تىل ئويۇنى: يەنە قانداق تۈرلەرنى بىلىسىز؟

تىل ئويۇنى: يەنە قانداق تۈرلەر بار؟
قاتنىشىدىغان ئادەم سانى: ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ.
ئويۇن قائىدىسى: ئالدى بىلەن ئويۇنغا قاتناشقۇچى چوڭلاردىن بىرەيلەن مەلۇم بىر تۈرگە تەۋە سۆزدىن ئىككىنى دەيدۇ. مەسلەن: «كۆكتات» لاردىن «پىياز، سەۋزە» ياكى «كىيىم - كېچەكلەر»دىن «چاپان، مايكا» نى دېدى دەيلۇق. ئاندىن 2 - بىرەيلەن يېڭى بىر تۈردىكى سۆزدىن ئىككىنى دەيدۇ. مەسلەن: «پويىز، ماشىنا» ۋە ياكى «دۈشەنبە، سەيشەنبە» ۋە ياكى «كالا، تۆگە» دېگەندەك. ئويۇن تاكى بىرەيلەن دېيەلمەي توختاپ قالغاندا قەدەر ئايلىنىپ داۋام قىلىدۇ. ئېنىقكى ئويۇن داۋام قىلغانسىرى يېڭى تۈرلەرنى تېپىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. مەسلەن: «ھايۋاناتلار» دېگەن بىر تۈرنى ئۆي ھايۋانلىرى، سۇدا ياشايدىغان جانلىقلار، قوش ماكانلىقلار، ئافرىقىدا ياشايدىغانلار قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەرگە ئايرىيالىساق ھەر قېتىم نۆۋىتىمىز كەلگەندە سۆز تېپىش پۇرسىتىمىزنى ئاشۇرالايمىز. پەقەت يېڭى تۈر تاپالمىغاندا ياردەم سوراشقا بولىدۇ. بۇ چاغدا باشقىلار يېڭى بىر تۈرنىڭ ئىسمىنى تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇ تۈرگە تەۋە سۆزنى يەنىلا ياردەم سورىغۇچى ئۆزى دەيدۇ. بىر ئايلانما تۈگىگەندىن كېيىن تاپىدىغان سۆزنى ئىككىدىن ئۈچكە ياكى تۆت، بەشكە ئاشۇرۇپ ئوينىساق بولىدۇ. بۇنىڭدا ئويۇنغا قاتناشقان بالىلارنىڭ يېشى ۋە تىل ھازىرلىقىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك. ئويۇنغا قاتناشقان چوڭلار كىچىكلەرگە ماسلىشىپ بېرىشقا ماھىر بولۇشى لازىم (بەك زۆرۈر بولسا ئەلۋەتتە پىچىرلاپ تۇرۇپ ئازراق ياردەم قىلساق بولىدۇ) ۋە ياكى ئاپا، دادا ئىككى گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، بالىلارنى تەڭ ساندا بۆلۈشۈپ ئېلىپ، ئىككى تەرەپ بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئوينىغاندا گۇرۇپپا باشلىقى ياكى ئەزالىرى يېڭى تۈر تېپىشتا بىر - بىرىگە ياردەم قىلسا بولىدۇ.

 12,357 total views,  1 views today

347 thoughts on “تىل ئويۇنى: يەنە قانداق تۈرلەرنى بىلىسىز؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.