32 ھەرپنى تەكرارلايلى

ئېلىپبەنى يېڭىلا تۈگەتكەن ھەممە ئوماقلارنىڭ دېگۈدەك تىل - ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن 32 ھەرپنى بىر تەكرارلاشقا ئېھتىياجى بولىدۇ. بالىلار تەكرارلاش ئارقىلىق ئىلگىرى ئۆگەنگەنلىرىنى پىششىقلايدۇ. يەنى ھەرپلەرنى تېخىمۇ ئېنىق، پەرقلەندۈرۈپ تونۇيدۇ. ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارىمۇ ياخشىلىنىدۇ. مۇھىمى ھەممە ھەرپلەرنى تونۇپ بولغان ھالەتتە ئاددىي مەشىقلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، تىل -ئەدەبىيات دەرسلىرىدە ئۇچرايدىغان، ئۇلارغا تىل ئۆگىتىشتە مۇھىم بولغان مەشىقلەرنىڭ شەكىللىرى بىلەن تونۇشىدۇ. بۇ مەشىقلەرنى ئىشلەش جەريانىدا ئوقۇپ، يېزىۋاتقانلىرىنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىگە بولغان تونۇشى، يەنى تىل چۈشەنچىسى ھەم ئېشىپ بارىدۇ.

تەكرارلاش باسقۇچىدىكى بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە بۇ يۈرۈشلۈك مەشىقلەر تۈزۈلدى. ھەر بىر ھەرپكە ھەرپنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ تەكرارلىنىدىغان سۆزلەردىن تۆت سۆز تاللاندى ۋە ھەر بىر سۆزگە ئىككى بەت مەشىق تۈزۈلدى. ھەر بىر يۈرۈش مەشىققە ئاساسىي سۆزنى بوغۇمغا ئاجرىتىپ بوياش، بوغۇمغا ئاجرىتىش، جۈملە بىلەن ئوقۇش، باشقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆزلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇش، سۆز بىرىكمىسى تۈزۈش، سۆزلەرنى رەتلەپ جۈملە تۈزۈش ۋە ئۆزى جۈملە تۈزۈش قاتارلىق تارماق مەشىقلەر تۈزۈلدى. بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ھەر بىر ھەرپنى ئەتراپلىق ۋە پۇختا تەكرارلىشىغا ياردەمچى بولۇش مەقسەت قىلىندى.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ مەشىق يۈرۈشلۈكى ئېلىپبەنى تۈگەتكەندىن كېيىنكى تەكرارلاش باسقۇچى ئۈچۈن تۈزۈلدى. ئېلىپبەنى باشتىن باشلاپ ئۆگىنىش ئۈچۈن ساۋات چىقىرىش دېگەن سەھىپىدىكى 32 ھەرپ يۈرۈشلۈك ماتېرىيالىنى قوللانغايسىز.

 728 total views,  1 views today

One thought on “32 ھەرپنى تەكرارلايلى

  1. بۇ تەكرارلاش مەشىقلىرىنىڭ ئاخىرى داۋاملىق تۈزىلىۋاتامدۇ ؟ بەك قوللىنىشچان مەشىقلەر تۈزىلىپتۇ، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.