مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى ئانا تىل تەربىيىسى- 12 ئايلىقتىن 24 ئايلىققىچە

 بىر ياشلىق بالىلار مېڭىشقا باشلايدۇ. ئۇلار ماڭغانكەن دۇنيانى بېلىش پائالىيىتىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ. بىز ئىلگىرى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ كۆرسەتكەن نەرسىلەرنى ئەمدى ئۇلار ئۆزلىرى مېڭىپ بېرىپ ئېلىپ باققۇسى كېلىدۇ. ھەممە نەرسىنى تۇتۇپ، تارتىپ باققۇسى كېلىدۇ. ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ ئۇچراتقان نەرسىلەرگە ئېسىلىپ، سىلاپ يۈرۈپ، ئەتراپىدىكى دۇنيانى قىزىقىش ئىچىدە تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ.

يەنى بالىلار تۇغۇلغاندىن باشلاپ بىز ئۇلارغا ئەتراپىدىكى كۆرگەن شەيئىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ دەپ بېرىپ تەكرارلاپ تۇردۇق.  شۇ نەرسىلەرنى ئەمدى ئۇلارمۇ رەسمىي تونۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى تۇتۇپ ھەپىلىشىشكە قاراپ ماڭىدۇ.

بالا بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سۆزلىرىنى دېيەلەيدۇ. ئاندىن ئۆيدە ئىسمى كۆپ ئاتالغان نەرسلەرنىڭ ئىسىملىرىنى بىلەلەيدۇ.

مەسلەن:<<توپ>> دېسىڭىز، توپقا قارىشى مۇمكىن.<<بوتۇلكا قېنى؟>> دېسىڭىز، بوتۇلكىنى ئىزدىشى مۇمكىن. بىز تەكرار-تەكرار دېگەنلىكىمىز ئۈچۈن بالا ئۇ نەرسىلەرنى تونۇيدۇ.

ئۆزۈمنىڭ بالىلىرىدىن ھىس قىلغانلىرىمغا، تۇتۇپ قويغان خاتىرىلىرىمگە قاراپ شۇنداق ئويلايمەن. بىر ياشلىق بالىلار ئۆزلىرى تېخى گەپ قىلالمىغان بىلەن ئۇلارغا دا-ىم دەپ بېرىلگەن ئاشۇ سۆزلەرنى ۋە كۆپ تەكرارلانغان جۈملىلەرنى چۈشىنىدۇ. سىزمۇ بالىڭىزنىڭ يېڭى ماڭغان ۋاقىتلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ، <<توپنى ئېلىڭە، توپنى ئېتىڭە.>> دېسىڭىز توپنى ئېلىپ تۇتىشى مۇمكىن. ئۇيۇنچۇق قونچاقلىرى بولسا،<<ئۇنى سۆيۈپ قويۇڭە.>> دېسىڭىز،  سۆيۈپ قويىشى مۇمكىن.

<<سۇنى ئىچىڭە، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرىڭە.>>دېسىڭىز ، ئۇلارنىمۇ قىلالىشى مۇمكىن. تېخى بەزىدە بىرەر نەرسىنى ئېلپ كېلىشنى ئېيىتسىڭىز، ئۇ نەرسىنى ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن.

