى ئاساس قىلغان ئاناتىل مائارىپىدا قوش تىللىق شارائىتتا تىل قانداق ئۆگىتىلىدۇ؟» دېگەن مۇشۇ بىر تارماق مەزمۇننى سۆزلەيمىز. بىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىمىز بىر چوڭ تەتقىقات مېۋىسى. مەن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئىچىدىكى مۇشۇ ساھەدە ئوقۇغان، داۋاملىق ئوقۇۋاتقانلاردىن بولسا مۇشۇ ساھەنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ، دەرسلىك تۈزىدىغانلارنىڭ، بالىلارنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىغا ماسلاشقان بىر يۈرۈش مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ، يېتەكچىلەرنىڭ، ياردەمچىلەرنىڭ چىقىشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلار چىققۇچە، بىز ئۆزىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۆگىنىپ، ئۆگىتىپ، تەجرىبىلىرىمىزنى ئورتاقلىشىپ تۇرىمىز.
سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، تىل يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئاساسىي ھەم يۇقىرىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىز بۇ تىلىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە تېرىيمىز. ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئوتىنى سالىمىز. شۇڭا، مەن بىر بالىغا، بىر ئەۋلادقا تىلنى ئۆگەتمەي تۇرۇپ، باشقا نەرسىلەرنى ئۆگىتەلەيمىز، دېگەنگە ئانچە ئىشىنىپ كېتەلمەيمەن. بىز بالىلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ، مەكتەپ يېشىغا يەتكۈچە بولغان جەرياندا ئائىلىدە تىل ئۆگىنىشىگە قانداق ياردەمچى بولۇش دېگەن نۇقتىلاردا توختىلىمىز، ئاندىن ساۋات چىقىرىشقا كېلىمىز. ھازىر چەتئەللەردىكى بەزى ئاتا-ئانىلاردا بولسۇن ياكى ئانا تىل مەكتەپلىرىدە بولسۇن، تىلى چىقمىغان بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ساۋادىنى چىقىرىدىغان ئىشلار بولىۋاتىدۇ. مەن بۇنى باشتىن-ئاخىر قوللىمىدىم، بۇنى توغرا دەپ قارىمايمەن. ساۋات چىقىرىش تىلدا ھازىرلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىش دېيىلسە، چوڭلارنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگەنگىنىدەك ئاۋۋال ئېلىپبەنى ئۆگىنىپ، ئاندىن ئوقۇش-يېزىشنى ئۆگىنىش دەپ چۈشىنىپ قالغان. يەنى، ئانا تىل دېگەن ئالتە ياشقا كىرگەندە ئانا تىل مەكتەپكە بېرىپ، ئۇيغۇرچە يېزىشنى ئۆگىنىش، دەپ. ئەسلىدە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. كېلەر سائەتلىك دەرسىمىزدە نۆل ياشلىق (بوۋاق بالىلار) ئانا تىلنى قانداق ئۆگىنىدۇ، شۇ جەرياندا قانداق ئۇل سېلىش كېرەك، نېمە خىزمەتلەرنى قىلىش كېرەك، دېگەن مەزمۇنلار ھەققىدە توختىلىمىز. بۈگۈنكى دەرسىمىزنى تۈگىتىش ئالدىدا مەن بۇرۇنقى ئانىلارغا سۆزلەپ بەرگەن بىر ئىشنى دەپ بېرەي. چۈنكى، ئانىلارغا مۇنداقلا سۆزلەپ بەرگەن بۇ ئىش نۇرغۇن ئانىلارغا بەك تەسىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، سىلەر بىلەنمۇ ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم تۆت ياشتىن سەل ئاشقان چېغىدا، ئوغلۇمغا «بىز نېمىشقا ئۇيغۇرچىنى ئاناتىل دەيمىز؟» دېگەننى سۆزلەپ بەردىم. مەن دېدىمكى:
«بىز ئۇيغۇرتىلىنى نېمىشقا ئانا تىل دەيدىغانلىقىمىزنى ساڭا سۆزلەپ بېرەي: ئانا تىل دېگەن ئاپات ىل دېگەن گەپ. سەن بىلىسەنغۇ، ‹ئاپا› دېگەن ‹ئانا› دېگەن گەپ. شۇڭا بۇ ‹ئاپا تىل› دېگەن نېمە دېگەن گەپ دېسەڭ، ئادەم ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا ئاشۇ گەپنى ئاڭلايدۇ. سەن مېنىڭ قورسىقىمدىن چىقمىغان ۋاقتىڭدا مەن ساڭا بەك جىق گەپلەرنى قىلىپ بېرەتتىم.» دېسەم، «مېنىڭ ئېسىمدە يوق» دېدى. «ئۇ ۋاقىتلار سېنىڭ ئېسىڭدە يوق، لېكىن، سەن بىلەتتىڭ، ئەتىگەندە تۇرۇپ، ‹قارا، بالام مەن بولكا يەۋاتىمەن›، دەيتتىم. سىرتقا چىقىپ ماڭساممۇ، ساڭا گەپ قىلىپ ماڭاتتىم. كىتابلارنى ئوقۇپ بېرەتتىم. بىللە ناخشىلارنى ئاڭلايتتىم. كېيىن سەن تۇغۇلغاندا: ‹قاراڭلار، مېنىڭ بالام تۇغۇلدى› دەپ بىرىنچى بولۇپ مەن ساڭا ئۇيغۇر تىلىدا گەپ قىلغانتىم. مەن ئەللەي ۋاقتىمدا، ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىمدا، ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىققان ۋاقتىمدا مېنىڭ ئاپام، مەرەمنىسا موماڭ ماڭا مۇشۇنداق گەپ قىپتىكەن. مەرەمنىسا موماڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدىمۇ، مەرەمنىسا موماڭنىڭ ئانىسى ئايىمنىساخان موماڭ ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ بېرىپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىز بىرىنچى بولۇپ ئاڭلايدىغان گەپ ئاپىمىز قىلغان گەپ بولغاچقا، ئاپىمىز دەپ بەرگەن گەپنى، شۇ ئۇيغۇرچە گەپلەرنى ‹ئانا تىل(ئاپا تىل)› دەيمىز».
