دەسلەپكى يىللار ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئانا تىل، كىملىك تەربىيسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

بىزگە بۇرۇندىن پەرزەنت تەربىيەسى دىگەن ئۇقۇم ناتونۇش ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا پەرزەنت تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەن بىر مىللەت. يەنى ئائىلە تەربىيەسىدە ئەخلاقىي تەربىيەنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پەرزەنتلەرنى پەزىلەتلىك ئىنسانلاردىن قىلىپ تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش،  بالىلارغا ھۈنەر ماھارەت ئۈگىتىش، ئاتا مىراس كەسىپلەرنى ئىگەللىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ياشاشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئۇزاق دەۋىرلەردىن بېرى بىزدە بار ئىشلار... كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزگە قارىساقمۇ بىز بۈگۈن ئىلغار دەپ باشقىلاردىن ئۈگىنىۋاتقان چۈشەنچىلەرنىڭ بىزدىمۇ بۇرۇندىنلا بولغانلىقىنى ناھايىتى روشەن كۆرەلەيدىكەنمىز. قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇلۇغ ئالىم، مۇتەپپەككۇر، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» تە پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش ھەققىدە مەخسۇس بىر باپ يازغان ئىكەن. مەن توردىكى مەنبەلەردە بۇ باپتا يېزىلغان مۇنداق مىسرالارنى ئۇچراتتىم.

تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز-ئوغۇل،

ئاڭا تەربىيچى سەن ئۆزۈڭلا بول.

بۇ مىسرالار مېنىڭچە بىزگە بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنىتلىرىگە تەربىيەنى باشلاش لازىملىقىنى، پەرزەنىت ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇستاز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئوغۇل قىزغا ئۈگەت بىلىم ھەم ئەدەب،

بېرۇر ئۇ ساڭا ئىككى دۇنيادا نەپ.

بۇ مىسرالار بىزگە تەربىيەنىڭ كەڭ دائىرىسىنى كۆرسەتكەن. بىز پەرزەنىتلىرىمىزگە ياشاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھۈنەر-كەسىپ، بىلىملەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئىمانلىق، دىيانەتلىك، پەزىلەتلىك دۇرۇس ئىنسانلاردىن بولۇشنىمۇ ئۈگىتىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا بۇنىڭ ئىنكامى كاتتىدۇر. ئاتا-ئانا بۇ ئەجرى ئۈچۈن ئىككى دۇنيادا يۈزى يورۇق ۋە ئەزىزدۇر.

دېمەكچى بولغىنىم بۇلار بىز ئۈچۈن يېپيىڭى تىمىلار ئەمەس. بىز ھەم بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرگەن، ئىزدەنگەن ، ھەم ئۆزىمىزگە خاس بولغان ئەنئەنىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ياراتقان مىللەت ئىدۇق. لېكىن كېيىنكى دەۋىرلەردە بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىمىز سۇسلاشتى. ئەسلىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق. بولۇپمۇ بىز بالىلىرىمىز تۇغۇلغاندىن مەكتەپ ياشلىرىغا يەتكۈچە ئاساسلىقى بالىلىرىمىزنى باقتۇق، لېكىن تەربىيلىمىدۇق. دەسلەپكى يىللار تەربىيىسى دىگەن ئۇقۇمنى بىز بەك تار دائىرىدە چۈشىنىپ ئەمدىلەتىن بىز بۇنى دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەردە ھازىر ئومۇملاشقان زامانىۋى مائارىپ مېتۇدلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزدە ئەسلىدە بولغان ئېسىل ئەنئەنىلەرنى يادىمىزغا ئالغان ھالدا، ئەسلىمىزگە قايتىپ تۇرۇپ ئۈگىنىۋاتىمىز، ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز.  بۇ ھەقتە دەرىسخانىلار ئېچىلدى. بىزگە ھازىر بۇ ئۇقۇملار ئانچە ناتونۇش بولمىسىمۇ ، ئۈگىنىش سەپىرىمىز ئەمدى باشلاندى دەپ ئويلايمەن. دەسلەپكى يىللار تەربىيىسى ئاساسلىقى ئائىلە مائارىپى. ئاندىن بالا يەسلى باشلىغاندىن كېيىن بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىم بىر بۆلىكىنى يەسلىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ خىزمەتتە ئاتا- ئانا بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، يەنى ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىسى دەپ قارىساق بولىدۇ. چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ بىر ئەۋزەللىكى بار، يەنى دۇنيادا بىر بالىنى ھېچكىم ئۆز ئاتا-ئانىسىدەك چۈشەنمەيدۇ. بالىمىزنىڭ مىجەز خۇلقىنى، نىمىنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر خىل ئىشلارنى قانداق ئويلايدۇ، قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ، قانداق ئادەتلىرى بار؟ بۇنى بىز ئەڭ ياخشى بىلىمىز ھەم بالىلارمۇ بىزنىڭ باغرىمىزدا ئۆزىنى ئەڭ بىخەتەر ھىس قىلىدۇ. بۇ ئىشلار، يەنى بىر بالىنى چۈشىنىش ۋە بالا بىلەن بۇ خىل چۈشىنىشنىڭ ۋاستىسى بىلەن مۇشۇنداق يېقىن ۋە بىخەتەر بولغان بىر باغنىڭ بولۇشى بىر بالىنىڭ ئۈگىنىشىنى مۇۋەپپىيەتلىك ئېلىپ بېرىشتا بەك مۇھىم ئامىللار. چۈنكى ھەر بىر بالا ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا، ھەر بىر بالىنىڭ بىر خاسلىقى بار. بىز ھەممە بالىلارغا ئورتاق بولغان ئومومىي بىلىملەردىن سىرىت، ئەنە شۇ بالىمىزنىڭ خاسلىقىنى چۈشەنسەك بالىنىڭ ئۈگىنىشىنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى ئاسانراق پىلان قىلالايمىز. ئاتا- ئانىدا نەق مۇشۇ مۇمكىنچىلىك بار. يەنى ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئۈگىنىش پائالىيىتىنى ئىندۇۋىداللىققا ئىگە قىلالايدۇ، يەنى بالىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان بىرى بولۇشتەك مۇشۇ ئەۋزەللىك بىلەن مۇشۇ بالىغا ئەڭ ماس كەلگەن، ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان بىر شەكىل، ئۇسۇل ۋە مېتودنى تېپىپ چىقالايدۇ.