ئەگەر تىلدا مەقسەتلىك يىتەكلەش يېتەرلىك بولسا، يەنى سىز بالا بىلەن كۆپ بىللە بولغان، جىق پاراڭلىشىپ ئوينىغان، بالىغا كۆپ سۆزلەپ بېرىپ ،كۆپ شەيئىلەرنى تونۇشتۇرۇپ مەشىق قىلدۇرغان بولسىڭىز، بالىلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، سىز سۆزلەپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى دېيىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ، ھەتتا بەزى بالىلار توغرا دېيەلەيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر ياشلىق بالىلارغا بەدەندىكى ئەزالارنى دېسىڭىز، كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنى بالىلار ئۆزلىكىدىن بېلىپ قالمايدۇ. سىز بالا بىلەن دائىم ئويناپ، <<بۇرۇنۇڭ قېنى؟ ئېغىزىڭچۇ؟ قۇلاق قەيەردە؟ >>دېگەندەك ئويۇنلارنى ئوينىتىش، ئۆزىڭىز بالىنى زېرىكتۈرۈپ قويمايدىغان جانلىق بىر شەكىلدە قايتا-قايتا تونۇشتۇرسىڭىز شۇ ئارقىلىق ئۆگۈنىدۇ. بالىڭىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تىل ئۆگۈنۈش ئىقتىدارىدا بۇنى ئېگەللىۋالالايدۇ. ئاندىن كېيىن «ئەڭ دەسلەپكى مىڭ سۆزلۈكۈم» دېگەندەك كاتوگورىيەلەر بويىچە تۈزگەن رەسىملىك سۆزلۈك كىتابلىرىنى شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئوقۇپ بېرىمىز، كېتابنى ئېچىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى رەڭدار سىزىلغان رەسىملەردىكى شەيئقلەرنى تونۇشتۇرىمىز. بىر مەزگىل ئوقۇغاندىن كېيىن، <<ئالما قېنى؟ نەشپۈتچۇ؟>> دەپ سورىسىڭىز، مېۋىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى دىيەلمىگەن بىلەن كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

بالا توختىماي يېڭى سۆزلەرنى ئۆگىنىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ بەزىلىرىنى بالا دېيىشكە باشلايدۇ. بەزىلىرىنى ئۆزى چىقىرالايدىغان تاۋۇشلىرى بىلەن تەلەپپۇز قىلىپ دېيىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرىمىز.

بالا بىر يېرىم ياشلاردىن ئاشقاندا بىر سۆز بىلەن سىزدىن سوئاللارنى سوراشقا باشلايدۇ. ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىرە نەرسىلەرنى ئۇچرىتىپ قالسا، شۇنىڭ ئىسمىنىلا دېيىش ئارقىلىق ئۇ نەرسىگە قىزىققانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىر-ئىككى تال سۆز بىلەن مەقسىتىنى ئىپادىلەپ سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقچى بولىدۇ. لېكىن بالىلار يەنە ئوخشاش بولمايدۇ.  بەزى بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتى تىز بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئاستا بولىدۇ. شۇڭا بىز بالىلارنىڭ تىلى چىقىش مەزگىلىنى بىر ئۆلچەمگە سېلىۋېلىپ، بالىڭىز بىر ياش ياكى بىريېرىم ياشلاردا ئۆزى بىلەن تەڭ بەزى بالىلاردەك سۆزلىيەلمەي ياكى مەقسىتىنى ئىپادىلەش شەكلى ئۇلارغا ئوخشىماي قالسا، بۇنى ئارتۇقچە ئويلىۋېلىشنىڭ ياكى ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر سۈرئەتتە تىل تەرەققىياتىنىڭ جانلىنىشىغا يول قويىشىمىز كېرەك.

