«رامىزان كەلدى» ئوقۇش ۋە مەشىق يۈرۈشلۈكى

  «رامىزان كەلدى» ئوقۇش ۋە مەشىق يۈرۈشلىكى - بالىلارنىڭ رامىزان ئېيىدىكى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلدى. بۇ ماتېرىيالدا رامىزاننىڭ 30 كۈنىگە 30 يۈرۈش ماتېرىيال تەييارلانغان بولۇپ، ھەر بىر كۈنلۈك يۈرۈش تۆت بەت. 1 - بېتى بىر بالىنىڭ رامىزان خاتىرىلىرى ۋە دۇئاسى، 2 - 3 - بەتلىرى مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ئۈچۈن رامىزان ھەققىدە ۋە ئىسلام دىنىمىزدىكى ئەڭ ئاساسىي …
Continue reading «رامىزان كەلدى» ئوقۇش ۋە مەشىق يۈرۈشلۈكى

 3,794 total views

ئىسلامى بىلىملەر: ياراتقۇچى ئاللاھ

پۈتكۈل كائىناتنىڭ ۋە مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسى، بىزگە گۈزەل نىمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى بۈيۈك ئاللاھنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغان تۇنجى رەسىملىك -وقۇشلۇقىمىز بالىلارغا تەغدىم! كىتابنىڭ بەتلىرىنى لايىھەلەپ، مۇشۇنداق بىر كىتابنى بالىلارنى سۇنۇش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەن « تىل راۋان گۇرۇپپىسى» غا ئالاھىدە رەھمەت!  ئۆزى ئاددى، تىلى يېنىك، تولىمۇ قىممەتلىك بىلىم بىلەن تولغان بۇ كىتاب يەنە بىر گۈزەل ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى. …
Continue reading ئىسلامى بىلىملەر: ياراتقۇچى ئاللاھ

 2,121 total views

«ئا» ۋە «ئە» ھەرپىنى بالىلارغا قانداق ئۆگىتىمىز؟

بۇ سىندا تاشئالما ئېلىپبەسىدىن پايدىلىنىپ ئا ۋە ئە ھەرپلىرىنى ئۆگىتىش سۆزلەندى.   https://www.facebook.com/578700439185150/videos/216185085894100/   ئا ھەرپىنىڭ سۆزلىرى ئە ھەرپىنىڭ سۆزلىرى ئا  ھەرپى ئۈچۈن مەشىقلەر ئە ھەرپى ئۈچۈن مەشىقلەر  6,976 total views,  1 views today

 6,976 total views,  1 views today

ئىسلامى بىلىملەر: پەزىلەتلىك بالا

مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز بىزنى قانداق كىشىلەردىن بولۇشقا بۇيرىدى؟ پەرزەنتلىرىمىزگە دىنىمىز بۇيرۇغان ئىمان-ئېتىقادلىق، بىلىملىك، ئەدەپ-ئەخلاقلىق ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولۇش تەربىيىسى بېرىشتە ياردىمى بولار دېگەن ئۈمىدتە ئوقۇش ۋە بوياش بىرلەشكەن بۇ ماتىرىيال تەييارلاندى. مەنپەئەتلىك بولسۇن. « پەزىلەتلىك بالا » ئوقۇش ۋە بوياش ماتىرىيالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.  1,624 total views

 1,624 total views

ئوق ھەرپلەر

‏ ئوق ھەرپلەر 1، 2، 3، 4... تەرتىپ بويىچە يازىمىز. چېكىتتە باشلاپ، ئوقنىڭ ئۇچىغا كەلگەندە توختايمىز...  مۇھاجىرەتتە چوڭ بولغان پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يەسلى ۋە مەكتەپ مائارىپىدا لاتىنچە يېزىقلارنى ئۆگەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىچىك قوللىرىغا ئانا تىلنى يېزىشنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا مەكتەپتىكى خەت يېزىشنىڭ ئەكسىچە ئوڭدىن سولغا قارىتىپ خەت يېزىش بىر ئاز قېيىن توختايدۇ. «ئوق ھەرپلەر» پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى …
Continue reading ئوق ھەرپلەر

