رەسىملەر بىلەن جۈملىلەرنى ماسلاشتۇرۇش

ئاددىي، قىسقا، چۈشىنىشلىك جۈملىلەر بىلەن رەسىملەر بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ مەشىق يېڭىلا ساۋاتى چىقىپ، جۈملىلەرنى ئوقۇشقا باشلىغان بالىلىرىمىز ئۈچۈن تەييارلاندى. ئاۋۋال كارتىلارنى كېسىپ تەييار قىلىۋالىمىز. ئاندىن جۈملىلەرنى ئوقۇپ، رەسىملەر بىلەن ماسلاشتۇرىمىز. بىر قېتىمدا قانچە كارتىنى ئوقۇپ ماسلاشتۇرۇشنى بالىنىڭ ئوقۇپ، چۈشىنىش سەۋىيەسىگە قارىتا بەلگىلىسەك بولىدۇ. مەسىلەن، ئەڭ دەسلەپتە ئۈچ تال جۈملە كارتىسى ۋە ماس رەسىم كارتىسىنى قوشۇپ ئالتە تال كارتا بىلەن باشلاپ، ئاندىن مىقدارىنى تەدرىجىي ئاشۇرساق بولىدۇ. مەنپەئەتلىك بولسۇن.

 224 total views,  1 views today

Comments

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.