مۇشۇ ۋاقىتلاردا بالا ئۆيىدىكى، تۇرمۇشىدىكى ئۆزىگە پىششىق تونۇشلۇق بولغان، ئۆزى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى دىيىشكە باشلايدۇ. بىز بالىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئىقتىدارىغا ماس ھالدا ئۇلاردىنمۇ باشقا نەرسىلەرنى تونۇشتۇرۇشقا ئۇلارنى تەكرارلاپ بېرىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئۆگۈنۈشىگە ياردەمچى بولىمىز. بالىغا يېڭى سۆزلۈكلەرنى تونۇشتۇرغاندا بالىغا كاتاگورىيەلەر بويىچە بۇ سۆزلەرنى ئۆگىتىمەن دەپ كۆڭلىمىزگە پۈكىۋېلىپ، شۇ سۆزلەرنى رەسىملىك كىتابلار ۋە ئەلۋەتتە رېئال ھاياتتىكى رېئال ھالىتى ۋە قوللىنىشىنى ۋاستە قىلىپ جانلىق شەكىلدە بالىغا كۆرسىتىش، ئوينىتىش ئارقىلىق تونۇشتۇرىمىز. بالىلار 12 ئايلىقتىن 24 ئايلىققىچە بولغان ئارىلىقتا بىز ئۇلارغا بەدەندىكى ئەزالارنى ئۆگەتتۇق دەيلى. بۇ چاغدا بەدەندىكى بارلىقئەزالارنى بىر باشتىن ئۆگەتسەك بۇ بالىغا تولىمۇ ئېغىر ۋە زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ. باش،  چاچ، قول، پۇت، قورساق، يۈز، ئاندىن يۈزدىكى كۆز، بۇرۇن، ئېغىز، قۇلاق قاتارلىق ئورۇن ۋە ئىقتىدارلىرى جەھەتتىن روشەن پەرقلىنىدىغان، بالىنىڭ ھىس قىلىپ ئۆگۈنىشى قۇلايلىق بولغان  ئاساسلىق ئەزالارنى ئۆگەتسەك ياخشى. ئاندىن  كېيىملەردىمۇ ھەم شۇنداق. ئاساسلىق بولغان كېيىملەرنىلا ئۆگەتسەك يېتەرلىك. مەسىلەن: ئىشتان، چاپان، پايپاق، دوپپا ...دېگەندەك. ئۇنداق زېغىرلاپ كېيىملەرنىڭ پاسونلىرىدىن، تۈرلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ ئۆگۈتۈشكە كۈچەپ كېتىش سەل بالدۇرلۇق قېلىدۇ. رەڭلەردىمۇ ئانا رەڭلەردىن باشلىساق بولىدۇ.قىزىل، سېرىق، قارا، ئاق دېگەندەك.

بالىلار بىر ياشقا كىرگەن چاغدا تاماقلارنى ئۆزى تۇتۇپ يېيىشكە شۇنداق قىزىقىپ كېتىدۇ. شۇڭا ھەرخىل مېۋىلەر ۋە يىمەكلىكلەرنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ، ھىس قىلىپ بىلىشى، بىزنىڭ دەپ بېرىشىمىز جەريانىدا نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىپ يېگەچ ئۆگۈنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش دېگەندەك جانلىق ئۆگىتىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئۆگۈتىمەن دەپ مېۋىلەرنىڭ تۈرىنى بەك كۆپەيتىۋېتىش ياخشى ئەمەس. بالا ياخشى كۆرىدىغان، كۈندىلىك تۈرمۇشتا تاماق ئۈستەللىرىمىزدە دائىم تۇرىدىغان نەچچە خىل مېۋىلەر يېتەرلىك. مەخسۇس مېۋىلەرنى تونۇشتۇرىدىغان رەسىملىك كىتابلارنى ئېلىپ بالا بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ، يەپمۇ باقمىغان مېۋىلەرنى تونۇشتۇرۇش بەك بالدۇرلۇق قىلىدۇ.

