ئىسلامى بىلىملەر: پەزىلەتلىك بالا

مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز بىزنى قانداق كىشىلەردىن بولۇشقا بۇيرىدى؟ پەرزەنتلىرىمىزگە دىنىمىز بۇيرۇغان ئىمان-ئېتىقادلىق، بىلىملىك، ئەدەپ-ئەخلاقلىق ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولۇش تەربىيىسى بېرىشتە ياردىمى بولار دېگەن ئۈمىدتە ئوقۇش ۋە بوياش بىرلەشكەن بۇ ماتىرىيال تەييارلاندى. مەنپەئەتلىك بولسۇن. « پەزىلەتلىك بالا » ئوقۇش ۋە بوياش ماتىرىيالىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.  1,621 total views

 1,621 total views

تىل ئويۇنى: مەن نېمىنى ئويلىدىم؟ كىم تاپالايدۇ؟

قاتنىشىدىغان ئادەم سانى: ئاز دېگەندە 2 ياش چەكلىمىسى: 3 ياشتىن يۇقىرى ئويۇن قائىدىسى: بىرەيلەن كۆڭلىگە كونكىرىت بىر نەرسىنى پۈكىدۇ. مەسلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن دادا بولغۇچى كۆڭلىدە بىر چاپاننى ئويلاپ پۈكتى دەيلى. قالغانلار سوئال سوراشنى باشلايدۇ. تاپقۇچىلار چوقۇم ھەئە ياكى ياق دەپ جاۋاب بېرىلىدىغان سوئاللارنى سورىشى لازىم. دادىسىمۇ سوئاللارغا پەقەت ياق، ھەئە لا دەپ جاۋاب بېرىشى …
Continue reading تىل ئويۇنى: مەن نېمىنى ئويلىدىم؟ كىم تاپالايدۇ؟

 1,211 total views

كېپىنەك

كۈرەش (يەتتتە ياش) كېپىنەك سۆزى: مۇزىكىسى: ئىسكەندەر سەيپۇللا كېپىنەك، كېپىنەك، كەلگىن جان دوستۇم. بۇ گۈزەل باغچامدا، پەرۋاز قىلغىن شاد. سۇ قۇيۇپ گۈللەرنى، ئاينىتاي دائىم. سەن قونغىن، گۈللەرگە، بولسۇن باغ ئاۋات.  3,824 total views

 3,824 total views

ئوق ھەرپلەر

‏ ئوق ھەرپلەر 1، 2، 3، 4... تەرتىپ بويىچە يازىمىز. چېكىتتە باشلاپ، ئوقنىڭ ئۇچىغا كەلگەندە توختايمىز...  مۇھاجىرەتتە چوڭ بولغان پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يەسلى ۋە مەكتەپ مائارىپىدا لاتىنچە يېزىقلارنى ئۆگەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىچىك قوللىرىغا ئانا تىلنى يېزىشنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا مەكتەپتىكى خەت يېزىشنىڭ ئەكسىچە ئوڭدىن سولغا قارىتىپ خەت يېزىش بىر ئاز قېيىن توختايدۇ. «ئوق ھەرپلەر» پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى …
Continue reading ئوق ھەرپلەر

 2,372 total views

گۈل ئانىدىن «تاشئالما» ئېلىپبەسىگە مەشىقلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىمىز نەشىر قىلغان ئېلىپبە كىتابى ھازىر دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ساۋات چىقىرىش ماتىرىيالى قىلىپ قوللانماقتا. بۇلارنىڭ بىرى نورۋېگىيەنىڭ بەرگىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدۇر. مەزكۇر مەكتەپنىڭ مەسئۇلى ۋە تەجىربىلىك ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى گۈلشەن مۇئەللىم پەرزەنىتلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش مەنبەلىرىنىڭ ۋە مەشىق، قوللانمىلىرىنىڭ مول بولۇشىنى …
Continue reading گۈل ئانىدىن «تاشئالما» ئېلىپبەسىگە مەشىقلەر

 9,993 total views

‹‹تاشئالما›› ئېلىپبەسىنىڭ پاراللىل مەشىق توپلىمى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا - ئانىلار ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى: تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىسى تۈزۈپ نەشر قىلغان ئېلىپبەنىڭ مەشىق قوللانمىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلارنى بېسىپ چۈشۈرگەيسىلەر. مەشىقلەر ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئېلىپبە كىتابىمىزدىكى ھەرپلەرنىڭ ئۆگىتىلىش تەرتىپى بويىچە قويۇلدى. بۇ مەشىقلەر ئېلىپبە كىتابىمىزنىڭ پاراللىل مەشىق كىتابى بولۇپ، بۇ مەشىقلەردىن پايدىلىنىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش ۋە يېزىش ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش …
Continue reading ‹‹تاشئالما›› ئېلىپبەسىنىڭ پاراللىل مەشىق توپلىمى

 13,256 total views

«تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى

«تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى تاۋۇش پىلاكاتلىرى بىلەن بىر يۈرۈش ماتىرىيال بولۇپ، پىلاكاتلار ئارقىلىق تاۋۇشلارنى ھىس قىلىش، بىر سۆزنىڭ باش تاۋۇشى، ئاخىرقى تاۋۇشىنى تېپىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناش جەريانىدا بالىلار كۆرۈپ، تونۇۋالغان تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان ھەرخىل بەلگىلەر يەنى ئانا ھەرپلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش ۋە بالىلارنىڭ ئانا ھەرپلەرنى يېزىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى. بۇ كارتىلارنى بىر بەتتە ئالتە تاۋۇش …
Continue reading «تاۋۇشلارنى يازالايمەن!» رەسىملىك كارتىلىرى

 5,919 total views

تاۋۇش پىلاكاتلىرى

بۇ تاۋۇش پىلاكاتلىرى ساۋات چىقىرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ئۈچۈن سۈپەتلىك قىلىپ قايتىدىن تەييارلاندى. بۇ پىلاكاتلارنى بالىلارغا ئالما دېسەك ئا چىقىدىكەن ھە دەپ ئەڭ دەسلەپكى تاۋۇش دېگەننى ھېس قىلدۇرىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆيگە، دەرسخانا تاملىرىغا ئېسىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىدۇق. بۇ خىل پىلاكاتلار ساۋات چىقىرىشنىڭ ئەڭ زۆرۈر ماتىرىياللىرىدىن بىرى بولغاچقا ئاتا-ئانىلارنىڭ چوقۇم بېسىپ چىقىرىپ بالىلارغا تەييار قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. …
Continue reading تاۋۇش پىلاكاتلىرى

 2,228 total views

كارتىلار – ھايۋاناتلار

بىزگە ئوخشاش يەيدىغان، ئىچىدىغان، ماڭىدىغان، لېكىن بىزگە پەقەت ئوخشىمايدىغان جانلىقلار-ھايۋاناتلارغا قىزىقمايدىغان ئوماق بالىلار يوقمىكىن - ھە؟ بۇ كارتىلاردىكى ھايۋاناتلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئۆگىنىۋالايلى... كارتىلار - ھايۋاناتلار  1,599 total views

 1,599 total views

سۆزلۈك پىلاكاتلىرى: بەدەندىكى ئەزالار

باش، قاش، چاچ...بەدىنىمىزدىكى ئەزالارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئۆگىنەيلى! بۇ پىلاكاتنى بالىلار كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر تامغا ئېسىپ بەرسىڭىز ياكى جەدۋەل سىزىقلىرى بويىچە كېسىپ كارتا شەكلىدە قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. بەدەندىكى ئەزالار  1,335 total views,  1 views today

 1,335 total views,  1 views today