يۇلتۇزلارغا سۆز

كۈرەش (يەتتە ياش)


يۇلتۇزلارغا سۆز 

ئابلىكىم ھەسەن

جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار،
كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە.
ئۇلار تۈننىڭ زىننىتى،
بوۋىلارنىڭ سۆزىچە.

ئېيتىڭلارچۇ يۇلتۇزلار،
مەن دوستلۇققا يارامدىم؟
ھەممىڭلارنىڭ قېشىغا،
مېھمان بولۇپ بارامدىم؟

ساناپ باقسام ئۇلارنىڭ
سانلىرىنىڭ چېكى يوق.
ئاداش بولاي دېسەم مەن،
كۆز قىسىدۇ، سۆزى يوق. 

 399 total views,  1 views today

Comments

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.