بىز نۇرغۇن شەيئىلەرنى كىتاب ئارقىلىق ئوقۇپ تونۇشتۇرغان ۋاقتىمىزدا مونتەسسورى مائارىپى ئوتتۇرغا قويغاندەك، كىتابلارغا رىئال نەرسىلەرنى باغلاپ تۇرۇپ، ئوينىغاچ ئوقۇپ بېرىشنى، مەسلەن ئەگەر بىز كىتابتا ئالمىنى ئۆگىتىۋاتقان بولساق، يېنىغا ئالمىدىن بىرنى قويۇپ تۇرۇپ ئۆگۈتۈشنى بەك ئۈنۈملۈك دەپ قارايمەن. بالا مۇشۇ شەكىلدە ئۆگۈنۈپ، كىتابتىكى شەيئىلەر بىلەن بىر قاتار تونۇشۇپ بولغاندىن كېيىن، كىتابنىڭ ئىچىدىكى رەسىمدىكى نەرسىلەردىن بىر نەچچە خىلىنى ئۈستەلگە تىزىۋېلىپ، بالىلارغا ئاشۇ نەرسىنى ئەكىلىپ بېرىڭ،دەپ ئويناڭلار. بۇ ۋاقىتتىكى بالىلار يېڭى ماڭغاچقا، يۈگرەپ ئويناپ، بىر نەرسىلەرنى تۇتۇپ بېقىشنى بەك ياخشى كۆرگەچكە، ئويۇننى ئىنتايىن قىززىقىپ ئوينايدۇ، سىز نېمە دېسىڭىز يۈگرەپ بېرىپ ئەكىلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزمۇ، بالا نەرسىنى ئەكىلىپ بەرگەن ۋاقىتتا، ئۇنى ئالقىشلاپ، رەھمەت ئېيتىپ، بالىدىن سۆيۈنگەن ئىپادىلەرنى بىلدۈرسىڭىز، بالا بۇنداق ئويۇننى چوقۇم ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. چۈنكى بالا كىتابتىن ئاڭلىغانلىرىنى، كۆرگەنلىرىنى ئۆزىنىڭ رىئال ھاياتىدىكى شۇ شەيئىلەرگە باغلاپ ئۆگەنسە بەك جانلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئۇنىڭدىن كېيىن، بىز بالىلارغا كىتابلارنى ئوقۇپ بەرگەن ۋاقتىمىزدىمۇ پەقەتلا سۆزلۈك كىتابلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەڭ ئاددى، رىئال بولغان، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بالىلارغا تونۇش بولغان مەزمۇنلارنى ۋەقەلىك قىلغان كىتابلارنى ئوقۇپ بەرسەك بولىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ كىچىك بىر كىتابى بار ئىدى، مەن ئۇنى ئۆزەم<< كۈرەش بۈگۈن قايسى كىيمىنى كىيىدۇ؟>>  دەپ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغان ئىدىم. ئۇ كىتابتا << كۈرەش بىر كۈنى پۇتبول مايكىسىنى كىيىۋالاتتى، بىر كۈنى ئۇزۇن ئىشتىنىنى كىيىۋالاتتى، يەنە بىر كۈنى قىزىل كالتە ئىشتىنىنى كىيىۋالاتتى. ئۇخلايدىغان چاغدا ئۇخلاش كېيىمىنى كىيىۋالاتتى.>> دېگەندەك مەزمۇنلار بار ئىدى. كىتابتىكى مەزمۇنلار بەكلا قىسقا، لېكىن بالىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى تونۇش ۋەقەلىكلەر تەسۋىرلەنگەن.

يەنە <<چىش چوتكا>> دەيدىغان بىر كىتابىمىز بار ئىدى. بىز بۇ كىتابنىمۇ ئوغلۇم بىر ياش ۋاقتىدىن تاكى ئۈچ ياشلارغىچە بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقۇدۇق. بىز ئۇ كىتابنى ئوقۇپ ئوينىغان ۋاقىتلىرىمىزدا، چىش چوتكىللىرىمىزنى يېنىمىزدا قويىۋېلىپ، كىتابتا << كۈرەش چىشىنى چوتكىلاپتۇ >> دەپ،چىقسا، بىز يالغاندىن چىشىمىزنى چوتكىلاپ ئوينايتتۇق.