بۈگۈنكى بالىلىرىمىزنىڭ، مەيلى ۋەتەن ئىچىدىكى بولسۇن مەيلى چەتئەلدىكى بالىلار بولسۇن شارائىتى باشقىچە، ئېھتىياجلىرىمۇ ھەم شۇنداق. بىزنىڭ بالىلىرىمىز چەتئەللەردە تۇغۇلغان تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇرلار بولۇپ ياشاۋاتىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ تىلىنى ئۈگىنىش، دىنىنى ئۈگىنىش، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىش، ۋەتەنسىز تۇرۇپ شۇ ۋەتەننىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىش، ئۆز مىللىتىنىڭ قانداق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇش ۋە شۇ مىلللەتتىن بولۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋە شۇنداقلا ئېغىر ۋەزىپىسى بار. بىزنىڭ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەم پۈتۈنلەي مۇشۇ بالىلارغا باغلىق. ئۇلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى يارىتىدۇ. ئۇلارنىڭ قانداق بىر ئەۋلاتلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر كەلگۈسىنى يارىتىشى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە بىزنىڭ ئائىلە مائارىپىمىزغا، ئاتا-ئانىلارنىڭ قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتەلىشىگە باغلىق. شۇڭا بۇ يەردىكى تەربىيە خىزمىتىمىزدە بۇرۇنقى ھېچقانداق بىر دەۋردە بولمىغان بىر ئويغىنىش ۋە تىرىشچانلىق بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.

بىز ياشاۋاتقان بۇ ماكان ۋە زامان بىزدىن بالىنى ساغلام بېقىپ چوڭ قىلىدىغان، يەنى بالىغا مەززىلىك تاماقلارنى ئېتىپ بېرەلەيدىغان، ساغلاملىقىغا، ئامانلىقىغا مەسئۇل بولىدىغان، مېھىر مۇھەببىتىنى بېرىپ كۆيۈنۈپ باقىدىغان مېھرىبان ئاتا- ئانا بولۇشتىن سىرىت، بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپلا باشلىنىدىغان ئائىلە مائارىپى ھەققىدىكى زۆرۈر بىلىملەرنى ئىگەللىگەن ئوقۇتقۇچى، تەربىيچى بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. خوشاللىنارلىقى ھازىر ئانىلاردا مانا مۇشۇ بىلىملەرنى ئۈگىنىش قىزغىنلىقى شۇنداق يۇقىرى. بۇ ئىزدىنىش روھىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىزغا يارىشا ئاللاھ خالىسا بالىلىرىمىز ھەم مۇشۇ ئالاھىدە دەۋردە، مىللەتنىڭ ئېغىر خاراپ ھالى ئۇلارغا يۈكلەۋاتقان ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئالالايدىغان، دىنىنى ۋە كىملىكىنى تونۇغان، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن، ھەقىقىي ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقار. بىزگە شۇ كۈنلەر نىسىپ بولسۇن.

