ئوق ھەرپلەر

‏ ئوق ھەرپلەر

1، 2، 3، 4... تەرتىپ بويىچە يازىمىز. چېكىتتە باشلاپ، ئوقنىڭ ئۇچىغا كەلگەندە توختايمىز... 

مۇھاجىرەتتە چوڭ بولغان پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يەسلى ۋە مەكتەپ مائارىپىدا لاتىنچە يېزىقلارنى ئۆگەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىچىك قوللىرىغا ئانا تىلنى يېزىشنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا مەكتەپتىكى خەت يېزىشنىڭ ئەكسىچە ئوڭدىن سولغا قارىتىپ خەت يېزىش بىر ئاز قېيىن توختايدۇ. «ئوق ھەرپلەر» پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنى يېزىلىش تەرتىپى بويىچە توغرا، چىرايلىق يېزىشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى. بۇ بىر يۈرۈش يېزىش مەشىقىدە 32 ھەرپ ۋە ئۇلارنىڭ شەكىللىرىنىڭ يېزىلىش تەرتىپى ھەرپلەرنىڭ كاۋاك شەكلىدە نۇمۇر ۋە ئىستىرىلكا ئارقىلىق ئېنىق كۆرسىتىلدى. 

«ئوق ھەرپلەر» نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

«ئوق ھەرپلەر» ئاساسلىقى ئىزلاپ يېزىش مەشىقىدۇر. يەنى كاۋاك ھەرپلەرنى قويۇلغان نۇمۇرلارنىڭ رەت تەرتىپى ۋە ئىستىرىلكىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىزلاپ يېزىپ مەشىق قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بالىلار ئىزلاپ يېزىپلا قالماستىن، يەنە بۇ كاۋاك ھەرپلەرنى يېزىلىش تەرتىپى بويىچە بويىسا ياكى ئۆيلەردە ئاسانلا تېپىلىدىغان ئۇششاق تاش، قۇرۇق يەل-يىمىش، ئۇششاق مارجان، خېمىر دېگەندەك ماتىرىياللار بىلەن ھەرپلەرنى تىزىپ چىقسا، ياساپ ئوينىسا بولىدۇ. بۇ مەشىق ماتىرىيالىدىن سۈپەتلىك پايدىلىنالىشىڭلار ئۈچۈن پىلاستىك يۈزلۈكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا ھەم بالىلار ئاق دوسكا قەلىمى بىلەن ھەرپلەرنى قايتا-قايتا يېزىپ كۆپ مەشىق قىلالايدۇ. 

«ئوق ھەرپلەر» نىڭ پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ھەرپلەرنى ئۆگىنىشىگە مەنپەئەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كىچىك قوللارنىڭ ئانا تىلىنى ئوڭدىن سولغا چىرايلىق، توغرا يازىدىغان بولۇپ كېتىشىنى تىلەيمىز. 

ئوق ھەرپلەرنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

 2,472 total views,  1 views today