بىر بەتلىك ئاددى ئوقۇشلۇقلار ئەمدىلا ساۋادى چىققان بالىلىرىمىز ئۈچۈن تەييارلانغان ئوقۇش مەشىقلىرى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بالىلارغا تونۇشلۇق شەيىئىلەر ۋە ۋەقەلەر مەزمۇن قىلىنغان. ئوقۇش مەشىقلىرىنىڭ رەڭدار ۋە جەلىپ قىلارلىق بولۇشى ئۈچۈن ئوقۇشلۇق مەزمۇنىغا ماس رەسىملەر قوشۇلدى.
2,299 total views, 2 views today
ماشائاللاھ ! بۇ قسقا ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىقانلىقى بەك ياخشى بوپتۇ ، پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ئاققان قان-تەرىڭلار ئەجىرلىك بولسۇن !
بىر بەتلىك ئوقۇشلۇقلارنى داۋاملىق كۈتىمىز. رەھمەت
ساقلاتقىنىم ئۈچۈن ئۆزۈر سورايمەن. ئارىلىقتا باشقا كىتابلارنى ئوقۇپ بۇ يېڭىلانماي قالدى. بۈگۈن ئالتە بەت قوشۇپ قويدۇم.
ماشائاللا بەك گۈزەل ئىش بولۇپتۇ،بىزمۇ مۇمكىن بولسا بالىلار ئۈچۈن قىسقا قىسقا بىرەر بەتلىك ئوقۇشلۇق يېزىپ ئەۋەتسەك سىلەر مۇۋاپىقىنى تاللاپ دەرسخانىغا چىقارساڭلار سىلەرنىڭ دەرس سېستىماڭلارغا تەسىرى بولامدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ ماتېرىياللارنى ياقتۇرغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. ئوقۇشلۇق يېزىپ ئەۋەتسەڭلار ئەلۋەتتە بەك ياخشى بولىدۇ، پەقەت پېداگوگىكىلىق نوقتىدا ئويلىغاندا تەھرىرلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا مېنىڭ تۈزىتىپ ئاندىن تور بەتكە قويۇشۇمغا رۇخسەت قىلسىڭىزلا:) مەن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن. ۋورد نوسخىسىنى يوللاپ بەرسىڭىز، مەن رەسىم كىرىشتۈرۈپ بەتكە ئېلىپ چىقىرىپ قويىمەن. كۆپ رەھمەت.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.ئەلۋەتتە بولىدۇ دە،ھېچ بىر ئىش تۈزۈتۈلمەي تۇرۇپ گۈزەل بولمايدۇ.مېنىڭ پىكىرىم ي يوق ئەلۋەتتە تۈزۈتۈپ بەرسەڭلار تېخى خۇش بولىمەن.بىرەر ئۇلىنىش ئادرىسى بولسا شۇ يەرگە يوللاپ بېرەي.