رەڭلەر رەڭلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قانداق يېڭى رەڭلەرنى چىقىرالايمىز؟ – بۇنى قول سېلىپ سىناش – بالىلار ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر ئۆگىنىش جەريانى. تۆۋەندىكى كارتىلاردىن پايدىلىنىڭ. رەڭلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ باقايلى رەڭلەرگە ئائىت بىر ئويۇن
![]()
Loading...
رەڭلەر رەڭلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قانداق يېڭى رەڭلەرنى چىقىرالايمىز؟ – بۇنى قول سېلىپ سىناش – بالىلار ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر ئۆگىنىش جەريانى. تۆۋەندىكى كارتىلاردىن پايدىلىنىڭ. رەڭلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ باقايلى رەڭلەرگە ئائىت بىر ئويۇن
![]()
دېڭىز ئاستى جانلىقلىرى – بوياش ماتېرىيالى
![]()
قولى گۈل چېۋەر ئانا ئوماقلارغا تەييارلىغان ھايۋاناتلار ۋە قۇشلارنىڭ كارتىلىرىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
![]()
باھار كەلدى. ئەمدى تېشىغا چىقىپ قانغۇچە ئوينايمىز. تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىشلەر نىڭ بالىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىشى ئېنىق. تالادا ئوينىغاندا تازا ھوزۇرلىنايلى ۋە باھار پەسلىدىكى گۈزەل تەبىئەتكە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالايلى. باھاردىكى تەبىئەت
![]()
« ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق ! » – بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيتى يۈرۈشلۈك ماتېرىياللىرى بولۇپ، بۇ يۈرۈشلۈكتىكى تۇنجى ماتېرىيال « دوپپام » دا كۆپ كىيىلىدىغان گۈزەل ئۇيغۇر دوپپىلىرى كارتا، قوشاق ۋە تېكىسىت بىرلەشتۈرۈلۈپ تونۇشتۇرۇلدى. بۇ ماتېرىيالنى كارتا شەكلىدە ياكى پىلاكات شەكلىدە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. پاكىز ۋە چىداملىق بولۇشى ئۈچۈن ئامال بار يالتىراق يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. …
Continue reading ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق: دوپپام
![]()
چىرايلىق كىيىملىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئۆگىنىۋېلىڭ. كارتىلارنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
![]()
قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە تەبىئەتتە جىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ ھەم يېڭى ئويۇنلارنى ئوينايمىز. ئۇلارنى نېمە دەيمىز؟ قىش پەسلىگە ئائىت سۆزلەرنىڭ كارتىلىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
![]()
دېڭىزدا تۈرلۈك – تۈمەن جانلىقلار بار. ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز؟ كارتىلارنىڭ ياردىمىدە ئۆگىنىۋېلىڭ. كارتىلارنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
![]()
چوڭ بولغاندا نېمە بولىسىز؟ نۇرغۇنلىغان ئوماقلار كەلگۈسىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى قاتارىدا كەسىپلەر ھەققىدە پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ كارتىلارنىڭ ياردىمىدە كەسىپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئۆگىنىۋالايلى. كارتىلارنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
![]()
بىزگە ئوخشاش يەيدىغان، ئىچىدىغان، ماڭىدىغان، لېكىن بىزگە پەقەت ئوخشىمايدىغان جانلىقلار-ھايۋاناتلارغا قىزىقمايدىغان ئوماق بالىلار يوقمىكىن – ھە؟ بۇ كارتىلاردىكى ھايۋاناتلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئۆگىنىۋالايلى… كارتىلار – ھايۋاناتلار
![]()