تەبىئەت – بالىلار ئۈچۈن گۈللەرنى ئۆگىنىش قوللانمىسى

ئۇيغۇرلار گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، گۈللەرنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ، گۈللەرگە مەپتۇنلۇقىدىن قىزلىرىغا گۈللەرنىڭ ئىسىمىنى قويىدۇ. ھويلا - ئاراملىرىغا گۈل تېرىمايدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك. گۈلخۇمار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنىتلىرىگە پاراسەتلىك ئەجدادلىرى قەدىمكى زامانلاردىن بېرى قويۇپ ئومۇملاشتۇرغان تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك - تۈمەن گۈللەرنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە بۇ ئاددىيغىنە قوللانمىنى تۈزدۈم. بۇ قوللانمىدىن تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردە پايدىلىنالىشىڭىز مۇمكىن.

1. گۈللەرنىڭ رەسىملىرى بار بەتلەرنى كارتا شەكلىدە تەييارلاپ رەسىمگە قاراپ تونۇش ئۈچۈن ئىشلىتىش.
2. كارتىلارنى باغچىلارغا، گۈل دۇكانلىرىغا ۋە تەبىئەت قوينىدا ئوينىغاندا ئېلىۋېلىپ كارتىلاردىكى گۈللەرنى تېپىپ ئويناش، سېلىشتۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق گۈللەرنى تېخىمۇ ياخشى تونۇۋېلىش، ئىسمىنى ئۆگىنىش.
3. بوياش ماتېرىيالىدىن پايدىلىنىپ، رەسىمدىكى ياكى تەبىئەتتە كۆرگەن شۇ گۈلنى بوياپ چىقىش ئارقىلىق ئۆگەنگەنلىرىمىزنى پىششىقلاش.
4. گۈلنىڭ ئىسمىنى ئىزلاپ يېزىش، بېسىپ يېزىش ئارقىلىق يېزىشنى ئۆگىنىش.
5. كارتىلاردىن پايدىلىنىپ تەبىئەتتىن گۈل ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ توپلاش. غۇنچە، گۈل، يوپۇرماق، غول، ئۇرۇق ئۇقۇملىرىنى ئۆگىنىش.
6. كارتىلاردىكى گۈللەرنىڭ ئېچىلىش پەسلى ھەققىدە مۇندەرىجە تۇرغۇزۇش
.....
ئىزدىنىشچان ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ كارتىلاردىن تېخىمۇ كۆپ شەكىللەردە پايدىلىنىلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەنپەئەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

قوغۇنگۈل

نازىگۈل

چىغىرتماقگۈل

تاجىگۈل

بەلىزگۈل دەستارگۈل

تەپكۈچگۈل & پىچەكگۈل

زەيتۇنگۈل

نامازشام گۈلى

كۈندە باھار

ياسىمەن گۈلى

لەيلىگۈل

گۈلئەنبەر

لاندىش گۈلى

كۆركۈندە گۈلى

تۇياقگۈل

تاتار يۇلتۇز گۈلى

 1,998 total views,  2 views today