يەنە بىر ھېكايە كىتابىمىز بار ئىدى. ئۇنىڭدا<< بېكەتكە بىر ئاپتۇبۇس دۈت-دۈت قىلىپ كېلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئاپتۇبۇسقا بىر پىل، زىراپە.....دېگەندەك نەچچە خىل ھايۋاناتلار چىقىدۇ. ئاپتۇبۇس يەنە دۈت-دۈت قىلىپ قوزغىلىپ ماڭىدۇ، بىر يەرگە كەلگەندە ئاپتۇبۇس ئوڭ تەرەپكە قىڭغىيىپ كېتىدۇ، ئىچىدىكى ھەممەيلەن توۋلىشىپ ئوڭ تەرەپكە بولۇپ كېتىدۇ. يانا بىر يەرگە كەلگەندە سول تەرەپكە قىڭغىيىپ كېتىدۇ، ئىچىدىكىلەر يەنە توۋلىشىپ سول تەرەپكە يېنى بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداق قېلىپ يەنە بىر بېكەتكە كەلگەندە ھەممىسى چۈشۈپ قالىدۇ.>> مۇشۇنداق بىر ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ. سىلەر ھېكايىنى ئوقۇش جەريانىدا، ئۆيدىكى ئاپتۇبۇس قىلغىلى بۇلىدىغان بىرەر نەرسىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ھايۋانات مودىللىرىنى سېلىپ ھېكايىدىكىگە ئوخشاش ھەركەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق جانلاندۇرۇپ، ئوبرازلىق ئوينىساڭلار ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

مېنىڭچە بولغاندا بالىلىرىڭلارنىڭ تىلىنى جانلىق قىلىمىز دېسەڭلار، بىر ياشلىق بالىلار دېگەن ئەمدى تېخى ئۆزى مېڭىپ بىر نەرسىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۇتۇپ بېقىشقا قىزىقىدىغان ۋاقتى. ئۇلار ھەرخىل ئىش-ھەركەتلەرنى قىلىپ بېقىشنى خالايدۇ. شۇنىڭدىن ھوزۇر تاپىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ياشتىكى بالىلارنى يېنىڭلاردا جىم ئولتۇرغۇزىۋېلىپ، تۆت-بەش ياشلىق بالىلارغا ئۆگەتكەندەك ئۆگۈتۈش مۇۋاپىق ئەمەس.