ئۇنىڭغا قانداق تەسىر بېرەركىن، دەپ مۇنداقلا دەپ بەرگەن بۇ گەپلىرىم ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلىپ كېتىپتۇ. مەن يەنە: «ئايىمنىساخان موماڭ مەرەمنىسا موماڭغا: ‹ئاپا تىلنى مەن سىزگە ئۆگەتتىم، سىزمۇ چوقۇم بالىڭىزغا ئۆگىتىپ قويۇڭ›، دەپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەرەمنىسا موماڭ ماڭا: ‹بۇ ئۇيغۇرچىنى ماڭا ئايىمنىساخان مومىڭىز بەرگەن، شۇڭا، مەن سىزگە ئۆگىتىپ قويدۇم. سىز كېيىن چوقۇم ئۆتكۈر بالامغا ئۆگىتىپ قويۇڭ، جۇمۇ!› دېگەنىدى، شۇڭا مەن ساڭا ئۆگىتىپ قويىۋاتىمەن. بۇ ئانا تىل دېگەن مەرەمنىسا موماڭنىڭ ماڭا بەرگەن سوۋغىتى ئىدى. شۇڭا مەن بۇنى ساڭا سوۋغات قىلىپ كۈندە بېرىۋاتىمەن. سەن بۇ سوۋغاتنى كېيىن كىمگە بېرىسەن؟ سەنمۇ چوڭ بولۇپ، دادا بولغاندا، سەنمۇ بالاڭغا بەر، جۇمۇ» دېسەم كاللىسىغا بەك تەسىر قىلىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇرۇن «بىز ئۇيغۇرچە گەپ قىلىمىز» دەيدىغان بالام «بىز ئانا تىلدا گەپ قىلىمىز» دېگەن گەپنى چىقاردى. مېھمانلارغا بارساق، باشقا بالىلار ئۇيغۇرچە گەپ قىلمىسا، «ئاپا، پالانچى ئانا تىلدا گەپ قىلمايدىكەن» دەپ سۆزلەپ يۈردى. «ئانا تىل دېگەن ئاپا تىل دېگەن گەپ» دەپ، ھەتتا مېنى «ئاپا» دەپ چاقىرماي، «ئانا» دەپ چاقىرىدىغان بولىۋالدى بىر مەزگىل.
دېمەك، بىز بالىلارنى كىچىك دېمەي، بالىلارنى مۇشۇنداق ئويلاندۇرىدىغان شەكىلدە دەپ بەرسەك، بالىلاردا ئوي-خىياللارنى ئويغىتىدىكەن، دەپ قالدىم. شۇڭا بۈگۈنكى دەرسنى مۇشۇ كەچۈرمىشىم بىلەن ئاياغلاشتۇردۇم. سىلەرنىڭمۇ مۇمكىن بولسا، مۇشۇنداق كەچۈرمىشلىرىڭلارنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بالىلىرىڭلار سىلەر بىلەن ئۇيغۇرچە ئانا تىلدا چۈشەنچە ھاسىل قىلالىغۇدەك ياشقا كەلگەندە، مۇشۇنداق ئاددىي بىر سۆھبەتلەردە بولۇپ بېقىڭلار. بالىلاردىن «بۇنى نېمىشقا ئانا تىل دەيمىز؟» دەپ سوراپ بېقىڭلار ۋە چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار.
بالىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ باقسىڭىز، ئويلاپ باقمىغان ھاسىلاتلارغا ئېرىشىدىكەنسىز.. بالىلار بىلەن ئادەتتىكى تۇرمۇش پاراڭلىرىنىلا قىلىشماي، چوڭقۇر سۆھبەتلەردىمۇ بولۇپ بېقىڭلار. ھەر بىر بالا ئانا سۈتى بىلەن ۋۇجۇدىغا سىڭگەن ئۇيغۇرلۇق مۇھەببىتى بىلەن ياشايدۇ. بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ خىزمىتىمىز بۇ مۇھەببەتنى پەرۋىش قىلىپ ۋە كۆكلىتىپ ياشنىتىش دەپ ئويلايمەن.
1,818 total views, 1 views today
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم گۈلنار مۇئەللىم يۇقارقى مەزمۇننى كۆرۈپ ئۆزىمىزنى بالا تەربىيىسىدە باللاغا ئاناتىل ئۆگۈتۈشتە قاتتىق مەغلۇب بوغاندەك ھېس قىلۋاتىمىز ئالاھىدە كاللىمىزنى چايقىمىساق بولمايدىكە دەپ ئويلاشتۇق ئاللاھ رازى بولسۇن ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەسۇن سىزنى تەربىلىگەن مەرەمنىسا ئاپاشقىمۇ ئالئاھ رەھمەت قىلسۇن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ھېچقايسىمىز ئاتا – ئانا بولۇپ، ئىشلارنى باشتىن باشلاپلا توغرا قىلالىغان ئەمەس. ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش جەريانى ئىكەن ۋە بىز مۇشۇ ئۆگىنىش جەريانىدا بارغانسىرى لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولىدىكەنمىز. ئۆگىنىش سەپىرىمىزدە ھەممىمىزگە ياخشى نەتىجىلەر يار بولسۇن! گۈزەل تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!