دەسلەپكى سۆز

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتا-ئانىلار. دەرسخانىمىزغا خۇش كەلدىڭلار. دەرسلىرىمىزنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئۆزۈمنى ۋە دەرسخانىمىزنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى تەييارلىدىم. مەن پېداگوگ، بالىلار پسىخولوگى، تىلشۇناس ۋە ياكى ئوقۇتقۇچى ئەمەس. بۇرۇن مەنمۇ ئاددىي بىر ئانا ئىدىم، يەنى ئىشقا بېرىپ كېلىپ، بالىلىرىمنىڭ قورسىقىنى توقلاپ، يۇيۇپ-تاراپ، ئۆز تۇرمۇشۇمنىڭ كويىدا ياشايدىغان بىر ئانا ئىدىم. لېكىن ئالاھىدە بىر دەۋردە ياشىغان ئانا …
Continue reading دەسلەپكى سۆز

 1,788 total views

مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى ئانا تىل تەربىيىسى- 12 ئايلىقتىن 24 ئايلىققىچە

 بىر ياشلىق بالىلار مېڭىشقا باشلايدۇ. ئۇلار ماڭغانكەن دۇنيانى بېلىش پائالىيىتىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ. بىز ئىلگىرى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ كۆرسەتكەن نەرسىلەرنى ئەمدى ئۇلار ئۆزلىرى مېڭىپ بېرىپ ئېلىپ باققۇسى كېلىدۇ. ھەممە نەرسىنى تۇتۇپ، تارتىپ باققۇسى كېلىدۇ. ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ ئۇچراتقان نەرسىلەرگە ئېسىلىپ، سىلاپ يۈرۈپ، ئەتراپىدىكى دۇنيانى قىزىقىش ئىچىدە تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ. يەنى بالىلار تۇغۇلغاندىن باشلاپ بىز ئۇلارغا ئەتراپىدىكى كۆرگەن شەيئىلەرنىڭ …
Continue reading مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇنقى ئانا تىل تەربىيىسى- 12 ئايلىقتىن 24 ئايلىققىچە

 2,591 total views

دەسلەپكى يىللار ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئانا تىل، كىملىك تەربىيسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

بىزگە بۇرۇندىن پەرزەنت تەربىيەسى دىگەن ئۇقۇم ناتونۇش ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا پەرزەنت تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەن بىر مىللەت. يەنى ئائىلە تەربىيەسىدە ئەخلاقىي تەربىيەنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پەرزەنتلەرنى پەزىلەتلىك ئىنسانلاردىن قىلىپ تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش،  بالىلارغا ھۈنەر ماھارەت ئۈگىتىش، ئاتا مىراس كەسىپلەرنى ئىگەللىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ياشاشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئۇزاق دەۋىرلەردىن بېرى بىزدە بار ئىشلار... كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزگە قارىساقمۇ …
Continue reading دەسلەپكى يىللار ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئانا تىل، كىملىك تەربىيسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

 10,014 total views