كارتىلار – رەڭلەر

رەڭلەر رەڭلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قانداق يېڭى رەڭلەرنى چىقىرالايمىز؟ – بۇنى قول سېلىپ سىناش – بالىلار ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر ئۆگىنىش جەريانى. تۆۋەندىكى كارتىلاردىن پايدىلىنىڭ. رەڭلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ باقايلى رەڭلەرگە ئائىت بىر ئويۇن

Loading

پىلاكاتلار: باھاردىكى تەبىئەت

باھار كەلدى. ئەمدى تېشىغا چىقىپ قانغۇچە ئوينايمىز. تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىشلەر نىڭ بالىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىشى ئېنىق. تالادا ئوينىغاندا  تازا ھوزۇرلىنايلى ۋە باھار پەسلىدىكى گۈزەل تەبىئەتكە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالايلى. باھاردىكى تەبىئەت

Loading

ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق: دوپپام

« ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق ! » – بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيتى يۈرۈشلۈك ماتېرىياللىرى بولۇپ، بۇ يۈرۈشلۈكتىكى تۇنجى ماتېرىيال « دوپپام » دا كۆپ كىيىلىدىغان گۈزەل ئۇيغۇر دوپپىلىرى كارتا، قوشاق ۋە تېكىسىت بىرلەشتۈرۈلۈپ تونۇشتۇرۇلدى.  بۇ ماتېرىيالنى كارتا شەكلىدە ياكى پىلاكات شەكلىدە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. پاكىز ۋە چىداملىق بولۇشى ئۈچۈن ئامال بار يالتىراق يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.  …
Continue reading ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق: دوپپام

Loading

كارتىلار: قىش پەسلىگە ئائىت سۆزلەر

قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە تەبىئەتتە جىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ ھەم يېڭى ئويۇنلارنى ئوينايمىز. ئۇلارنى نېمە دەيمىز؟ قىش پەسلىگە ئائىت سۆزلەرنىڭ كارتىلىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

Loading

كارتىلار: كەسىپلەر

چوڭ بولغاندا نېمە بولىسىز؟ نۇرغۇنلىغان ئوماقلار كەلگۈسىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى قاتارىدا كەسىپلەر ھەققىدە پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ كارتىلارنىڭ ياردىمىدە كەسىپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئۆگىنىۋالايلى. كارتىلارنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

Loading