«رامىزان كەلدى» ئوقۇش ۋە مەشىق يۈرۈشلۈكى

  «رامىزان كەلدى» ئوقۇش ۋە مەشىق يۈرۈشلىكى - بالىلارنىڭ رامىزان ئېيىدىكى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلدى. بۇ ماتېرىيالدا رامىزاننىڭ 30 كۈنىگە 30 يۈرۈش ماتېرىيال تەييارلانغان بولۇپ، ھەر بىر كۈنلۈك يۈرۈش تۆت بەت. 1 - بېتى بىر بالىنىڭ رامىزان خاتىرىلىرى ۋە دۇئاسى، 2 - 3 - بەتلىرى مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ئۈچۈن رامىزان ھەققىدە ۋە ئىسلام دىنىمىزدىكى ئەڭ ئاساسىي …
Continue reading «رامىزان كەلدى» ئوقۇش ۋە مەشىق يۈرۈشلۈكى

 3,788 total views

ئاداش ھەرپلەر

ئاداش ھەرپلەر ھەققىدە مۇھاجىرەتتە چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ زور كۆپچىلىكى مەكتەپ مائارىپىدا لاتىن يېزىقىنى ئۆگەنگەچكە لاتىنچە ھەرپلەرنىڭ چوڭ ۋە كىچىكتىن ئىبارەت پەرقلەندۈرۈش قولاي بولغان ئىككىلا شەكلى بولۇشى ۋە بۇ ھەرپلەرنىڭ يەككە، يانمۇيان تۇرۇپ سۆز ياسىشىغا قارشى ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ شەكىللىرىنىڭ كۆپ ۋە ھەر خىل بولۇشى ۋە بۇ شەكىللەرنىڭ بەزىدە يانمۇيان تۇرۇپ، بەزىدە قول تۇتىشىپ …
Continue reading ئاداش ھەرپلەر

 2,876 total views

ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇش مەشقى: رەڭدار ھەرپلىك سۆزلەر

رەڭدار ھەرپلىك سۆزلەر - كاتاگورىيەلەر بويىچە تۈرلەرگە ئايرىلغان سۆزلۈكلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەردە سۆزنى قۇرغۇچى ھەرپلەر ئايرىم - ئايرىم رەڭلەردە يېزىلغان. بۇ ئارقىلىق ھەرپلەرنى يېڭى تونۇغان بالىلارنىڭ سۆز ئىچىدىكى ھەرپلەرنى ئايرىپ تونۇش ۋە قوشۇپ ئوقۇش ئېقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش مەقسەت قىلىندى. رەڭدار سۆزلەرنى كارتا شەكىلدە كېسىپ تەييارلاپ، رەسىملەر ياكى رېئال نەرسىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئويۇنى قىلىپ قوللانساق ئۈنۈمى ئەڭ …
Continue reading ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇش مەشقى: رەڭدار ھەرپلىك سۆزلەر

 3,565 total views

ئىسلامى بىلىملەر: ياراتقۇچى ئاللاھ

پۈتكۈل كائىناتنىڭ ۋە مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسى، بىزگە گۈزەل نىمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى بۈيۈك ئاللاھنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغان تۇنجى رەسىملىك -وقۇشلۇقىمىز بالىلارغا تەغدىم! كىتابنىڭ بەتلىرىنى لايىھەلەپ، مۇشۇنداق بىر كىتابنى بالىلارنى سۇنۇش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەن « تىل راۋان گۇرۇپپىسى» غا ئالاھىدە رەھمەت!  ئۆزى ئاددى، تىلى يېنىك، تولىمۇ قىممەتلىك بىلىم بىلەن تولغان بۇ كىتاب يەنە بىر گۈزەل ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى. …
Continue reading ئىسلامى بىلىملەر: ياراتقۇچى ئاللاھ

 2,116 total views

«ئا» ۋە «ئە» ھەرپىنى بالىلارغا قانداق ئۆگىتىمىز؟

بۇ سىندا تاشئالما ئېلىپبەسىدىن پايدىلىنىپ ئا ۋە ئە ھەرپلىرىنى ئۆگىتىش سۆزلەندى.   https://www.facebook.com/578700439185150/videos/216185085894100/   ئا ھەرپىنىڭ سۆزلىرى ئە ھەرپىنىڭ سۆزلىرى ئا  ھەرپى ئۈچۈن مەشىقلەر ئە ھەرپى ئۈچۈن مەشىقلەر  6,818 total views

 6,818 total views

ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق: دوپپام

« ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق ! » - بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيتى يۈرۈشلۈك ماتېرىياللىرى بولۇپ، بۇ يۈرۈشلۈكتىكى تۇنجى ماتېرىيال « دوپپام » دا كۆپ كىيىلىدىغان گۈزەل ئۇيغۇر دوپپىلىرى كارتا، قوشاق ۋە تېكىسىت بىرلەشتۈرۈلۈپ تونۇشتۇرۇلدى.  بۇ ماتېرىيالنى كارتا شەكلىدە ياكى پىلاكات شەكلىدە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. پاكىز ۋە چىداملىق بولۇشى ئۈچۈن ئامال بار يالتىراق يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.  …
Continue reading ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق: دوپپام

 2,264 total views

كارتىلار: قىش پەسلىگە ئائىت سۆزلەر

قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە تەبىئەتتە جىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ ھەم يېڭى ئويۇنلارنى ئوينايمىز. ئۇلارنى نېمە دەيمىز؟ قىش پەسلىگە ئائىت سۆزلەرنىڭ كارتىلىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.  1,071 total views,  1 views today

 1,071 total views,  1 views today

كارتىلار: دېڭىزدا نېمىلەر بار؟

دېڭىزدا تۈرلۈك - تۈمەن جانلىقلار بار. ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز؟ كارتىلارنىڭ ياردىمىدە ئۆگىنىۋېلىڭ. كارتىلارنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.  983 total views

 983 total views

كارتىلار: كەسىپلەر

چوڭ بولغاندا نېمە بولىسىز؟ نۇرغۇنلىغان ئوماقلار كەلگۈسىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى قاتارىدا كەسىپلەر ھەققىدە پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ كارتىلارنىڭ ياردىمىدە كەسىپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئۆگىنىۋالايلى. كارتىلارنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.  993 total views

 993 total views