6 – 9 ياشقىچە بالىلار ئۈچۈن ئىملا مەشىقلىرى

تور دۇنياسىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان يازمىلاردا، ھەتتا نەشرىدىن چىققان كىتابلاردىمۇ كۆرۈلىۋاتقان ئىملا خاتالىقلىرى ۋە كۈندىلىك ئالاقىلەردە يېزىلىۋاتقان ئۇچۇرلاردا قەدەمدە بىر ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ كۆزگە چېلىقىشى توغرا يېزىشنىڭ مۇھىملىقىغا قارىتا چۈشەنچىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ۋە توغرا، قائىدىلىك يېزىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى. بالىلارنى بۇ جەھەتتە يېتەكلەش، كىچىكىدىن باشلاپ توغرا يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن بۇ ئىملا مەشىقلىرى تۈزۈلدى. ھەر بىر مەشىققە بالىلار كۆپ ئىشلىتىدىغان، كۈندىلىك ئالاقىلەردە كۆپ تەكرارلىنىدىغان سۆزلەر كىرگۈزۈلدى. بۇ يېزىش مەشىقلىرىدىن بالىلارلا ئەمەس، چوڭلارمۇ پايدىلىنالايدۇ. بۇ مەشىقلەر ئالتە ياشتىن توققۇز ياشقىچە بالىلارغا تەۋسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، مۇۋاپىق دەپ قارىسا باشقا ياش باسقۇچىدىكى بالىلىرىغا قوللانسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ.
قوللىنىشقا تەۋسىيە: ھەر بىر مەشىقتىكى سۆلەرنى قانچە قېتىم يېزىش ۋە قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىشنى بالىنىڭ يېشى ۋە يېزىش ھازىرلىقىغا قاراپ ئاتا - ئانىلار ئۆزى بەلگىلىسە بولىدۇ. سۆزلەرنى يېزىپ مەشىق قىلىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئارقىدا بېرىلگەن مەشىقنى ئىشلەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يادقا يېزىش ئارقىلىش تەكرارلىساقمۇ بولىدۇ. يېزىپ ئۆگەنگەن سۆزلەرنى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن تەكرار يادئىملا قىلىپ يېزىش ياكى بېرىلگەن مەشىقنى ئىشلەشنىڭمۇ بالىلارنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇۋېلىشىغا ياردىمى بولىدۇ.

1
2
3

 8,504 total views,  1 views today

154 thoughts on “6 – 9 ياشقىچە بالىلار ئۈچۈن ئىملا مەشىقلىرى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.