رەڭدار بوغۇملۇق سۆزلەر

رەڭدار بوغۇملۇق سۆزلەر ھەرپلەرنى تونۇپ بولغان بالىلىرىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇش مەشىقى ۋە سۆزلۈك كارتىلىرى بىلەن ئوينىلىدىغان ئويۇنلىرى ئۈچۈن تەييارلاندى. ئا ھەرپىنىڭ سۆزلىرى ئە ھەرپىنىڭ سۆزلىرى ت ھەرىپىنىڭ سۆزلىرى ن ھەرپىنىڭ سۆزلىرى ئو ھەرپىنىڭ سۆزلىرى ئۇ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى ب ھەرپىنىڭ سۆزلىرى پ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى ئۆ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى ئۈ ھەرپىنىڭ سۆزلىرى د، ر، ز، ژ ھەپلىرىنىڭ سۆزلىرى …
Continue reading رەڭدار بوغۇملۇق سۆزلەر

 5,696 total views

گۈل ئانىدىن «تاشئالما» ئېلىپبەسىگە مەشىقلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىمىز نەشىر قىلغان ئېلىپبە كىتابى ھازىر دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ساۋات چىقىرىش ماتىرىيالى قىلىپ قوللانماقتا. بۇلارنىڭ بىرى نورۋېگىيەنىڭ بەرگىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدۇر. مەزكۇر مەكتەپنىڭ مەسئۇلى ۋە تەجىربىلىك ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى گۈلشەن مۇئەللىم پەرزەنىتلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش مەنبەلىرىنىڭ ۋە مەشىق، قوللانمىلىرىنىڭ مول بولۇشىنى …
Continue reading گۈل ئانىدىن «تاشئالما» ئېلىپبەسىگە مەشىقلەر

 9,336 total views

‹‹تاشئالما›› ئېلىپبەسىنىڭ پاراللىل مەشىق توپلىمى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا - ئانىلار ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى: تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىسى تۈزۈپ نەشر قىلغان ئېلىپبەنىڭ مەشىق قوللانمىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلارنى بېسىپ چۈشۈرگەيسىلەر. مەشىقلەر ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئېلىپبە كىتابىمىزدىكى ھەرپلەرنىڭ ئۆگىتىلىش تەرتىپى بويىچە قويۇلدى. بۇ مەشىقلەر ئېلىپبە كىتابىمىزنىڭ پاراللىل مەشىق كىتابى بولۇپ، بۇ مەشىقلەردىن پايدىلىنىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش ۋە يېزىش ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش …
Continue reading ‹‹تاشئالما›› ئېلىپبەسىنىڭ پاراللىل مەشىق توپلىمى

 13,205 total views,  1 views today

«تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى

«تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى تاۋۇش پىلاكاتلىرى بىلەن بىر يۈرۈش ماتىرىيال بولۇپ، پىلاكاتلار ئارقىلىق تاۋۇشلارنى ھىس قىلىش، بىر سۆزنىڭ باش تاۋۇشى، ئاخىرقى تاۋۇشىنى تېپىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناش جەريانىدا بالىلار كۆرۈپ، تونۇۋالغان تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان ھەرخىل بەلگىلەر يەنى ئانا ھەرپلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش ۋە بالىلارنىڭ ئانا ھەرپلەرنى يېزىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى. بۇ كارتىلارنى بىر بەتتە ئالتە تاۋۇش …
Continue reading «تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى

 5,370 total views

تاۋۇش پىلاكاتلىرى

بۇ تاۋۇش پىلاكاتلىرى ساۋات چىقىرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ئۈچۈن سۈپەتلىك قىلىپ قايتىدىن تەييارلاندى. بۇ پىلاكاتلارنى بالىلارغا ئالما دېسەك ئا چىقىدىكەن ھە دەپ ئەڭ دەسلەپكى تاۋۇش دېگەننى ھېس قىلدۇرىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆيگە، دەرسخانا تاملىرىغا ئېسىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىدۇق. بۇ خىل پىلاكاتلار ساۋات چىقىرىشنىڭ ئەڭ زۆرۈر ماتىرىياللىرىدىن بىرى بولغاچقا ئاتا-ئانىلارنىڭ چوقۇم بېسىپ چىقىرىپ بالىلارغا تەييار قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. …
Continue reading تاۋۇش پىلاكاتلىرى

 2,203 total views

ھەرپ كارتىلىرى-كاۋاك نۇسخىسى

ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ شەكىللىرىنىڭ ئىچى كاۋاك نۇسخىسى بىر A4 ئۆلچەمدىكى قەغەزگە تۆت تالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىنى جەدۋەل سىزىقلىرى بويىچە كېسىپ ئېلىپ. ئايرىم-ئايرىم تەييارلىۋالساقمۇ ۋە ياكى بىر چوڭ بەت شەكلىدە ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. بۇ كارتىلارنى ساۋات چىقىرىش دەرسلىكىدە بوياپ ئۆگىنىش، ئىزلاپ يېزىش ۋە كاۋچۈك لاي بىلەن ئىزلاپ ياساش قاتارلىق ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتەلەيمىز. پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ …
Continue reading ھەرپ كارتىلىرى-كاۋاك نۇسخىسى

 4,998 total views

ھەرپ كارتىلىرى

ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ شەكىللىرى بىر A4 ئۆلچەمدىكى قەغەزگە تۆت تالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ شەكىللىرىنى جەدۋەل سىزىقلىرى بويىچە كېسىپ ئېلىپ. ئايرىم-ئايرىم تەييارلىۋالىمىز. بۇ كارتىلارنى ساۋات چىقىرىش دەرسلىكىدە ھەرپلەر ۋە شەكىللەرنى تونۇتۇش، تاۋۇشلارنى ئويناش ۋە قوشۇپ يېزىشنى ئۆگىنىشتە قوللانساق بولىدۇ. چىداملىق ۋە ئىشلىتىشكە قولاي بولۇشى ئۈچۈن پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. . PDF شەكلىنى بۇ …
Continue reading ھەرپ كارتىلىرى

 2,158 total views

تاۋۇش قۇراقلىرى

تاۋۇش قۇراقلىرى بىر ماسلاشتۇرۇش ئويۇنى بولۇپ رەسىملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاۋۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئوينايمىز. تاۋۇش قۇراقلىرىنى يەنە تاۋۇشلارنى ۋە ئانا ھەرپلەرنى تونۇتىدىغان كارتا  قىلىپمۇ ئىشلىتەلەيمىز. بۇ ئويۇننىڭ ماتىرىيالى بولغان PDF ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.  6,444 total views,  28 views today

 6,444 total views,  28 views today