بىر بەتلىك تىل كۈچەيتىش مەشىقلىرى

بىر بەتلىك تىل كۈچەيتىش مەشىقلىرى توققۇز ياشتىن يۇقىرى بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلدى. بۇ مەشىقلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا ياردەمچى بولۇش مەقسەت قىلىندى.

  1. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان، لېكىن مۇھىم بولغان سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىپ پىششىقلىشى ئۈچۈن
    2. ئۇيغۇرچە سۆزلىگەندە مەكتەپ تىلىدىن تەرجىمە قىلىپ سۆزلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان خاتالىقلارنى چۈشىنىشى ۋە تۈزىتىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن
    3. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاددىي گىرامماتىكا بىلىملىرى ۋە ئاددىي تىل ئىشلىتىش قائىدىلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن

مەشىقلەرنى ئائىلىدە ۋە ئانا تىل مەكتەپلىرىدە قوللانغاندا ئاتا - ئانىلار ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بالىلارنىڭ نوقۇل يېشىغىلا ئەمەس، ئانا تىل ھازىرلىقى ۋە ئۆگىنىش ئېھتىياجىغا قاراپ قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەنپەئەتلىك بولسۇن.

 662 total views,  1 views today

Comments

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.