12 ئاي ناخشىسى

كۈرەش (يەتتە ياش)


12 ئاي ناخشىسى 

سۆزى: گۈلنار ئىمام
مۇزىكىسى: گۈلنار ئىمام
مۇزىكىسىنى چالغۇچى: ئابدۇرېھىم ئوسمان كۆكتۇغ
فىلىم ئىشلىگۈچى: مەردان ئۇيغۇر


يىلنىڭ بېشى يانۋار،
ئاندىن كېلەر فېۋرال.
مارتتا نورۇز بايرىمى،
ئاپرېل ھەم باھار.
مايدا گۈللەر ئېچىلار،
چېچەكلەيدۇ ئالمىلار.
ئىيۇندىكى ئىسسىق قۇياش،
ئالتۇن نۇر چاچار.


ياز ئىيۇلغا ئۇلىشار،
ئاۋغۇستتا خوشلىشار. 
سېنتەبىردە ئالتۇن كۈز،
ئالمىلار پىشار.
ئۆكتەبىردە تۇرنىلار
جەنۇبقا ئۇچار.
نويابىرنىڭ يامغۇرى 
قىشنى چاقىرار.
دېكابىردا كېلەر قىش
لەپ - لەپ قار ياغار.

بىر يىل تۈگەر، ئارقىدىنلا
كېلەر يانۋار. 
شۇنداق قىلىپ يېڭى بىر يىل
يەنە باشلىنار. 
بىر يىلدىكى 12 ئاي 
شۇنداق ئايلىنار.

 849 total views,  1 views today

Comments

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.