تىل ئويۇنى: مەن نېمىنى ئويلىدىم؟ كىم تاپالايدۇ؟

قاتنىشىدىغان ئادەم سانى: ئاز دېگەندە 2

ياش چەكلىمىسى: 3 ياشتىن يۇقىرى

ئويۇن قائىدىسى: بىرەيلەن كۆڭلىگە كونكىرىت بىر نەرسىنى پۈكىدۇ. مەسلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن دادا بولغۇچى كۆڭلىدە بىر چاپاننى ئويلاپ پۈكتى دەيلى. قالغانلار سوئال سوراشنى باشلايدۇ. تاپقۇچىلار چوقۇم ھەئە ياكى ياق دەپ جاۋاب بېرىلىدىغان سوئاللارنى سورىشى لازىم. دادىسىمۇ سوئاللارغا پەقەت ياق، ھەئە لا دەپ جاۋاب بېرىشى كېرەك.

دادىسى: بولدى، مەن بىر نەرسىنى ئويلىدىم. ئەمدى سوئال سورىساڭلار بولىدۇ. قېنى كىم تېپىۋالىدىكىن؟

ئاپىسى: ئۇ بىر يەيدىغان نەرسىمۇ؟

دادىسى: ياق

بالىسى: ئۇ بىر ھايۋاناتمۇ؟

دادىسى: ياق

بالىسى: ئۇ بىر قۇشمۇ ئەمىسە؟

دادىسى: ياق

ئاپىسى: ئۇ بىزنىڭ ئۆيدە بار نەرسىمۇ؟

دادىسى: ھەئە

بالىسى: ئۇ بىر سافامۇ؟

دادىسى: ياق

ئاپىسى: ئۇ ياتاق ئۆيدە بارمۇ؟

دادىسى: ھەئە

بالىسى: ئۇ كارىۋاتمۇ؟

دادىسى: ياق

ئاپىسى: ئۇ بىر كىيىممۇ؟

دادىسى: ھەئە

بالىسى: ئۇ بىر ئىشتانمۇ؟

دادىسى: ياق

.......

......

.......

مۇشۇنداق توختىماي سوئال سوراپ ئاخىرى ئۇنىڭ چاپان ئېكەنلىكىنى تېپىۋالىدۇ.

بۇ ئويۇندا تاپقۇچىلار ئالدى بىلەن « ئۇ بىر مېۋىمۇ؟ كىيىممۇ؟ قۇشمۇ؟ ھايۋاناتمۇ؟ شەھەرمۇ؟ بەدەندىكى بىر ئەزامۇ؟ بىر تاماقمۇ؟ ياكى بىر كۆكتاتمۇ؟ بىر قاتناش قورالىمۇ؟ » دېگەندەك سوئاللار ئارقىلىق بۇ نەرسىنىڭ قايسى كاتاگورىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تېپىۋالسا، ئاندىن چوڭ-كىچىكلىكى، رەڭگى، تەمى، شەكلى، نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى...قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئائىت سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق  ئىزدەش دائىرىسىنى بارغانسىرى كىچىكلىتىپ، ئۇ سۆزنى چوقۇم تېپىۋالىدۇ. بەزىدە تاپالماي قالسا سوئال-جاۋاب بەك ئۇزۇن داۋاملىشىشىمۇ مۇمكىن. بۇ جەرياندا بالىلار تۇرمۇشتىكى نەرسىلەرنىڭ ئوخشىمىغان كاتاگورىيەلىرىنى ۋە بۇ كاتاگورىيەلەردىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ۋە بۇ نەرسىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن سۈپەتلەرنى ئويلايدۇ ۋە دەپ مەشىق قىلىدۇ.

چوقۇم ئويناپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

 1,209 total views,  1 views today

Comments

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.