مېنىڭچە بولغاندا ئاتا-ئانىلاردىن، بىر-ئىككى ياشلىق بالىلارغا بەك تېخنىكىلىق تىل ئۆگۈتۈش تەلەپ قېلىنمايدۇ. لېكىن بۇ چاغدا ئاتا-ئانا بالىغا كۆپ ۋاقىت ئاجىرتىشى، بالا بىلەن كۆپ ئوينىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئەمدى بالا بىلەن ئويۇن ئويناشتىمۇ دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلار بار. بۇ ياش باسقۇچىدا بىز بالىلار بىلەن ئويۇن قائىدىسى يوق، ئەركىن ئويۇنلارنى ئوينىغىنىمىز ياخشى. ئاندىن بالىنى ئوينىتىپ يېنىدا باققۇچى بولۇپ ئولتۇرماي، ئامال بار ئويۇنغا قاتناشقۇچى بولۇش. ئويۇن جەريانىدا تىلنى ئاكتىپ قوللىنىش بەك مۇھىم. مەسلەن بىر ئويۇننى مىسال ئالايلى.  ھايۋاناتلارنىڭ مودېللىرىنى ئەكىلىپ ، ئۇلارنى تۇتۇپ، ئاۋازىنى دورىغان بولۇپ ، جانلاندۇرۇپ ئوينىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بالىلارنى ئۆزىگە جەلىب قىلالايدىغان نۇرغۇن ئويۇنلار بار. بالىلار ئەەەر بۇ بىر ئۇلارنىڭ قىزىقىشىغا ۋە تەپەككۈر، قول-پۇت ھەرىكىتىنىڭ ئېقتىدارىغا ماسلاشقان ئويۇن بولسا بالىلار ئومۇميۈزلۈك ياخشى كۆرىدۇ. سىز بۇ ئويۇنلارنى بالىڭىزغا ھازىرلاپ بېرىپ،ئۆزىڭىزمۇ بۇ ئويۇنغا قاتنىشىسىز، ئاندىن سىز ئويۇننىڭ مەزمۇنىنى تىل ئارقىلىق توختىماي بالىغا سۆزلەپ بېرىسىز. ئاندىن كېيىن بالا ئويۇننى ياقتۇرۇپ، ئۇنىڭغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەندىن كېيىن، سىز ئويۇنغا قېتىلغاچ بالىنى كۆزىتىپ تۇرۇپ، ئويناۋاتقان نەرسىللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى، رەڭلىرىنى، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمە ياساۋاتقانلىقىنى، نېمە سىزىۋاتقانلىقىنى، قانداق قېلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىش ياكى سوراش ئارقىلىق، مۇشۇ كۆڭۈللۈڭ ئويۇننىڭ ئىچىگە تىلنى سىڭدۈرسىڭىز، مېنىڭچە بولغاندا بۇنىڭ رولى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. چۈنكى بىر ياشلىق بالىغا مەيلى ئويۇندا بولسۇن ياكى كۈندىلىك ئىش-ھەركەتلىرىدە بولسۇن، بالىغا مەلۇم بىر شەكىل، مۇنتىزىم قائىدە، پروگرامما يۈرگۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بالىنىڭ ئەركىن ئويىنىشىغا روخسەت قىلىشىڭىز ۋە ئويۇنغا قاتنىشىشىڭىز كېرەك. مۇشۇ جەرياندا بالىڭىزغا قىسقا-قىسقا جۈملىلەر بىلەن كونكرت شەيئىلەرنى ئاتاۋاتقانلىقىڭىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، كۆپ سۆزلەپ بەرسىڭىز، بالىڭىز تىل مۇھىتىدا سىز بىلەن قانچە كۆپ ئوينىسا، مۇشۇنىڭ ئۈنىمى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.

بۇ ياشتىكى بالىلار سرىتقا چىقىشنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى تېشى ئۆينىڭ ئىچىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان، بالىنىڭ قىززىقىشىنى قوزغايدىغان ناھايتى جەلىب قىلارلىق بىر دۇنيا. ئۇنىڭدا نۇرغۇن يىڭى شەيئىلەر، ئۆي ئىچىدە يوق نۇرغۇن نەرسىلەر بار. تېشىغا چىققان ۋاقتىڭلاردا كۈننى، دەرەخنى، يولدا كېتىپ بارغان ئىت-مۈشۈكلەرنى كۆرىشىڭلار مۇمكىن. بۇ بالىغا تەبىئەت دۇنياسىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ، ئۇنىڭدىكى ھەر خىل ئىسىملارنى ئۆگىتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى.

بالىغا ھايۋاناتلارنى ئۆگەتكەن ۋاقتىڭلاردىمۇ ھەممە ھايۋاناتلارنى ئۆگۈتىشىڭلار ھاجەتسىز. يەنى بالىلار دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ئىت-مۈشۈكلەر، ياكى يېزىلارغا بارغاندا كۆرۈپ قالىدىغان قوي- كالا، ئات....دېگەندەك، ئۆي ھايۋانلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆگىتىمىز. دېمەكچىمەنكى، نىشانلىق ئۆگۈتىدىغان سۆزلۈكلىرىڭىز كاتوگورىيەلەر بۇيىچە بولغاندا بەك كۆپ بولۇپ كەتمىسۇن. ئەتراپىڭىزدا، سىز ياشاۋاتقان يەردە يوق بولغان ھايۋانلارنى بالىغا رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ، زورلاپ ئۆگۈتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، كېيىن بالا چوڭ بولغانسىرى بىردىن-ئىككىدىن قوشۇپ ئۆگىنىپ ماڭىدۇ. بىر-ئىككى ياشلىق بالىلارغا ئەتراپىدا كۆرگەن، ئاڭلىغان، تۇتۇپ باققان، ئويناپ باققان، يەنى ئۆيدىكى ۋە تەبىئەتتىكى ئاساسلىق نەرسىلەرنى ئۆگۈنىشى يېتەرلىك دەپ قارايمەن. لېكىن ئەلۋەتتە، بالىلار ئۆزىنىڭ ئەركىن كۆزىتىش دائىرسىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرۈپ، كۆزىتىدۇ، تەبىئىيكى بالا بارلىق يېڭى شەيئىلەرگە قىزىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز شۇ شەيئىلەرنى بالىغا ئېرىنمەي چۈشەندۈرىشىمىز كېرەك. لېكىن بالىغا بەك كەڭ دائىرىلىك نەرسىلەرنى ئۆگۈتىمەن دەپ، ئۇنى بالىلارنىڭ ھاياتىغا مەقسەتلىك ئەكىرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.