 2,383 total views

گۈل ئانىدىن «تاشئالما» ئېلىپبەسىگە مەشىقلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىمىز نەشىر قىلغان ئېلىپبە كىتابى ھازىر دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ساۋات چىقىرىش ماتىرىيالى قىلىپ قوللانماقتا. بۇلارنىڭ بىرى نورۋېگىيەنىڭ بەرگىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدۇر. مەزكۇر مەكتەپنىڭ مەسئۇلى ۋە تەجىربىلىك ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى گۈلشەن مۇئەللىم پەرزەنىتلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش مەنبەلىرىنىڭ ۋە مەشىق، قوللانمىلىرىنىڭ مول بولۇشىنى …
Continue reading گۈل ئانىدىن «تاشئالما» ئېلىپبەسىگە مەشىقلەر

 10,165 total views,  3 views today

‹‹تاشئالما›› ئېلىپبەسىنىڭ پاراللىل مەشىق توپلىمى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا - ئانىلار ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى: تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىسى تۈزۈپ نەشر قىلغان ئېلىپبەنىڭ مەشىق قوللانمىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلارنى بېسىپ چۈشۈرگەيسىلەر. مەشىقلەر ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئېلىپبە كىتابىمىزدىكى ھەرپلەرنىڭ ئۆگىتىلىش تەرتىپى بويىچە قويۇلدى. بۇ مەشىقلەر ئېلىپبە كىتابىمىزنىڭ پاراللىل مەشىق كىتابى بولۇپ، بۇ مەشىقلەردىن پايدىلىنىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش ۋە يېزىش ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش …
Continue reading ‹‹تاشئالما›› ئېلىپبەسىنىڭ پاراللىل مەشىق توپلىمى

 13,266 total views

«تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى

«تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى تاۋۇش پىلاكاتلىرى بىلەن بىر يۈرۈش ماتىرىيال بولۇپ، پىلاكاتلار ئارقىلىق تاۋۇشلارنى ھىس قىلىش، بىر سۆزنىڭ باش تاۋۇشى، ئاخىرقى تاۋۇشىنى تېپىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناش جەريانىدا بالىلار كۆرۈپ، تونۇۋالغان تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان ھەرخىل بەلگىلەر يەنى ئانا ھەرپلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش ۋە بالىلارنىڭ ئانا ھەرپلەرنى يېزىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى. بۇ كارتىلارنى بىر بەتتە ئالتە تاۋۇش …
Continue reading «تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى

 6,112 total views

تاۋۇش پىلاكاتلىرى

بۇ تاۋۇش پىلاكاتلىرى ساۋات چىقىرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ئۈچۈن سۈپەتلىك قىلىپ قايتىدىن تەييارلاندى. بۇ پىلاكاتلارنى بالىلارغا ئالما دېسەك ئا چىقىدىكەن ھە دەپ ئەڭ دەسلەپكى تاۋۇش دېگەننى ھېس قىلدۇرىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆيگە، دەرسخانا تاملىرىغا ئېسىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىدۇق. بۇ خىل پىلاكاتلار ساۋات چىقىرىشنىڭ ئەڭ زۆرۈر ماتىرىياللىرىدىن بىرى بولغاچقا ئاتا-ئانىلارنىڭ چوقۇم بېسىپ چىقىرىپ بالىلارغا تەييار قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. …
Continue reading تاۋۇش پىلاكاتلىرى

 2,232 total views

بالىمىزنىڭ ساۋاتىنى قانچە يېشىدا چىقارساق مۇۋاپىق؟

كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار دائىم « بالام ئۈچ ياشقا كىردى..تۆت ياشقا كىردى...ساۋاتىنى چىقارسام بولامدۇ؟» ياكى « بالامنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىشنى قانچە يېشىدا باشلىسام مۇۋاپىق؟» دەپ سورايدۇ. مەن ۋەتەن سىرتىدا تۇغۇلۇپ، چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ساۋاتىنى قانچە ياشتا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئانا تىل ھازىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۈن ھۆججىتىدىن ئاڭلىغايسىز.  1,568 total views

 1,568 total views