توققۇز ياشتىن يۇقىرى بالىلار ئۈچۈن ئىملا مەشىقلىرى

تور دۇنياسىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان يازمىلاردا، ھەتتا نەشرىدىن چىققان كىتابلاردىمۇ كۆرۈلىۋاتقان ئىملا خاتالىقلىرى ۋە كۈندىلىك ئالاقىلەردە يېزىلىۋاتقان ئۇچۇرلاردا قەدەمدە بىر ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ كۆزگە چېلىقىشى توغرا يېزىشنىڭ مۇھىملىقىغا قارىتا چۈشەنچىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ۋە توغرا، قائىدىلىك يېزىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى. بالىلارنى بۇ جەھەتتە يېتەكلەش، كىچىكىدىن باشلاپ توغرا يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن بۇ ئىملا مەشىقلىرى تۈزۈلدى. ھەر بىر مەشىققە بالىلار كۆپ ئىشلىتىدىغان، كۈندىلىك ئالاقىلەردە كۆپ تەكرارلىنىدىغان 20 سۆز كىرگۈزۈلدى. بۇ يېزىش مەشىقلىرىدىن بالىلارلا ئەمەس، چوڭلارمۇ پايدىلىنالايدۇ. بۇ مەشىقلەر توققۇز ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا تەۋسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، مۇۋاپىق دەپ قارىسا باشقا ياش باسقۇچىدىكى بالىلىرىغا قوللانسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ.
قوللىنىشقا تەۋسىيە: ھەر بىر مەشىقتىكى 20 سۆزنى قانچە قېتىم يېزىش ۋە قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىشنى بالىنىڭ يېشى ۋە يېزىش ھازىرلىقىغا قاراپ ئاتا - ئانىلار ئۆزى بەلگىلىسە بولىدۇ. بىر مەشىقتىكى 20 سۆزنى يېزىپ مەشىق قىلىش تاماملانغاندىن كېيىن، يادقا يېزىش ئارقىلىش تەكرارلىساق بولىدۇ.

1
2
3

 62,379 total views,  15 views today

10,614 thoughts on “توققۇز ياشتىن يۇقىرى بالىلار ئۈچۈن ئىملا مەشىقلىرى

  1. ما شا ئاللاھ!بەك ياخشى بولغان مەزمۇنلارنى تەييارلاپ يوللاپسىز . قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، ماتىرياللارنى مەن ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۆردۈم .

Charleselins ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.