بىر ياشلىق بالىنىڭ تەرەققىياتى، بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قولىنىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى، ئويلاش، چۈشۈنۈش ئىقتىدارى قانچىلىك؟ ئۇلارغا قانداق ئويۇنچۇقلار ماس كېلىدۇ؟ قانداق ئويۇنلار ماس كېلىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللار ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭلار. چۈنكى ئويۇنلارنى بالاڭلارنىڭ شۇ يېشىدىكى ئەھۋالىغا ماس ھالدا قانچە توغرا تاللىيالىساڭلار، بالىنىڭ قىزىقىشىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئويۇنۇڭلارمۇ شۇنچە كۆڭۈللۈك بولىدۇ. مەسىلەن: سىز بىر ياشلىق بالىڭىزغا ئۈچ ياشلىق بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقىنى ئېلىپ بەرسىڭىز، بەلكىم ئۇ ئويۇنچۇقنى ئويناش بالىڭىزغا قىيىن كېلىشى ياكى مەنىسىز ھىس قىلىشى مۇمكىن. بالىنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى تۇتۇش، بىر نەرسىلەرنى بىرتەرەپ قېلىش ئىقتىدارىغا ماس بولغان ئويۇنچۇقلارنى ئوينىغان ۋاقتىدىكىدەك ئۈنۈمى بولمايدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن قوشاقلار، بالىلار ناخشىلىرىنىڭمۇ بالىنىڭ تىل تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىسى بار. 

بىزنىڭ ئۇيغۇرچە بالىلار ناخشىلىرىمىز بەك ئاز، ئەڭ كىچىك بىر-ئىككى ياشلىق بالىلارغا ماس كېلىدىغانلىرى يوق دىيەرلىك. ئەمدىلەتىن بۇنى ئويلاپ قولىمىزدىن كېلىشىچە تەييارلاشقا تېرىشىۋاتىمىز. بالىلار ناخشىلىرى بار دېگەن بىلەن، كىچىك بالىلارغا ۋىدىيولۇق قىلىپ ئىشلەنگەن، 1-2 ياشلىق بالىلار كۆرۈپ بىر نەسىلەرنى ھىس قىلالايدىغان، بالىلارنى جەلىب قىلالايدىغان قىلىپ ئىشلەنگەن ناخشىلىرىمىز يوق دېيەرلىك. مەن بالامغا ئېنگىلىزچە<<بارماق ناخشىسى>>،<<ئاپتۇبۇسنىڭ چاقلىرى>> قاتارلىق ناخشىلارنى ئۆزۈم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، <<يۇتۇب>>نىڭ كارائوكىيسىغا ئۆزۈم ئاۋاز بېرىپ، ئېيتىپ تەييارلاپ بەرگەنتىم. بالام ئۇنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. يانا بىر نورۋېگچە <<مە..مە قوزىچاق >> دېگەن ناخشىنىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ بەرگەنتىم. ئۇنى بالام ھازىرغىچە شۇنداق ياخشى كۆرۈپ ئېيتىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم بىز يۇتىيۇبتا كۆرىۋاتقان بارلىق بالىلار ناخشىلىرى بالىلىرىمىزغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. بالىلار ناخشىلىرىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر پېداگوگىكىلىق قائىدىنى ئاساس قىلىدۇ.

