بالىلار بىلەن سۆھبەت: ئۇيغۇرچە (ئانا تىل) بىز ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

تۈنۈگۈنكى ئانا تىل دەرسىمىزدە، ئوسلو ئۇيغۇر مەكتىپىدە مەن بالىلاردىن «ئۇيغۇرچە (ئانا تىل) نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟» دەپ سوراپ باقتىم. بالىلار بىر دۇنيا، بىز سىرىنى ئېچىپ بولالمىغان بىر دۇنيا، دەپ ئويلايمەن. بۇ سوئالغا ئاجايىپ جاۋابلار چىقتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ماڭا تەسىر قىلغانلىرىنى سىلەرگە دەپ بەرسەم، بىرسى «ئۇيغۇرچە دېگەن مۇھىم»، دېۋىدى، «نېمىشقا مۇھىم؟» دېسەم، «مەن ئۇقمايمەن، نېمىشقىلىقىنى، لېكىن، ئۇيغۇرچىنى بىلمىسەك بولمايدۇ» دېدى. مەن: «سېنىڭ جاۋابىڭ توغرا، بالام. بەزى نەرسىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى دېيىشىمىزنىڭ بەلكىم ئانچە زۆرۈرىيىتى يوقتۇ» دېدىم. يەنە بىر قىزىمىز: «ئۇيغۇرچە بىلمىسەك، ئاپىمىزنىڭ، دادىمىزنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيمىز. مەن ئاپام بىلەن دادامغا نورۋېگچە گەپ قىلسام، بالام، گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىم دەيدۇ» دېدى. ئۇ قىزىمنىڭ ئاتا-ئانىسى نورۋېگچىنى ياخشى سۆزلەيتتى. ئۆيدە شۇنداق دەپ تۇرىۋالىدىكەن-دە، دەپ ئويلىدىم. يەنە بىر بالام : «مەن ئۇيغۇرچىنى بىلمىسەم، ۋەتەنگە تېلېفون قىلسام، مومام گېپىمنى ئۇقمايدۇ» دېدى. «توغرا، ئاپىرىندېدىم. يەنە بىرسى: «بىز ئۇيغۇرچىنى بىلمىسەك، كېيىن چوڭ بولغاندا، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇيات بولىدۇ» دېدى. «توپ-توغرا، قىزىمدېدىم. يەنە بىر قىزىم : «نورۋېگلار بىزدىن: ‹سەن ئۇيغۇرمۇ؟ دەپ سورىسا، بىز ھەئە، دېسەك، ئۇنداقتا سەن ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشنى بىلەمسەن؟ دېسە، بىز: ‹ئازراق بىلىمەن ياكى بىلمەيمەن دېسەك، ئۇلار: ‹ئۇنداقتا، قانداق ئۇيغۇر سەن؟ دەپ قالسا…» دەپ توختاپ قالدى. «شۇنىڭ بىلەن قانداق بولىدۇ؟» دېسەم، «شۇ، بولمايدۇ» دەيدۇ. «توغرا، قىزىم، بولمايدۇ» دېدىم. يەنە بىر بالام : «نورۋېگلار دېگەن نورۋېگچىسىغا بەك ئۇستا» دېۋىدى، «بىزمۇ ئۇيغۇرچىغا ئۇستا بولمىساق بولمايدۇ-ھە؟» دېسەم، «ھەئە» دەپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇردى.

ئۇيغۇرلۇقىنى تونۇمىغان، ئانا تىلىنى سۆيمەيدىغان بالا يوقتۇر. ھەر بىر بالا ئانا سۈتى بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدىغا، يۈرەكلىرىگە سىڭىپ كەتكەن ئۇيغۇرلۇق ھىسلىرى ۋە مۇھەببىتى بىلەن ياشايدۇ. بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتىمىز شۇكى بۇ تۇيغۇلارنى، بۇ ئۇيغۇرلۇق مۇھەببىتىنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن، زېھنىمىزنى قويۇپ پەرۋىش قىلىش ۋە كۆكلىتىشتۇر. 

 1,672 total views,  1 views today

Comments

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.