 

دەسلەپكى يىللار ئائىلە مائارىپى دېگىنىمىزدە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى كاتاگورىيەلەر بويىچە بولىدۇ. يەنى بالىلارنى ساغلام ئوزۇقلاندۇرۇش، ئۇلارنى ساغلام جسمانى ۋە روھى ساپاغا ئىگە چوڭ قىلىش، شەيئىلەرنى، دۇنيانى تونۇشتۇرۇش، ئەقلى ئېقتىدارىنى قېزىش ۋە چېنىقتۇرۇش، بىلىم ئۈگىنىش ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە چېنىقتۇرۇش، پەزىلەت تەربىيەسى، مىجەز خارەكتىر تەربىيەسى، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق چۈششەك ئىشلارنى مەزمۇن قىلغان ئۈگىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق جاپادىن قورقمايدىغان خارەكتىردە مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ياشاش ئېقتىدارى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلار. بىز بۇ خىزمەتنى بالىمىز تۇغۇلغان باشلاپلا باشلايمىز. بالىلار يەسلى باشلىغاندىن كېيىن بۇ خىزمەتلەر ئائىلە-يەسلى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ جانلىق بولىدۇ. لېكىن بالىغا ئانا تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، دىنىنى ئۈگىتىش، كىمىلىكىنى تونۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم خىزمەتنى بىزگە ھېچكىم قىلىپ بەرمەيدۇ. بۇ پەقەت ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتى. بالىلار ئۈچۈن بۇلارنى ئۈگىنىدىغان  ئائىلىدىن باشقا مەكتەپ يوق. بىزنىڭ ھەممە دۆلەتلەردە ئۆزىمىزگە يارىشا ئۇيغۇر جامائىتىمىز بار. لېكىن بالىلىرىمىز ئۆزلىرى چىقىپ  بۇ جامائەتكە ئارىلىشىپ ئۈگىنىپ كېتەلمەيدۇ. بولۇپمۇ كىچىك چاغلىرىدا. ئاساسلىق خىزمەت يەنىلا ئائىلىدە بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۈگىتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قولىدىن يېتىلەپ ئۇيغۇر توپىنىڭ ئىچىگە يەنە ئۆزى ئەكىرىدۇ. يەنى بۇ ئىجتىمائى توپنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلۇقنى تېخىمۇ ياخشى ھىس قىلىشى ۋە ياشىشىدا يەنىلا ئاتا-ئانىلار ھەر ۋاقىت يېتەكچى بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا مەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا بىزنىڭ دەسلەپكى يىللار ئائىلە مائارىپىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى بالىلارغا ئانا تىل ۋە كىملىكىنى ئۈگىتىش بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. بۇ بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا باشلىنىشى ۋە ئىزچىل ناھايىتى ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن داۋاملىشىشى زۆزرۈر بولغان مۇھىم ۋە تەخىرسىز خىزمەتتۇر.

 10,267 total views,  1 views today

202 thoughts on “دەسلەپكى يىللار ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئانا تىل، كىملىك تەربىيسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

  1. Maybelline Volum’ Express The Rocket 400 Blackest Black Washable Mascara No7 Lash Extender mascara coats lashes from root to tip for an instant lash extension effect. Enriched with volumizing spheres that layer upon each other, building beyond the visible tip and stretching lashes to amazing new lengths. Please provide the following information as it appears on one of your Rite Aid prescription labels: The Skin Deep ingredient hazard score, from 1 to 10, reflects known and suspected hazards linked to the ingredients. The EWG VERIFIEDв„ў mark means a product meets EWG’s strictest criteria for transparency and health. At the risk of sounding like Croydon’s answer to Gemma Collins, I’m pretty fussy about mascaras. In my younger years all I wanted was volume, volume and more volume. But after that unfortunate LVL incident, clumpy lashes just weren’t a good look on me anymore. Which means I basically exclusively use Glossier’s Lash Slick mascara, as it gives me length and curl with zero smudging. https://licensehub.in/community/profile/leahmoris861307/ In the video, Duff explains that she likes to use the beauty roller to “wake up her skin” and tackle those pillowcase lines she gets from sleeping on her face. She also suggests giving your neck some love, since it’s another place where pillow creases often show. Massage in general is very good for your skin, but if you have a tool such as this handy, you really have no excuse but to give yourself those 15 minutes of care everyday. This is already in my list of top products from 2017. I can’t say more. I am not travelling without it anywhere. Massage each desired area for 30-45 seconds. Use daily for optimum results. This is not your typical facial roller, and as such my top tip for getting the most out of it is to read the instructions and or watch the videos (see below). The roller comes with a double-sided sheet that has detailed diagrams and instructions for how to massage each part of the face. Different parts such as your forehead, browbone, undereye area, cheeks and jawline require different motions. For the first week or so, I had the pamphlet beside me and consulted it for every part of my face until I got the hang of things.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.