ئەگەر بىر ياشلىق بالىلارغا باشقا تىللاردىكى ئۇلار بىر ئاڭلاپ مەھلىيا بولۇپ قالغان ناخشىلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، تەييارلاپ بېرەلىسەڭلار تېخى ياخشى. بالىلار مۇشۇنداق ناخشا، قوشاقلارنى ئېيتقان ۋاقتىدا، قوشاقنىڭ ئۇدارىغا ماس ھالاتتە چاۋاك چېلىپ تۇرۇپ بالىغا ئۇنىڭ رېتىم، ئۇدارىنى ھىس قىلدۇرۇپ ئېيتقۇزساق، بۇنىڭ تېخىمۇ پايدىسى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈنىمىنى دەماللىققا ھىس قىلالماسلىقىڭلار مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈمىنى بىز كېيىن بالىنىڭ تىلى چىقىپ، رەسمىي ئاكتىپ سۆزلەشكە ئاتلانغان ۋاقتىدا ھىس قىلالايمىز.

مېنىڭ ئۆگەنگىنىم ۋە ھىس قىلغىنىمغا ئاساسەن، 12-24 ئايلىق بالىلارنىڭ تىلى چىقىۋاتىدۇ دېگىنىمىز بىلەن يەنىلا ئاساسلىقى بالا ئاڭلاپ ئۆگۈنىدىغان دەۋىر. شۇڭا بۇ چاغدا سىلەر چۇقۇم بالىلار بىلەن ياخشى ئالاقە ئورنىتىشقا، بالا بىلەن كۆپ ئويناشقا، كۆڭۈللۈك ئويۇنلارنى ئويناش جەريانىدا سۆزلەپ تۇرۇشقا چۇقۇم ئەھمىيەت بېرىڭلار. بالىلار نۇرغۇن سۆزلەرنى ئويۇن جەريانىدا ئاڭلايدۇ، چۈشىنىدۇ، ئۆزلەشتۈرىدۇ. ھەم بالىلار ئويۇننى قانچە ياخشى كۆرسە، سىلەرنىڭ دەپ بېرىۋاتقىنىڭلارمۇ بالىغا شۇنچە ئۆزلىشىدۇ. مانا بۇ بالىلارنىڭ ئويۇنلار جەريانىدا جانلىق تىل ئۆگىنىشى بولىدۇ. لېكىن بالىلار بۇ ۋاقىتتا ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ ئىشلىتىپ بولالمايدۇ. بالىلار گەرچە تېخى رەسمى سۆزلىيەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىر يدشتىن باشلىپ ناھايىتى ئاكتىپ تىل ئۆگىنىش سەپىرىنى ئاللىقاچان باشلىغان ۋە تۇنۇش، بىلىش، خاتىرىسىگە ئېلىش، ئاڭلاپ چۈشىنىش ۋە دەپ بېقىشقا ئىنتىلىش قاتارلىق جەريانلار بىلەن تىل بايلىقىنى ھازىرلايدۇ.

شۇڭا 12-24 ئايلىققىچە بولغان بالىلارغا تىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قىلىدىغان ئاساسلىق ئىشىمىز، بالىلار بىلەن بىللە ئويناش، بالىلارنىڭ شۇ جەرياندا تىلنى ئاڭلىشىغا، ئۇنى رىئال نەرسىلەر بىلەن باغلاپ ھىس قىلىشىغا، بىلىشىگە يېتەكچىلىك قېلىش ۋە ياردەم قىلىشتۇر.  

 

 2,608 total views,  1 views today

Comments

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.